مۇقەددەس دەپ بىلىپ لېرا، ۋىناسنى،
ئالغانتىم كۈيۈمگە ئىلھام ئۇلاردىن.
مۇھەببەت ئىلھامغا مەبۇد – ئاساسنى،
تاپتىم يات ئەل ئەمەس، ئەمدى كۇچادىن.
كۇچانىڭ گۈزىلى – چېھرى قۇياشنى،
كۆردۈم مەن مىڭ ئەلا ۋىناس، لېرادىن...
* * *
قەدىمىي دەۋردە كۆپ ئۇلۇغ شائىر،
بېغىشلاپ يېزىپتۇ ساڭا قەسىدە،
پەرىشتەم، يۇرتۇڭدا مېھمانمەن ھازىر،
قەلبىمدە ئوت – يالقۇن سۆيگۈ ئەقىدە.
بولسامدىم لۇتفىدەك نەزمىگە ماھىر،
يازاتتىم شاھ داستان ئۆزۈڭ ھەققىدە.
ئەقىل ۋە گۈزەللىك جىسمىڭغا ھەمراھ،
بىر ئېسىل رىۋايەت ئاياندۇر ماڭا:
ئوت قىلىپ لاتاپەت – ھۆسنىنى ئىلاھ،
بەرگەنمىش بۇنىڭدىن يەتتىنى ساڭا.
ماگمىدىن ياراتمىش بەدىنىڭنى ۋاھ!
قۇياش يۈز، ئاتەش كۆز شاھىددۇر ئاڭا.
ياشنىغان تۇپرىقىڭ خىسلەتلىك بوستان،
سەن ئەسلىي ئامەتلىك ھۆر (جەننەت
قىزى)
ياراتتىڭ شاھ ئۇسسۇل، شاھ مۇقام – داستان،
ئىستېدات ساڭا يار، كۈي – سەنئەت
قىزى.
شوخ ‹‹كۈسەن بەزمىسى›› بارچىغا ئايان،
سەن ۋەتەن – دۇنيادا شان ھۆرمەت
قىزى.
ئۇچراتتىم قەدىمىي سۈرەتلىرىڭنى،
‹‹قۇمتۇرا››، ‹‹قىز قالغان›› مىڭئۆيلىرىدە.
ئاڭلىدىم تەرىپىڭ – سۈپەتلىرىڭنى،
سۇجۇپنىڭ بەربابى شاد كۈيلىرىدە.
چۈشەندىم ئاجايىپ قىسمەتلىرىڭنى،
سۇباشى قەلئەسى، سۇ بويلىرىدا.
بىكارغا كەلمىگەن ئىكەنغۇ پەرھاد،
ماچىندىن – قېشىڭغا، يۇرتۇڭ كۇچاغا.
رىغبىتىڭ ئاشىقنى، مەشۇق پەرىزات
باشلىغان مەردلىككە – مىڭئۆي قارارغا.
ئاھ، پەلەك نېمانچە رەھىمسىز، ۋاي داد!
باتۇرلار ئۇچراركەن بالدۇر قازاغا.
ۋە لېكىن غالىبتۇر سۆيگۈ، كەشىپ – ئىجاد،
تۆھپىكار روھ – ئەجرى بولمايدۇ شېھىت.
ياق، دەمسەن، ھازىرمۇ تىرىكتۇر پەرھاد،
ئۇنىڭغا جان بەرگەچ شائىر نىمشېھىت.
مىڭئۆيلەر مەۋجۇتتۇر، قۇرغۇچى ھايات،
ھېسابلىق ئالەم بۇ، بۇزغۇچى بىتچىت...
ئايلاندىم يۇرتۇڭنى زوقتا مۇپەسسەل،
ھەر ياقتا سېنىڭ ھەم پەرھادنىڭ ئىزى.
ھەقلىقسەن غۇرۇرغا، ئالقىشقا گۈزەل،
سەن مېھنەت، كەشىپ – ئىجاد، تۆھپە يۇلتۇزى.
گۈدۈكلەر، بۇرغىلار ياڭرىتار غەزەل،
بۇ ئېسىل دىيارىڭ بايلىق دېڭىزى.
مەن سېنى ئۇچراتتىم ھەممىلا يەردە،
شەھەردە، يېزىدا، سەھنە ئۈستىدە.
زەر باسقان دوپپاڭنى كۆرسە ئەگەردە،
خىجىللىق بەرق ئۇرار گۈلنىڭ ھۆسنىدە.
سەندىكى ماھارەت، پاك ھالال تەردە،
مۆجىزە، گۈزەللىك يۇرتىڭ ھۆسنىدە.
قىزىقىپ يۇرتۇڭغا، سەنئەت ھۈنەرگە،
ئۈزۈلمەي كېلەركەن بۇندا چەت ئەللىك.
‹‹مىڭئۆي›› دە قەدىمىي، يېڭى شەھەردە،
ئايلىنىپ، تاپاركەن كۆڭلى خۇرسەنلىك.
ئوخشىتىپ قولۇڭنى ئالتۇن، گۆھەرگە،
دەيدىكەن: ‹‹دانىشمەن ئىكەن كۈسەنلىك››!
بىر كەچتە... قەلبىمنى سالدىڭ لەرزىگە،
سېھىرلىك ئۇسسۇلدا ئايتىللا * كەبى.
شان – ئالقىش، گۈل ياغدى ساڭا – سەھنىگە،
ئىكەنسەن پەرىدەك گۈزەل، پاك، سەبى.
چۆمۈلدۈم ئۆمۈرلۈك بەخت پەيزىگە،
شۇ ئاخشام ئېسىمدىن چىقماس ئەبەدى.
ئەي كۇچا گۈزىلى، تالانت، خىسلەتتە،
قايىل ۋە مەھلىيا قىلدىڭ سەن مېنى.
ئاقاركەن جىسمىڭدا ئەسلىي سۈپەتتە،
ئەجدادنىڭ، نىساخان ئانىنىڭ قېنى.
رۇخسەت قىل، ‹‹سەنئەتكە، پاك مۇھەببەتكە
مۇئەككەل پەرى›› دەپ ئاتايمەن سېنى...
* دۇنيا سەنئەت بايرىمىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن كۇچالىق ئايتىللا قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، مامۇت زايىت