ئاساسىي تېما : ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرىئاۋاتلىقى:1125ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



بىر كېسەك ياراتساڭمۇ ،بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن .ل ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 1191
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1199 نوقتا
پۇل : 11990 RMB

تۆھپە قىممىتى: 2 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:196(سائەت)

 ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك نارات2 تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2011-04-18)
ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكلىرى
    ● ئەسىر [esir] — كالىندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى، بىر ئەسىر 100 يىلغا تەڭ. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسىر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى. چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەر 32 يىلنى بىر ئەسىر ھېسابلايتتى.
   
    ● قەرنە  [qerne]— مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجىرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ھىجىرىيىنىڭ شۇ ئېيى مىلادى يىلىنىڭ شۇ پەسلىنىڭ شۇ مەزگىلىگە ئاساسەن توغرا كەلسە بۇ چاغدا بىر «قەرنە» ۋاقىت ئۆتكەن بولىدۇ. يەنى مىلادىيىنىڭ 33- يىلى ھىجىرىيىنىڭ 34- يىلى بىر قەرنە ھېسابلىنىدۇ.
    مۆچەل يىل ھېسابىدا 12 مۆچەلنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى، يەنى 36 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.
    دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا دەۋرىيلىك مۆچەلنىڭ بەش قېتىم تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان 60 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.
    ● قەرن  [qern]— قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، 1 قەرن قەدىمكى 1 ئەسىر ۋاقىتنى بىلدۈرگەن. قەدىمكى ئىراننىڭ 1 ئەسىرى 30 يىل، چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ 1 ئەسىرى 32 يىل ھېسابلىناتتى.
    ● قىران  [qiran]— ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. ئادەتتە كىشىلەرنى «قىرانىغا يەتتى» دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش-نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران — تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولىدۇ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.
    ● يىل  [yil]— كالىندار ھېسابىدا يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت. بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت. 1 يىل تۆت پەسىل، 12 ئاي بولىدۇ.
    ● ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)[arqun] : ئارقۇن — كېلىدىغان يىل نامى.
    1. چاشقان يىلى [çaşqan yili]
    2. ئۇي يىلى [uy yili]
    3. يولۋاس يىلى [yolvas yili]
    4. توشقان يىلى [toşqan yili]
    5. بېلىق يىلى [béliq yili]
    6. يىلان يىلى [yilan yili]
    7. ئات يىلى [at yili]
    8. قوي يىلى [qoy yili]
    9. مايمۇن يىلى [maymun yili]
    10. توخۇ يىلى [toxu yili]
    11. ئىت يىلى [it yili]
    12. توڭگۇز يىلى [toñguz yili]
    ● ئۇن ئىككى بۇرج:
    1. ئارسلان [arslan] (ئەسەد بۇرجى)
    2. چايان [çayan] (ئەقرەب بۇرجى)
    3. ئوغلاق [oğlaq] (جەدى بۇرجى)
    4. قوشكېزەك [qoşkézek] (جەۋزا بۇرجى)
    5. سوغا [soğa] (دەلۋە بۇرجى)
    6. قىسقۇچپاقا [qisquçpaqa] (سەرەتان بۇرجى)
    7. ئۇي [uy] (سەۋر بۇرجى)
    8. كىز [kiz] (سۇنبۇلە بۇرجى)
    9. ياچاق [yaçaq] (قەۋس بۇرجى)
    10. تارازا [taraza] (مىزان بۇرجى)
    11. قوزا [qoza] (ھەمەل بۇرجى)
    12. بېلىق [béliq] (ھوت بۇرجى)
    ● تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۇم — قەدىمكى ئەجدادلار بىر يىل ئىچىدىكى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى ئەرتەياز (ئەتىياز، باھار)، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي بولۇپ، ئادەتتە 11-، 12- 1- ئايلار قىش پەسلىگە؛ 2-، 3-، 4- ئايلار ئەتىياز پەسلىگە؛ 5-، 6-، 7- ئايلار ياز پەسلىگە؛ 8-، 9-، 10- ئايلار كۈز پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.
    دېھقانلار كالىندارى بويىچە بىر يىل 24 مەۋسۈم بولىدۇ.
    ئەتىياز پەسلى:
        باش باھار (2- ئاينىڭ 4- ياكى 5- كۈنى)
        ئەگىز سۈيى (2- ئاينىڭ 19- ياكى 20- كۈنى)
        جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىكى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        چوكانتال (4- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        قىزىلكوس (4- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)
    ياز پەسلى:
        باش ياز (5- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        دان تۇتۇش (5- ئاينىڭ 21- ياكى 22- كۈنى)
        ئورما ۋاقتى (6- ئاينىڭ 6- ياكى 7- كۈنى)
        يازلىق كۈن-تۈن توختىشى (6- ئاينىڭ 22- ياكى 21- كۈنى)
        باش تومۇز (7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        تومۇز (7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
    كۈز پەسلى:
        باش كۈز (8- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        كۈزگى تېرىم (8- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
        ئاق شەبنەم (9- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىكى (9- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
        سوغۇق شەبنەم (10- ئاينىڭ 8- ياكى 9- كۈنى)
        قىروۋ چۈشۈكى (10- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
    قىش پەسلى:
        باش قىش (11- ئاينىڭ 8- ياكى 7- كۈنى)
        سېرىق قار (11- ئاينىڭ 23- ياكى ياكى 22- كۈنى)
        ئاق قار (12- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        قىشلىق كۈن-تۈن توختىشى (12- ئاينىڭ 22- ياكى 23- كۈنى)
        قارا سوغۇق (1- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        قاپاقياردى (1- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)

    ● ئاي [ay] — شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى. بىر ئاي ئادەتتە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29، 30، 31 كۈن بولىدۇ. قەدىمكى ئەجدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاينىڭ بەزىدە يۇمىلاق، بەزىدە كەمتۈك كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىرىش ئادىتىگە قاراپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم دەۋرىيلىشىشى ئۈچۈن 29 ياكى 30 كۈن ئۆتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن «ئاي» ھېسابى مۇقىملىشىپ، ئۇنى ۋاقىت بىرلىكى قىلىپ قوللانغان.
ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرى (مىلادىيە، ھىجىرىيە، شەمشىيە بويىچە ئاي ناملىرى)
    1- ئاي — ئوچاق [oçaq] (مىلادىيە: يانۋار، ھىجىرىيە: مۇھەررەم، شەمشىيە: ھەمەل)؛ بۇ ئاي يەنە «ئارام ئاي» دەپمۇ ئاتالغان. ئوچاق سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، ئەجدادلىرىمىز ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچكەندىن كېيىن، يىللىق تېرىمدىن كېيىنكى قىشلىق ئارام ۋاقتىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر چوڭ ئوچاقلار سېلىپ، ئوت قالاپ، ئوچاقلارنىڭ ئىسسىقىدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن، بۇ خىل چوڭ تىپتىكى ئوچاقلار شەھەرلەردىكى ئوردا سارايلاردا توققۇز ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ساندا چۈيۈندىن ياسىلاتتى، قاغانلار ۋە بەگلەر شۇ ئوچاقلار ئارقىلىق چوڭ چېدىر ياكى ئوردوگاھلاردا مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى. شەھەردىن يېزا-قىشلاقلارغىچە، ئوي-ئودالارغىچە ئوچاق سېلىناتتى، شۇڭا بۇ ئاي ئوچاق دەپ ئاتىلىپ قالغان؛ بۇ ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ «قارا سوغۇق» مەۋسۈمى كىرىدۇ.
    2- ئاي — ئۇي [uy] (مىلادىيە: فېۋرال، ھىجىرىيە: سەپەر، شەمشىيە: سەۋر)؛ ئۇي — بۇ سۆزنىڭ قەدىمكىرەك شەكلى ئۇد بولۇپ، كېيىن «د» تاۋۇشى «ي» غا ئاجىزلاشقان، كالا دېگەن مەنىدە، بۇ سۆزنى يەنە «ھۇت» تەلەپپۇز قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇد، شۇڭا بۇ شەمشىيە كالىندارى بويىچە مىلادىيە 12- ئاينى كۆرسىتىدىغان ھوت ئېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن؛ بۇ ئايدا دېھقانلار يىل بېشىدىكى تېرىم ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشىدۇ، ھەم يەرلەرنى ئۇيلار ئارقىلىق ئاغدۇرۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شەھەر، يېزا-قىشلاقلاردا توپ-توپ دېھقانلارنىڭ ئۇيلار بىلەن يەر ھەيدەپ تېرىقچىلىققا تەييارلىق قىلىشتەك چوڭ مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، بارلىق كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا تۇتۇنىدۇ. 2- ئاينىڭ 4-، 5- كۈنلىرىدىن باشلاپ «باش باھار» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
    3- ئاي — قوزا [qoza] (مىلادىيە: مارت، ھىجىرىيە: رەبىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: جەۋزا)؛ قوزا يۇلتۇزى — ھەمەل يۇلتۇزى، يەنى 3- ئايدىن باشلاپ كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز؛ بۇ ئايدا قوزا يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ، كىشىلەر قوي-قوزىلارنى سويۇپ نەۋرۇز ئېشى تەييارلاپ باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەر-قىشلاقلاردا توپ-توپ بايرام قىلىشىدۇ. 3- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنلىرىدىن باشلاپ جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى بىلەن باھار مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
    4- ئاي — ئۇمۇت [umut] (مىلادىيە: ئاپرېل، ھىجىرىيە: رەبىيەلئاخىر، شەمشىيە: سەرەتان)؛ ئۇمۇت — قەدىمكى بىر خىل جەڭ قۇرالىنىڭ نامى؛ بۇ ئايدا قاغانلار-بەگلەر ئۆز قوشۇنىنى تولۇقلايدۇ، دېھقانچىلىقتىن يېڭى بوشانغان ياش يېگىتلەر توپ-توپى بىلەن ئەسكەرلىككە قاتنىشىدۇ، تۆمۈرچىلەر جەڭ قۇراللىرىنى ياسىشىدۇ، يېڭى بىر يىللىق يۇرتنى قوغداش ۋە يىراقلارغا يۈرۈش قىلىش باشلىنىدۇ. 4- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنىدىن باشلاپ «چوكانتان» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
    5- ئاي — ئارسلان [arslan] (مىلادىيە: ماي، ھىجىرىيە: جامادىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: ئەسەد)؛ 5- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنىدىن باشلاپ «باش ياز» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
    6- ئاي — باشاق [başaq] (مىلادىيە: ئىيۇن، ھىجىرىيە: جامادىيەلئاخىر، شەمشىيە: سۇنبۇلە)؛ بۇ ئاي يەنە بۇغدايبېشى ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايدا ئاشلىق-دانلار، مىۋە-چېۋىلەر، زىرائەتلەر پىشىدۇ، بۇ ئاي ئورما ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ.
    7- ئاي — ئەرەن [eren] (مىلادىيە: ئىيۇل، ھىجىرىيە: رەجەپ، شەمشىيە: مىزان)؛ بۇ ئاينىڭ «ئەرەن» دەپ ئاتالغانلىقى تۈركىي تىللار دىۋانىدا قەيت قىلىنىدۇ. دىۋاندا، «تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ نامى؛ ئاي مەنزىللىرىدىن بىرىنىڭ نامى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئايدا ئەرەنلەر توپ-توپى بىلەن ئېتىزلاردا، باغلاردا ئەمگەك قىلىدۇ، شۇ مۇناسىۋەتتىنمۇ بۇ ئايغا «ئەر» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى «ئەرەن» نامى بېرىلگەن. 7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنىدىن باش تومۇز باشلىنىپ 7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى تومۇز باشلىنىدۇ، ھەمدە 8- ئاينىڭ بېشى ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا 7- ئاي مەزگىلى «تومۇز» ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    8- ئاي — چايان [çayan] (مىلادىيە: ئاۋغۇست، ھىجىرىيە: شەبان، شەمشىيە: ئەقرەب)؛ بۇ ئايدا چايان يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 8- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «باش كۈز» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
    9- ئاي — ياچاق (مىلادىيە: سېنتەبىر، ھىجىرىيە: رامىزان، شەمشىيە: قەۋس)؛ بۇ ئايدا ياچاق (ياي) يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 9- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «ئاق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
    10- ئاي — ئوغۇز [oğuz] (مىلادىيە: ئۆكتەبىر، ھىجىرىيە: شەۋۋال، شەمشىيە: جەدىي)؛ بۇ ئاينىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى مەنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قاغان بوۋىسى ئوغۇز قاغاننىڭ نامىنى يادلاش ئۈچۈن قويۇلغان. ئىككىنچى مەنىسى، بۇ ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئەل بويىچە قىشلىق تەييارلىق باشلىنىدۇ. يىگىتلەر قوشۇندىن ئائىلىسىگە قايتىپ ئەل جامائەت جەم بولۇشىدۇ. ئەرلەر ئۆي سېلىشىدۇ، قىشلىق يەم-بوغۇز تەييارلايدۇ، ماللارنى سويۇپ تەييارلايدۇ. خوتۇن-قىزلار سېيىرلاردىن سۈت (تۇنجى تامغان سۈت ئوغۇز سۈتى دېيىلىدۇ) ئېلىشىدۇ، بۇنىڭدىن قۇرۇت ۋە ئېرىمچىكلەرنى تەييارلايدۇ، بارلىق كىشىلەر بۇ ئايدىن باشلاپ قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىدۇ. 10- ئاينىڭ 8-، 9- كۈنىدىن باشلاپ «سوغۇق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
    11- ئاي — ئوغلاق [oğlaq] (مىلادىيە: نويابىر، ھىجىرىيە: زۇلقەدە، شەمشىيە: دەلۋە)؛ بۇ ئايدا ئوغلاق يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 11- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ «باش قىش» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
    12- ئاي — كۆنەك [könek] (مىلادىيە: دېكابىر، ھىجىرىيە: زۇلھەججە، شەمشىيە: ھوت)؛ كۆنەك — ① ياغاچ چېلەك (سوغا) ② سۇ قاچىسى؛ بۇ ئاي يەنە ئارا ئاي دەپمۇ ئاتالغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كونا يىل بىلەن يېڭى يىلنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاي دېگەن مەنىدە كېلىدۇ؛ بۇ ئاي يەنە «بېلىق» ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ 12- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «ئاق قار» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
    ● چىللە [çille] (چىللە ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، چىللە ئاتالغۇسى خەنزۇچىدىكى جۇ بىلەن باراۋەر) — «يازغى چىللە» ۋە «قىشلىق چىللە» دەپ ئايرىلىدۇ. خەنزۇلاردىكى «جۇ» قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ب ئىككى خىل ئاتىلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر چىللە 9 كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22- دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتىيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (3- ئاينىڭ 21- كۈنى) گىچە بولغان 81 كۈن 9 چىللىگە بۆلىنىدۇ.
    ● كەنجئاي [kencay] (ھەپتە) — كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ.
    ئەجدادلىرىمىز يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن يۇلتۇزنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن:
    1. ساقان [saqan] — دۈشەنبە (زۇھەل، ساتۇرىن يۇلتۇزى)؛ سەكەنتۇر، سەكەنتىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    2. ئوڭاي [oñay] — سەيشەنبە (ئوڭاي يۇلتۇزى يەنە ئۇيغۇرچىدا ئەرەنتىر، قاراقۇش دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان؛ مۇشتەرى، يۇپىتىر يۇلتۇزى).
    3. قۇرت [qurt] — چارشەنبە (مېرىخ، مارس يۇلتۇزى)؛ قۇرت — بۆرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى، قەدىمكىلەر بۆرىنى ئۇلۇغلىغاچقا ۋە ئۇنىڭدىن قورققاچقا، ئۇنىڭ نامىنى بىۋاستە ئاتىماستىن، ئۇنى قۇرت دەيتتى، بۆرە ئۆلتۈرسە، قۇرۇت ئۆلتۈردۈم دەيتتى؛ قۇرۇت، كۇرۇت، كۇرۇد دېگەندەك تەلەپپۇزلىرى بار.
    4. قۇياش [quyaş] — پەيشەنبە (قۇياش؛ كۈن).
    5. سەۋىت [sevit] — جۈمە (زۆھرە، چولپان، ۋېنېرا يۇلتۇزى).
    6. ئاتارۇت [atarut] — شەنبە (ئارزۇ، مېركورى يۇلتۇزى).
    7. يالچىق [yalçiq] — يەكشەنبە (ئاي، ئاي شارى).
    ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ئۇلارنى، باش كۈن (دۈشەنبە)، بوش كۈن (سەيشەنبە)، سوڭ كۈن (چارشەنبە)، كىچاتنا كۈن (پەيشەنبە)، ئاتنا كۈن (ئازنا-جۈمە)، ئاتناراس (شەنبە)، پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان.
    ● كۈن [kün] — كالىندار ھېسابىدا تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، قۇياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بىر كۈن بولىدۇ. بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر كۈن 24 سائەت بولىدۇ، كېچە سائەت 1 دىن 12 گىچە چۈشتىن بۇرۇن (چ ب) ھېسابلىنىدۇ. چۈش ۋاقىت سائەت 12 دىن كەچ سائەت 0 گىچە چۈشتىن كېيىن (چ ك) دەپ ھېسابلىنىدۇ.
    ● كۈندۈز [kündüz] — كالىندار ھېسابىدا قۇياش كۆتۈرۈلۈپ تاڭ ئېتىپ قوياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كۈندۈز 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كۈندۈز تاڭ (سەھەر ۋاقتى سائەت 5 تىن 8 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن بۇرۇن (سائەت 8 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈش (سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن كېيىن (سائەت 1 دىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت).
    ● كېچە [kéçe] — كالىندار ھېسابىدا قۇياش ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كېچە 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كېچە زاۋال (چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت)، ئەلياتقۇ (كېچە سائەت 9 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، تۈن نىسبى (كېچە سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، باش توخۇ (سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت)، سۈبھى (كېچىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت) دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.
    ● كۈزەد [küzet] — بۇرۇنقى زامانلاردا بىر كېچىنى بەشكە بۆلۈپ بەش قېتىم جاڭ ئۇرۇدىكەن. ھەر بىر جاڭ ئۇرۇشنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى سائەت بولىدىكەن.
    ● سوتكا [sotka] — بىر كېچە-كۈندۈز ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى، 1 سوتكا 24 سائەت بولىدۇ.
    ● پاس [pas] — قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر پاس ئادەتتە بىر كېچە-كۈندۈرنىڭ 1/8 ىگە توغرا كېلىدۇ.
    ● چارەك [çarek] — كالىندار ھېسابىدا بىر پۈتۈن ۋاقىت بىرلىكىنىڭ تۆتتىن بىرى. چارەك ئەسىر — 25 يىلنى؛ چارەك سوتكا — 6 سائەتنى؛ چارەك سائەت — 15 مىنۇتنى بىلدۈرىدۇ.
    ● سائەت [saet] — سوتكىنىڭ 12/1 ىگە تەڭ بولغان ۋاقىت بىرلىكى، 1 سائەت 60 مىنۇت، 3600 سېكۇنتقا تەڭ. قەدىمكى بابىللىقلار بىر كېچە-كۈندۈزنى 24 ۋاقىتقا بۆلۈپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە قوللىنىلىشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، باشقا ئەللەرگىمۇ تارقىلىپ كەڭ قوللىنىلغان.
    ● بىر ئاش پىشىم [bir aş pişim] — بىر ۋاق ئاش (تاماق) نىڭ پىشىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت؛ بىر ئاش پىشقۇچىلىك ۋاقىت.
    ● مىنۇت [minut] — ۋاقىت ھېسابىدا بىر سائەتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكى، 1 مىنۇت 60 سېكۇنتقا تەڭ.
    ● سېكۇنت [sékunt] — ھازىرقى ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، 60 سېكۇنت 1 مىنۇتقا تەڭ، 1 سېكۇنت 60 دەقىقىگە تەڭ.
    ● دەقىقە [deqiqe] — ۋاقىت ھېسابىدا سېكۇنتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكىگە تەڭ بولغان ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى.
    قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا سائەتتىن كىچىك ۋاقىت بىرلىكى دەقىقە بولغان. بىر كېچە-كۈندۈز 1440 دەقىقىگە بۆلۈنگەن. دەقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدا «بابۇرنامە» دە «سۈرە فاتىھەنى بىسمىللا بىلەن قوشۇپ ئالتە قېتىم ئوقۇغانچە بولىدۇ» دېيىلگەن.
    ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)، ئون ئىككى بۇرج، ئون ئىككى ئاي، تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۈم، يەتتە كۈن (كەنجئاي) ۋە كۈنلەرنىڭ ناملىرىنى تۈركىي تىللار دىۋانى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردىن توپلاپ رەتلەپ يوللاپ قويدۇم، يۇقىرىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر ئون ئىككى مۆچەل، ئون ئىككى بۇرج ۋە ئون ئىككى ئاينىڭ ناملىرىنى، ئۇيغۇرچە ناملىرى بىلەن ئەرەبچە ناملىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك.
مەنبە: تارىخ بىلوگى

ئۆز بەختىڭنى ئۆزۈڭ يارات!

Posted: 2011-04-17 23:02 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1090
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1092 نوقتا
پۇل : 10920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:687(سائەت)

 

ياخشى ساۋاتلار ئىكەن ، مەن ساخلىۋالدىم ،،،،،،،،،،،  رەخمەت سىزگە     

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر

Posted: 2011-04-18 00:19 | 1 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

ئەجەپمۇ  قىمەتلىك  ماتىريالكەن بۇ .. . پاكزات سىزگە رەھمەت ، ئەجرىڭىزنى ئاللا بەرسۇن . بەك ياخشى تىما  بوپتۇ . نۇرغۇنلىرىمىز ئوقمايدىغان ياخشى بىلىمكەن بۇ .كۆپ رەھمەت           

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-18 01:53 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 592
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 598 نوقتا
پۇل : 5980 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:633(سائەت)

 

تۈنۈگۈن مۇشۇ ماتىريالغا مەزمۇنداش بىر كىتاپنى كۆرگەندىم،لېكىن ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن.كالىندارلار لۇغىتىمىتى ئىسمى.بۈگۈن بىرىپ ئوبدان بىر كۆرۈپ باقايچۇ.ئەمما ما تىما راسلا جەۋھەرلەشكە ئەرزىگدەك تىمىكەن،چوڭاملار جەۋھەرلەپ قويوڭلار(شەخسى پىكىر)
Posted: 2011-04-18 10:47 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 375
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 375 نوقتا
پۇل : 3750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:116(سائەت)

 

ياخشى بىلىملار ئىكەن ....ساقلاپ قويغۇدەك .....رەھمەت !

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يۇقمۇ؟!

Posted: 2011-04-18 16:54 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2085
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2085 نوقتا
پۇل : 20850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:936(سائەت)

 

ئابدۇ پاكزاتجان قالتىس پەيزى نەرسىلەرنى يوللايدۇ_جۇمۇ،يەنىلا ئوقۇغان ئادەم دىگەن باشقىچە بولىدۇ(باشقا ئوقۇغانلىرىڭلارمۇ مۇشۇنداق كىشىگە بىلىم بېرىدىغان نەرسىلەرنى يوللىساڭلاريامان بولمايتى)نۇرغۇن ئادەملەر بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك قىممەتلىك بىلىم.
Posted: 2011-04-18 17:06 | 5 -قەۋەت


بىر كېسەك ياراتساڭمۇ ،بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن .ل ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 1191
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1199 نوقتا
پۇل : 11990 RMB

تۆھپە قىممىتى: 2 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:196(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى نارات2 نىڭ 2011-04-18 17:06 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئابدۇ پاكزاتجان قالتىس پەيزى نەرسىلەرنى يوللايدۇ_جۇمۇ،يەنىلا ئوقۇغان ئادەم دىگەن باشقىچە بولىدۇ(باشقا ئوقۇغانلىرىڭلارمۇ مۇشۇنداق كىشىگە بىلىم بېرىدىغان نەرسىلەرنى يوللىساڭلاريامان بولمايتى)نۇرغۇن ئادەملەر بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك قىممەتلىك بىلىم.

ئادەمنى مازاق قىلماڭە نارات ئەپەندىم ،ئادەمنى خىجىل قىلىپ

ئۆز بەختىڭنى ئۆزۈڭ يارات!

Posted: 2011-04-18 20:23 | 6 -قەۋەت


بىر كېسەك ياراتساڭمۇ ،بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن .ل ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 1191
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1199 نوقتا
پۇل : 11990 RMB

تۆھپە قىممىتى: 2 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:196(سائەت)

 

Quote:
3 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى شاھ ھاجىم نىڭ 2011-04-18 10:47 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
تۈنۈگۈن مۇشۇ ماتىريالغا مەزمۇنداش بىر كىتاپنى كۆرگەندىم،لېكىن ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن.كالىندارلار لۇغىتىمىتى ئىسمى.بۈگۈن بىرىپ ئوبدان بىر كۆرۈپ باقايچۇ.ئەمما ما تىما راسلا جەۋھەرلەشكە ئەرزىگدەك تىمىكەن،چوڭاملار جەۋھەرلەپ قويوڭلار(شەخسى پىكىر)

نارات  ئەپەندىم  كۆرۈپتۇ ،نادىرلىماپتۇ دېمەك بۇ تېما نادىرلاش شەرتىگە توشمىدى دېگەن گەپ ،ھېچقىسى يوق ،نادىرلانمىسىمۇ سىلەر نادىر دەپ بىلسەڭلار ،ئىشقىلىپ يوللىغان تىمىلىرىم سىلەرگە ئانچە مۇنچە بولسىمۇ پايدا بەرسە ،مەنىۋە زوق ،تەربىيە ۋە ياكى گۈزەللىك ئىستىكىسىدىن ھوزۇر بەرسە شۇ كۇپايە .

ئۆز بەختىڭنى ئۆزۈڭ يارات!

Posted: 2011-04-18 21:47 | 7 -قەۋەت


بۈگۈن ماڭمىساڭ ئەتە يۈگۈرەيسەن ...
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 6030
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 6037 نوقتا
پۇل : 60370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:563(سائەت)

 

نادىرلاپتۇ ئابدۇ پاكزاتجان ، بېلەن تىما يوللاپسىز ، بىلىشكە تىگىلىك نەرسىلەر نىمە دىگەن كۆپ ھە .......

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتىۋالىمەن ...

Posted: 2011-04-19 00:35 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1697
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1699 نوقتا
پۇل : 16990 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2447(سائەت)

 

          قىران - چۈشەنچىسىنى 40 ياشمىكىن دەپتىكەنمەن ، ئەسلىدە 25 ياش ئىكەن .

پاسخا ئارىلىغا بارغۇم بار .

Posted: 2011-04-19 11:04 | 9 -قەۋەت


تۈركىلەر بىر مىللەت!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 113
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 113 نوقتا
پۇل : 1130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:11(سائەت)

 

ناھايتى كۆپ رەھمەت،مۇشۇنداق ماقاللارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن.

قورال مېنىڭ ھاياتىم!

Posted: 2011-04-19 13:32 | 10 -قەۋەت


ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 182
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 182 نوقتا
پۇل : 1820 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:71(سائەت)

 

ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،تېمىڭىزغا رەھمەت 

كۆزدىن ئاچچىق ياشلار تۆكۈلمىگەندە بۇ دۇنيا كۆڭۈلنى ئاينىتقىدەك
دەرىجىدە تاتلىق بولغان بولاتتى

Posted: 2011-04-19 18:20 | 11 -قەۋەت


نەتىجە ئېتبارى بىلەن گۈزەلدۇر-< قۇرئان كەرىم > دىن
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 16
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 16 نوقتا
پۇل : 160 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:24(سائەت)

 

راستلا ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن،،،،

كۆڭلۈڭدىكى - كۆڭلۈڭ دىدۇر.

Posted: 2011-04-19 18:56 | 12 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2 نوقتا
پۇل : 20 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

بىلىۋىلىشقا تىىگىشلىك  ياخشى تىمىكەن
Posted: 2011-04-19 23:23 | 13 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 12
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 12 نوقتا
پۇل : 120 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2(سائەت)

 

مەن مۇشۇنداق تېمىلارغا بەك قىزىقىمەن رەھمەت ئەجرىڭىزگە!
Posted: 2011-04-22 00:04 | 14 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ئاتالغۇلار ۋە يەر -جاي ناملىرى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation