جۇڭگونىڭ داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى _ ئادىلجان سۇلايمان
[attachment=17623]
ئادىلجان سۇلايمان 1965-يىلى 8-ئايدا خوتەندە تۇغۇلغان. دادىسى سۇلايمان تۇردى 50-، 60-يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ ۋالىبول چولپىنى بولۇپ، ئادىلجان دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن باشلاپلا توپ ئويناشقا ھەۋەس قىلغان،
قىزىققان. 1980-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ پۇتبول سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان؛ ۋاسكېتبولغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى، ئويناشتىكى يۇقىرى ماھارىتىگە ئاساسەن 1981-يىلى ئۇ شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان؛ 1982-يىلى دەندوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىر سەكرەپلا مەملىكەت بويىچە ئون كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، ئادىلجان پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان؛ «خەلق گېزىتى» «جۇڭگودىن چىققان بوتېر» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئادىلجاننى دۇنيا ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخس-ئامېرىكىلىق پاكار بوتېرغا ئوخشاتقان؛ 1983-يىلى 4-ئايدا ئۇ شىنجاڭ ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان، شۇ ئايدا يەنە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئىنسىتىتوتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1983-يىلى 9-ئايدا جياڭشىنىڭ گەنجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش چولپانلار كوماندىسى مۇسابىقىسىدە ئادىلجان قاتناشقان كوماندا دۆلەت ئىچىدە باشقىلار يېڭىپ باقمىغان «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسىنى يېڭىپ بىراقلا غەلىبە قىلغان؛ ئادىلجاننىڭ تېز قوزغىلىش، ھۇجۇمغا تەشكىللەش قابىلىيىتىنىڭ پەۋقۇلئاددىلىكىگە ئاساسەن ئۇ جۇڭگو «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسىغا تاللىنىپ، بۇ كوماندىغا كىرگەن تۇنجى ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچى بولۇپ قالغان.
[attachment=17627]
1985-يىلى جېڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بولغان؛ 1986-يىلى مەملىكەتلىك چېمپىيۇنلار بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ دۆلەتلىك ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان. 1986-يىلى فىلىپپىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ياشلار ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇ قاتناشقان كوماندا چېمپىيون بولغان؛ 1987-يىلى ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ ئاسىياغا ۋاكالىتەن ۋاسكېتبول ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى، شۇنداقلا بۇ مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشىشتەك ئالىي شان-شەرەپتە ئادىلجاننىڭ يۈكسەك تالانتى، پەۋقۇلئاددە ماھارىتى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. شۇقېتىمدا، جۇڭگونىڭ «دۇنيا ۋاسكېتبول مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ باقمىغان دۆلەت» بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن.
1992-يىلى ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن شان-شەرەپ قازانغان. 1993-يىلى ھىندېنوزىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 17-نۆۋەتلىك ئاسىيا ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە، ئۇ «بىرىنچى دەرىجىلىك ۋاسكېتبولچى» بولۇپ باھالانغان. 1994-يىلى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار بولغان ئىتالىيە، ئىسپانىيە كوماندىلىرىنى يېڭىپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئون كوماندىنىڭ بىرى بولغان؛ ئادىلجان «دۇنيا ۋاسكېتبول ساھەسىدە كەم ئۇچرايدىغان ئارقا سەپ ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
1996-يىلى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئون مەشھۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان؛ 1997-يىلى دۇنيا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «يەرشارى ۋاسكېتبول ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان مەشھۇر كىشى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىش بىلەن
ئامېرىكا NIKE تەنتەربىيە ماگىناتىنىڭ «يەر شارى تەنتەربىيىسىگە تۆھپە قوشقان كىشى» لەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ تاللانغان. بۇ كاتتا ئىمتىيازغا جۇڭگودىن ھازىرغىچە ئادىلجان بىلەن يەنە ئىككى كىشى ئېرىشكەن. ئادىلجان جۇڭگو تەنتەربىيە تارىخىدا دۆلەتلىك كوماندىغا ئەڭ كۆپ ھەم ئۇزاق تەكلىپ قىلىنغان بىردىنبىر تەنھەرىكەتچى.
بۇ ئۇنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىنىڭ رەسىمى
[attachment=17628]
[attachment=17629]