ئاساسىي تېما : ئېرلاندىيەئاۋاتلىقى:2175ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 40

پۈتۈك سانى: 1431
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1511 نوقتا
پۇل : 15110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:8155(سائەت)

 ئېرلاندىيە



ياپيېشىل دۆلەت 
ئىنگلىز تىلى:Republic of Ireland
 قىسىقىچە نامى:Eire
پايتەخت:دۇبلىن

ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئىرلاندىيە ئارىلىغا جايلاشقان دۆلەت.
 يەر مەيدانى 70282 كۋادرات كىلومېتىر
 ئاھالىسى:4156119(2008-يىلى 6- ئاي)بۇنىڭ %98.7 ئىرلاندىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا كىلىت، دانىيىلىكلەر، نورمانلار، شوتلاندىيىلىكلەر، ئىنگلىزلار بار. ئاھالىنىڭ %90 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىرلاندىيەتىلى  بىرىنچى دۆلەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ئىككىنچى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئېرلاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئېرلاندىيە ئارىلىغا جايلاشقان، تولۇق نامى <ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى>. دۆلەت نامى شۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەت ئېرلاندىيىلىكلەرنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. بۇ جاينى مىلادىدىنبورۇن رىملىقلار Hibernia، قەدىمكى يۇنانلىقلار Ierne، كارتىلار Erin دەپ ئاتاشقان. ئۇنىڭ نامى ئادەتتە كارىت تىلىدىكى iar سۆزىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، مەنىسى <كەينى تەرەپ> بولۇپ، كۆچمە مەنىسى <غەرب>،چۈنكى بۇ ئارال ياۋروپانىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ خىل نام يەنە ئېھتىمال قەدىمكى كارىت تىلى ۋە قەدىمكى ئارىئان مىللىتىدىكى Iverni, Ierni ياكى Erni دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن، شىمالىي ياۋرۇپادىكى ۋېرگىنلەر بۇ ئارالغا كەلگەندىن كېيىن، نامىنىڭ كەينىگە  land سۆزىنى قوشۇپ، ھازىرقى Ireland نامى پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <غەرب دۆلىتى> بولىدۇ. 1169 - يىلى ئانگىلو ساكسونلار بۇ ئارالنى بويسۇندۇرغان؛ 1801 - يىلى ئانگىلو ساكسونلار بۇ ئارالنى بويسۇندۇرغان؛ 1801 - يىلى ئېرلاندىيە - ئەنگلىيە بىرلىشىپ <بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى> نى قۇرغان؛ 1921 - يىلى ئېرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26ۋىلايەت <ئەركىن فېدىراتسىيە> بولۇپ قۇرۇلغان؛ 1937 - يىلى 4- ئاينىڭ 18 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى <ئېرلاندىيە> دەپ بېكىتكەن. 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان.500 مىڭ، ھەممىسى ئېرلاندىيىلىك. پايتەختى دۇبلىن. پۇل بىرلىكى ئېرلاندىيە فوندى.
يەر مەيدانى 70.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 500 مىڭ، ھەممىسى ئېرلاندىيىلىك. پايتەختى دۇبلىن. پۇل بىرلىكى ئېرلاندىيە فوندى.

ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك بولۇپ، پاكار تاغلار، ئېدىرلىقلار بار، ئوتتۇرا قىسمىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى مۆتىدىل ھەم يىللىق بولۇپ، دېڭىز  ئوكيان خاراكتېرلىكى كۈچلۈك بولىدۇ. يامغۇر مىقدارى مول، شۇڭا ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئىرلاندىيە قەدىمدىن تارتىپ كىلىت خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي. 12 - ئەسىردىن باشلاپ ئىنگلىزلار تەسىرىنى كىرگۈزۈشكە باشلىغان. 1801 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىرلاندىيە ئوتتۇرىسىدا  تۈزۈلگەن ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى بويىچە، <بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئىرلاندىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ قۇرۇلغان. 1921 - يىلى 12 - ئايدا ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26 ئورۇن ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، شىمالدىكى ئالتە ئورۇن يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قېلىۋەرگەن. 1937 - يىل ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. بىراق يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1949 - يىلى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان. ئىرلاندىيە ئىقتىسادتا سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە  ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %29نى تەشكىل قىلىدۇ (1983). پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 4دىن 3 قىسمىنى ئوت - چۆپلۈكلەر بىلەن چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن دۆلەتتىكى 12 مىليون مو تېرىلغۇ يېرىنىڭ %90 دە چارۋىچىلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەم - خەشەك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، قوي،چوشقا، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلۋا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى مۇھىم كىرىم مەنەسى ھېسابلىنىدۇ، سانائەتتە ئېلېكتر، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ 1973 - يىلدىن باشلاپ ياۋروپا ئورتاق بازىرىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن.


ئېرلاندىيە 12 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ، 1937 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان. شۇ يىلى تۈزۈپ چىققان ئېرلاندىيە دۆلەت بايرىقى يېشىل، ئاق، قىزغۇچ، سېرىق رەڭلىك تىك يوللۇق بولۇپ، يېشى رەڭ يەرلىك گالايكا ۋە نورمانان سىستېمىسىدىكى  ئاھالىلەرنى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇرۇشتا ئورېنخ پادىشاھى پېرۋېليامنى قوللىغان كىشىلەرنى، يەنى ئەنگلىيە ۋە شوتلاندىيە ئاھاللىرىنى، ئاق رەڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلارچە مۇھەببىتىنى بىلدۈرگەن.
يەنى بىر خىل چۈشەندۈرۈش خرستوسلارنىڭ مۇھەببەت روھى بىلەن تولغان بولۇپ، يېشىل رەڭ ئېرلاندىيىدىكى كاتلىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلارنىڭ بەلگىسى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ پوتېسىتانت دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچىلارنى، ئاق رەڭ ئۈمىدىنى يەنى كاتولىك دىنىدىكىلەر بىلەن پروتېستانت دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى مەڭگۈ توختىتىپ، ئىتتىپاق ۋە دوستانە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دېىيىلگەن.


 دۆلەت گېربى كۆپ خىل نۇسخىدا بولغان، مەسلەن، ئېرلاندىيىنىڭ دۆلەت گۈلى بولغان ئاق ئۇچقۇلاق بىلەن سان پاترىك كرېسىت دۆلەت گېربىگە سىزىلغان. 1919 - يىلىدىن كېيىن ھۆكۈمەت كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چىلتارنى دۆلەت گېربىگە تاللىغان ھەمدە ئۇنى تېگى كۆك قالقانغا سىزدۇرۇپ، دۆلەت گېربى ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئىرلاندلار


ئىرلاندلار ئۆزىنى <گېللار> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئىرلاندلار ئىرقى جەھەتتە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك - بالتىق تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى كېلىت تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ گېل تىللىرى تارمىقىغا تەۋە گېل (ئىرلاند) تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار، بىراق مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشلەر ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
ئىرلاندلار ئاساسەن  كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەنگىلىيىدىكى باشقا مىللەتلەردىن پەرق قىلىدىغان مۇھىم بەلگىسى. ئىرلاندلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئىرلاندلار ئۇزاق تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت. ئىرلاندىلار شوتلاندلار بىلەن ئوخشاش مەنبەگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى كېلىت قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان گېللار بولۇپ، ئۇلار ئىبېرلار، فېربۇئېرگىلەر ۋە پىكتىلار، كېيىن بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن نورۋېگلار، نورمانلار، ئەنگلو - ساكسۇنلار ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلۇشىدىن گېللارنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان ھالدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن مىللەت.
ئىرلاندىلاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ھەمدە بىر جۈپ ئەر - خوتۇنلار شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈش ئادەتكە ئايلىنىپ خېلىلا ئومۇملاشقان.
ئىرلاندلار ياۋروپا مىللەتلىرى ئىچىدە، ئىجتىمائىي، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سرتقا ئەڭ كۆپ كۆچكەن مىللەت بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىرلاندىيىدىكى نوپۇسى ئىزچىل ھالدا تۇراقسىز بولۇپ كەلگەن.
ئىرلاندلار ئىنگلىزلاردەك كىيىم-كېچەك، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە مودا قوغلىشىپ، سۆلەتۋازلىق قىلمايدۇ، مەرتىۋەسۈرۈشتۈرمەيدۇ، بىر قەدەر ئەركىن كېلىدۇ، گەپ - سۆز ۋە كىشلەر بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرىدا ئەدەپ - قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئىرلاندلار سەمىمىي، قىزغىن ۋە مېھماندوست كېلىدۇ، مېھمانلىرىنى قەلئە ئىچىگە مېھمانغا چاقىرىپ، مەي، توخو كاۋىپى، كولباسا قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن كۈتىۋالىدۇ.
ئىرلاندلار مول ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىىرغا ئىگە مىللەت؛ ئىرلاندلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر <ئىدا>، <ساكا> قاتارلىق ئېپوسلىرى بولۇپ، بۇ ئاساسەن قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى داستانلار تىپىغا كىرىدۇ.
ئىرلاندلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئىچىدە مۇزىكا بىلەن ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش مەشھۇر بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇ پائالىيەتلەرنى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
ئىرلاند ئاياللىرى چىۋەر، ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. شۇڭا يېزىلىرىدا ئائىلە خوجايىنى ئاساسەن ئايال بولۇپ، ياۋروپا مىللەتلىرى ئاياللىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئىرلاندىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايرىمى ئالۋاستىلار بايرىمى بىلەن قوغداش پىرى - پاتىرىكنى خاتىرلەش كۈنى بايرىمىدىن ئىبارەت.
ئىرلاندلاردا گۈل - گىياھ، ياۋايى ھايۋانات ۋە دەل - دەرەخلەرنى ئاسىراش بىر خىل قائىدىگە ئايلانغان، خىلاپلىق قىلغۇچىلار كىشلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ.



 



 



http://baike.baidu.com/view/596018.htm
http://baike.baidu.com/view/17773.htm

  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2008-07-08 16:13 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 40

پۈتۈك سانى: 1431
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1511 نوقتا
پۇل : 15110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:8155(سائەت)

 

رەسىم:




 
 

 




 

 


  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2008-07-08 16:19 | 1 -قەۋەت


ئوھۇشتە..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 7

پۈتۈك سانى: 739
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 753 نوقتا
پۇل : 7530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2091(سائەت)

 

لوندوننىڭمۇ سۆرەتلىرىنى قوشۇپ قويۇپسىز ئۈكەم.

ئۈمىد ئۇزۇن ئۆمۈردىن!

Posted: 2008-07-08 17:11 | 2 -قەۋەت


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 30

پۈتۈك سانى: 2601
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2662 نوقتا
پۇل : 26620 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2517(سائەت)

 

ھەقىقەتەن چىرايلىق دۆلەتكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ شىنجاڭمۇ مۇشۇنداق يېشىللىققا پۈركۈنىدىغۇ تازا~~~~

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2008-07-08 20:05 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1477
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1479 نوقتا
پۇل : 14790 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1236(سائەت)

 

ھەققى يېشىل گۈزەل دۆلەت ئىكەن.



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2008-07-08 22:38 | 4 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 19

پۈتۈك سانى: 3281
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3321 نوقتا
پۇل : 33210 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10428(سائەت)

 

سۇنىڭ ئوتتتتتتتتتتتتتتۇرىدىكى يەر بۇ .... بارسام رېماتىزىم بوپ كېتەرمەنمۇ ؟

To be or not to be

Posted: 2008-07-09 00:00 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 24
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 24 نوقتا
پۇل : 240 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6(سائەت)

 

ھەقىقەتەن گۇزەلكەن
Posted: 2008-07-09 03:25 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ساياھەت

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation