- مەنبە: news.sina.com.cn
2011-04-20 12
مىيۈن تاغلىق رايونىدىكى دېھقانچلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق لى xx ئۆزىنىڭ 14 ياشقا توشمىغان
قىزى شياۋلوغا كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 12 يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.
لى xx نىڭ ئايالى ۋاڭ خانىم ئېرىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى.
يېقىندا مىيۈن سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككىيلەننىڭ ئاجرىشىشنى تەستىقلاپ، شياۋلۇنى ۋاڭ خانىمنىڭ بېقىشىغا بۇيرۇپ بەرگەن.
ئەر باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قامالدى
لى xx بىلەن ئايالى ۋاڭ خانىم ھەر ئىككىسى مۇشۇ كەنتلىك بولۇپ، 1995-يىلى 12-ئايدا توي قىلغان، ئىككى يىلدىن كېيىن شياۋلو تۇغۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى ۋاڭ خانىم ئېرى لى xx نىڭ كىچىك شياۋلوغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بايقاپ تېزلىكتە ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
شىكايەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 2007-يىلىدىن 2010-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا، لى xx ئۆزىنىڭ ئۆيىدە،
قىزىنىڭ 14 ياشقا توشمىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆپ قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، ھەمدە
قىزىغا تەھدىت سېلىپ، بۇ ئىشنى ئاشكارلىساڭ، ئاناڭ بىلەن ئىككىڭنى ئۆلتۈرۋېتىمەن، دېگەن.
بۇ يىل 1-ئايدا، مىيۈن سوتى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، لى xx نىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن 12 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
ئايال ئېرىنى «ھايۋانغىمۇ يەتمەيدۇ» دېدى
لى xx قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ۋاڭ خانىم سوتقا نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزى سۇندى.
ۋاڭ خانىمىڭ دېيىشىچە، ئىككىيلەن توي قىلغاندىن كېيىن مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، لى xx نىڭ ئۆز
قىزىغا قىلغان بۇ ئىپلاسلىقى ھايۋاندىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىيلەنگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەن، ئىككىيلەننىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىنى قوغداش ئۈچۈن، سوتقا نىكاھتىن ئاجرىشى ئەرزى سۇنۇپ، شياۋلۇنى ئۆزى بېقىنشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ دېلو سوت قىلىنىش جەريانىدا، مىيۈن سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىسى تۈرمىگە بېرىپ لى xx نىڭ جاۋابىنى ئاڭلىدى. لى xx ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئىنتايىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى، ئايالىنىڭ ئارزۇسىنى ھۆرمەت قىلىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
15-ئاپرېل، مىيۈن سوتى ھۆكۈم چىقىرىپ مۇنداق دەپ قارىدى، لى xx نىڭ جىنايەت قىلمىشى ۋاڭ خانىم ۋە
قىزىغا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب ئېلىپ كەلدى، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بۇزۇلدى، شۇڭا ۋاڭ خانىمنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قوللاپ، شياۋلۇ ۋاڭ خانىمنىڭ تەربىيىسىگە بېرىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، باش سوتچى ھۆكۈمنامىدە، لى xx نىڭ جىنايەت قىلمىشى ئانا-بالا ئىككىيلەنگەن ئېغىر ئازاب ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لى xx ئويلىنىپ، بالدۇراق ئۆزگۈرۈپ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سوت ۋاڭ خانىمغا
قىزىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ قارا سايىدىن بالدۇراق قۇتۇلۇپ، خوشال تۇرمۇشنى كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلىشىنى نەسىھەت قىلىدى.
زىيارەت
كەنتنىڭ جىنسىي تەربىيىسى نۆل دەرىجىدە
مىيۈن سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى لى شاۋمىڭنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ كەنت، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان جىنسىي تەربىيىسى شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن كەمچىل. بۇ دېلو مىيۈن ناھىيسىدىكى يىراق تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، لى xx ئەر-خوتۇننىڭ ئوقۇش تارىخ يۇقىرى ئەمەس دېھقانلار، شياۋلوغا بولغان جىسىي تەربىيىمۇ نۆل دەرىجىدە، بۇ كۆپ قېتىم باسقۇچىلىق قىلىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئوبيېكتىپ سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لى شاۋمىڭنىڭ پىكىرى: كەنتتىكى ئانىلار قىزلىرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشى، بالىلىرىنىڭ جىنسىي جەھەتتىن ئۆزىنى قوغداش تونۇشىنى يېتىلدۈرىشى، ۋە جىسىي ھۇجۇملاردىن قوغدىنىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.
بايان
«بېقىش ھەققىنى ئالمايمەن، بالدۇراق ئاجرىشىپ كەتسەم بولدى»
ۋاڭ خانىمنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلغان سودىيەگە دېيىشىچە، لى xx نىڭ قىلمىشى، ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ كۆڭلىدە قارا سايە پەيدا قىلغان، بولۇپمۇ 14 ياشقا توشمىغان شياۋلوغا ئېغىر زەربە بولغان.
قىزىغا يېڭى مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزى ۋە
قىزى باشقا جايغا يۆتكىلىپ كېتىدىكەن.
ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: «شياۋلونىڭ ماڭا دېيىشىچە، دادىسىنى ئەپۇ قىلىپ، مېنىڭ ئاجراشماسلىقمنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بىراق مەن
قىزىم ئىككىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئاجرىشىشتا چىڭ تۇرىمەن».
نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزىنى سۇنۇلغان ۋاقىتتا، ۋاڭ خانىم روھىي تۆلەم ۋە بېقىش ھەققى دېگەنلەرنى تەلەپ قىلمىدى. ۋاڭ خانىم سوتچىغا، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ كۆپ مال-مۈلىكىمىز يوق، لى xx مېنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندۈردى، پەقەت بالدۇراق ئاجرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق مۇناسىۋەتتە بۇلۇشنى خالىمايمەن، دېگەن.