ئىراقتا زوراۋانلىق قايتا باش كۆتۈردى مۇشۇ ئاينىڭ 10–كۈنى ، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا ئۆلۈۋېلىش خاراكتىرلىك ئاپتوموبىلبومبا ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە 33 ئادەم قازا قىلغان ، 46 ئادەم يارىلانغان . بۇ—ئىراقتا ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىراقتا كۆرۈلگەن زوراۋانلىق باش كۆتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى ھىساپلىنىدۇ. كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹ھوقوق تالىشىشنىڭ كۈچىيىشى— ئىراقتىكى زوراۋانلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ .
بۇلتۇرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدىن بۇيان ، ئىراق بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىيۈزلۈك ياخشىلىنىشقا باشلىدى. بۇ يىل 1– ئايدا، ئىراقتىكى پەقەت 189 ئادەملا زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ھوجۇم ۋەقەلىرىدە قازا قىلدى. بۇ— 2003– يىلى ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئۆلۈم– يېتىم سانى ئەڭ ئاز بولغان بىر ئاي بولدى . ئەمما، 1– ئاينىڭ ئاخىرى ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ، زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ھۇجۇم ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ، شىئە مەزھىپىدىن بولغان ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار مۇقەددەس شەھەر كەربالاغا بېرىپ ، دىنىي خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھوجۇم ۋەقەلىرى ئارقا–ئارقىدىن يۈز بەردى . بۇ يىل 2– ئايدا، ئىراقتىكى ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
3–ئاي كىرگەندىن كېيىن ، ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەبىلە باشلىقلىرى، ئىراقلىق ھەربىيلەر ۋە ساقچىلار شۇنىڭدەك ئاۋام پۇقرانى نىشان قىلغان پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى. بۇ ۋەقەلەردە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 5–كۈنى، ھىرا شەھىرىدىكى چارۋا– مال بازىرىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىلبومبا ۋەقەسىدە 50 نەچچە ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. مۇشۇ ئاينىڭ 8– كۈنى باغداتتىكى ساقچى ئىنىستىتۇتىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 80 نەچچە ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:«ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ قايتا كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى— دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت ئاستىدا ، ئىراقتىكى ھەر قايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھوقوق تالىشىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن ئىبارەت» .
بۇ يىل 1–ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامىنت سايلىمىدا، ئىراقتىكى شىئە مەزھىپى، سۈننىي مەزھىپى ۋە كوردلاردىن ئىبارەت ئۈچ مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش كۈچىيىپ ، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى . شىئەلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا، مالىك شىئە مەزھىپىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيە—ئىسلام ئالىي كومىتېتى ۋە ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغان سادىر گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. سايلامغا قايتىدىن قاتناشقان سۈننىي مەزھىپى ئەنئەنىۋى كۈچ دائىرىسىنى قايتۇرىۋالغان بولسىمۇ، شىئە مەزھىپىنى ئاساس قىلغان مالىك ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئۇزۇندىن بۇيان گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى ھەمدە
ئامېرىكا ئارمىيىسى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، سۈننىي مەزھىپىنىڭ سىياسىي جەھەتتە چەتتە قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامىنت سايلىمىدىن كېيىن، كوردلارنىڭ تەسىر كۈچى تارىيىپ، مالىكنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى بىلەن ئاپتونومىيىلىك ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان كوردلارنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىمۇ ئىراقتىكى ھەر قايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى . بىر قىسىم كۈچلەر يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت ئاستىدا، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زوراۋانلىققا تاياندى .
2–ئاينىڭ27–كۈنى ،
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىلى8– ئاينىڭ31– كۈنىدىن ئىلگىرى ، ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ ، ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى؛ ئىراقتا قېپقالىدىغان 35 مىڭدىن 50 مىڭغىچە بولغان ئەسكەرنىڭ ئىراق ئارمىيىسىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى مال– مۈلكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى؛ قېپقالغان ئەسكەرلەرنىڭ2011–يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ئىراقتىن تولۇق چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . مۇشۇ ئاينىڭ8– كۈنى، ئىراقتا تۇرۇشلۇق
ئامېرىكا ئارمىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل 9– ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ، ئىراقتىن 12 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ، 14بېرىگادىنى 12بېرىگادىغا قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەنگىلىيىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق 4 مىڭ ئەسكىرىمۇ ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، بۇ يىل 7– ئايدا ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىدىغان بولدى.
بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ ، ئىراق ھەربىي ساقچىلىرى دۈچ كېلىدىغان رىقابەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى . نۆۋەتتە، ئىراقتا تەخمىنەن 200 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە ۋە 400 مىڭ كىشىلىك ساقچى قىسمى بولۇپ، ئۇلار
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قولىدىن، ئىراقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىخەتەرلىك بويىچە كونترول قىلىش ھوقوقىنى تەدرىجىي تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ھەربىي ئەسلىھەلەر ئىراق ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بىخەتەرلىكنى ساقلاش جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن ۋەزىپىلەر ئىراق تەرەپنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى _ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى«2009- 03- 16»