<<12 3  >>   بەت سانى: 3/3 بەت
ئاساسىي تېما : شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن توغرىسىدائاۋاتلىقى:2002ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 375
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 375 نوقتا
پۇل : 3750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:116(سائەت)

 

ئىسىل سىزگە كوپتىن -كوپ رەھمەت! مەن ئەڭ ياقتۇردىغان  تىمىنى يوللاپسىز ...ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم ....ساقلىۋالدىم .
بۇنى يازغان قوللىرىڭىزدىن قىزىل گۈل ئۇنسۇن!  

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يۇقمۇ؟!

Posted: 2011-04-18 10:55 | 40 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1696
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1698 نوقتا
پۇل : 16980 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2447(سائەت)

 

              تېما دېگەن مۇشۇنداق مۇكەممەل بولۇشى كېرەك !

پاسخا ئارىلىغا بارغۇم بار .

Posted: 2011-04-18 19:20 | 41 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

Quote:
39 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئسىل نىڭ 2011-04-18 05:36 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئىسىل سىز دىن بىر سۇئال سۇراي  سىز غۇلجا لىق مۇ  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

قەشقەر مەكىتتىن

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-18 22:51 | 42 -قەۋەت


ئۇنتۇلماس ئۆكتەبىر...
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 2534
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2540 نوقتا
پۇل : 25400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1374(سائەت)

 ئائىلەڭ( مۇھەممەتجان راشىدىن )

ھېدلىماققا گۈلۈڭ بار،گۈلزارىڭدۇر ئائىلەڭ،
شاھ تاجىغا زوقلانما ،گۈلتاجىڭدۇر ئائىلەڭ،
كۈندە سۆيسەڭ ئەرزىيدۇ،دىلدارىڭدۇر ئائىلەڭ،
كۈندە كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ ،گۈلخانىڭدۇر ئائىلەڭ،
ھۆسىن قوشقان ھۆسنىڭگە بىر خالىڭدۇر ئائىلەڭ.


قەدىرىن بىلسەڭ،مەھبۇبەڭ بىللە چۈشكەن مەپە ئۇ،
بىلگەنلەرگە ئۆمۈرلۈك بىر مېھنەتتىن شەپە ئۇ.
جاھان شۇنداق گاھ ساراي،گاھ خارابە كەپە ئۇ،
سېنى قىلار نەۋرىلىك شۇ كەچمىشتە ئەتە ئۇ،
تەزكىرەڭدىن تەلتۆكۈس ئىزھارىڭدۇر ئائىلەڭ.


كەتتە دېمە ياشلىقنى ،ۋىسال دىگەن شۇنىڭدا،
نەدە ھوزۇر ئۇنىڭسىز يالغۇز كىيگەن تونۇڭدا،
ياخشى كۆرگەن يايرىڭ بار ،دېمەك قۇرغۇي قولۇڭدا،
سېنىڭ ئۈچۈن پېدائى،ئۇچۇپ يۈرەر يولۇڭدا،
قاناتلىنىسەن ئۇ بىلەن،شۇڭقارىڭدۇر ئائىلەڭ.


ھېكمەتلىرى كۆپ ئۇنىڭ،غەمدىن تولا شادلىقى،
تاڭلىيىڭدىن كەتمەيدۇ تائامىنىڭ تاتلىقى،
مېھمان كەلسە خىزمەتتە چويلا بىلەن ساپلىقى،
شاتلىقىغا بىللىدۇر سېخىيلىقى،پاكلىقى،
دوستلار بىلەن چالارغا دۇتتارىڭدۇر ئائىلەڭ.


يايرىڭ بۆلەك بارچىدا،تەڭ تارتىدۇ جاپانى،
ئادەت قىلغان بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئۈچۈن ۋاپانى،
كەچۈرىدۇ ئۇرساڭمۇ،سەندىن ئكتكەن خاتانى،
دېۋەيلىسەڭ،دوستۇڭدەك كۆرسىتىدۇ ساپانى،
ئاۋۋال يارىڭ سۇغارغان بوستانىڭدۇر ئائىلەڭ.


ئۇمۇ ئەزىز،سەن ئەزىز ئۈجمە كۆڭۈل بولمىساڭ،
يېتەكلىسە شاياتون،پىنھانلاردا قونمىساڭ،
ئايلانمىساڭ ئاسىيغا،دەستە گۈللەر سۇنمىساڭ،
ئىشەنچ بىلەن گۈللەيدۇ ۋىسال دىگەن،ئويلىساڭ،
ساداقەتتە سېلىنغان مۇنارىڭدۇر ئائىلەڭ.


تۆكەلەيسەن تالادا تۆكەلمىگەن سىرىڭنى ،
يۇيالايسەن يالغۇز باش يۇيالمىغان كىرىڭنى،
تاپار كۆڭلۈڭ تەسەللى ،بىرىڭ سىلاپ بىرىڭنى ،
كۆرستىسەن يىرتىلغان ، تىكەن كىرگەن يېرىڭنى ،
ئۆزگىلەرگە ئوخشىماس ئۆز يارىڭدۇر ئائىلەڭ .


ئائىلەڭدەك نەدە بار ئىسسىق ماكان ،ئىسسىق جاي،
مۇزلاپ كەلسەڭ ئالدىڭغا قويۇلىدۇ ئىسسىق چاي ،
دېرىزەڭدىن زوقلىنىپ قارىشىدۇ تۈندە ئاي ،
ئىناق جۈپلەر بەختىيار ، ئىناق جۈپلەر ئۆتەر باي ،
شۇڭا ئېيتقان دەردىڭگە دەرمانىڭدۇر ئائىلەڭ .


ئۇ بولمىسا باغرىڭنىڭ پاراغىتى - بالاڭ يوق ،
ئۇ بولمىسا قوي - قوزا ، مۆرەپ تۇرغان كالاڭ يوق،
ئۇ بولمىسا ھويلاڭ يوق ،ئالما ،ئۆرۈك ،باراڭ يوق ،
ئۇ بولمىسا سېنىڭدە كەلگۈسىدىن پاراڭ يوق ،
شۇلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئىمكانىڭدۇر ئائىلەڭ .


قەدىناس يوق قەلبىدە قەدىرسىزنى ياقتۇرماس ،
ئەمگەكچانغا ئاشىق ئۇ ، ئەجىرسىزنى ياقتۇرماس ،
قوي بولغۇچە قوزىسى تەخىرسىزنى ياقتۇرماس ،
گاھى كەلگەن قازاغا سەۋىرسىزنى ياقتۇرماس ،
ساڭا ھاردۇق يەتكۈزمەس ھەمكارىڭدۇر ئائىلەڭ .


دەستۇرى بار مەكتەپ ئۇ دىيانەتتىن ، ئەخلاقتىن ،
سەھىپىسى سۆزلەيدۇ دىلغا چىراق ياقماقتىن ،
سالام - ساھەت بىشارەت ئەلدە ھۆرمەت تاپماقتىن ،
بالاڭ شۇڭا يىراقتۇر ئەگىزلەردە ئاقماقتىن ،
ئۆزۈڭ ياققان سېنىڭمۇ بىر شامىڭدۇر ئائىلەڭ .


سۆزلىمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن ،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن ،
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشناپ گۈللىگەن ،
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن ،
مەيلى سۇلسۇن ، كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ .

خېرىدارىڭ بولمىسا،زىبالىغىڭ نەھاجەت ؟

Posted: 2011-04-19 17:22 | 43 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

رەھمەت گۈلنەزەر ... قالغان دوستلاردىمۇ م راشىدىننىڭ بۇ يەرگە يوللانمىغان شېئىرلىرى بولسا بۇ يەرگە يوللاپ قۇيساڭلار تىمىنىڭ  تىخىمۇ  مۇكەممەل بۇلىشغا پايدىلىق  بولاتتى .ھەممىزگە ياخشىتى     

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-19 17:58 | 44 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 375
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 375 نوقتا
پۇل : 3750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:116(سائەت)

 

بولمىسىمۇ ئون سەككىزدە يىشىمىز(مۇھەممەتجان راشىدىن )

سەن باھارنى تەبىئەتتىن ئىزدىسەڭ ،

مەن باھارنى،يايرىم سەندىن ئىزدىگەن .

ئەل ئاناڭنى ماختىغاندا ،لېكىن مەن ،

سېنى ئەسلى ئايدىن چۇشكەن قىز! دىگەن .



دەريالاردىن كىپەك ئالتۇن سۈزگەنلەر ،

كېسەك ئالتۇن !سېنى ئەجەپ كۆرمەپتۇ ؟

بەلكىم بۇمۇ مىنىڭ ئامەت - تەلىيىم ،

مەن سۆيگەچكە سىنى ھىچكىم سۆيمەپتۇ .



دۇنيا دىگەن چىقتى مىنڭ يادىمدىن ،

كۆك كۆچەتتەك تۇنجى سېنى كۆرگەندە .

ئاشۇ دەملەر قانداق چىققاي يادىمدىن ،

چىقسا چىقار بەلكىم پەقەت ئۆلگەندە .



بىلەلمىدىم نە خىسلەت بار ئۇچاڭدا ،

ماتا كىيسەڭ ئايلىنىدۇ ئەتلەسكە .

ئەتلەس كىيسەڭ نە بولۇرسەن ،ھە تىخى ،

بولماس ئىكەن سېنى ئەزىز ئەتمەسكە .



باققا كىرسەڭ ئەگىپ قالدى بۇلبۇللار ،

سېنى گويا قىزل گۈلگە ئوخشىتىپ .

ئۇچۇپ ئۆتكەن قاقىرلامۇ ئۈستۇڭدىن ،

قاراپ قالغان سەپلىرىنى توختىتىپ .



بىر گۈل ئىدىڭ ياش چېغىڭدا شۇنداق ئۈز ،

تىل تەگمىدى گۈلۈم ساڭا ھېلىمۇ .

توي ئەتىسى ساڭا ھاڭ -تاڭ قالغانلار ،

ساڭا قوشۇپ ماختاپ قويغان مېنىمۇ .



شۇنداق ئۆتتى قاتارلىشىپ قىرىق يىل ،

جىق ئىشلارنى ئىككىمىزگە جېكىلەپ .

تارتىپ چىقىرىپ ئوي -چوڭقۇردىن قانچە رەت .

ئېلىپ ماڭدى تاغلار تامان يىتىلەپ .



داۋانلاردىن كەينىمىزدىن باققاندا ،

سۆيۈندى جان بىللە  قىلغان سەپەرگە .

بىلدىڭمىكىن ،بىزنى چاتقان ساداقەت ،

بوي بەرمىدۇق بۇ يوللاردا خەتەرگە .



ئېلىپ چىقتى چوققىلارغا ئاخىرى ،

دېمەك ،يىللار بىزگە شۇندىن جاي بەردى .

بولۇپ قاپتۇق بىزمۇ بىر جۈپ ئاقباش تاغ ،

شۇڭا كۆڭۇل تەقدىرگىمۇ ھاي بەردى .



كېتىپتىمىز ئاق چوققىغا ئايلىنىپ ،

دېمەك بىزنىڭ كۆكتە ئىكەن بېشىمىز .

ئېيتقىنىمىز يەنە سۆيگۈ ناخشىسى ،

بولمىسىمۇ ئون سەككىزدە يىشىمىز .



****



سەن باھارنى تەبىئەتتىن ئىزدىسەڭ  ،

مەن باھارنى،گۈلۈم سەندىن ئىزدىدىم  .

بۇگۈنمۇئەل سېنى كىم دەپ سورسا،

قىرىق يىلدىن ئاۋال سۆيگەن قىز! دېدىم .

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يۇقمۇ؟!

Posted: 2011-04-19 20:35 | 45 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 491
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 491 نوقتا
پۇل : 4910 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:323(سائەت)

 

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ <<بىز كۆيگەندەك كۆيەلەمدۇ بالىلار >> دىگەن بىر شېېرى بولىدىغان شۇنى بىرەسىڭلار يوللاپ قويساڭلار خاپا بولماي ! بۇ تېمىنى بەك ياخشى يوللاپسىزئىسىل !
Posted: 2011-04-19 23:09 | 46 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

قىزلار ، ئەي قىزلار



مۇھەممەدجان راشىدىن



چوغلۇق تاغدىدۇر ، بۇلبۇل باغدىدۇر ،

ھايات بايرىمى ياشلىق چاغدىدۇر .

ئويلاپ ئوينىغان كۆزياشتىن خالىي ،

بىئەقىل قىزلار ھەسىرەت - داغدىدۇر .



باھاردۇر ،گۈلدۇر قىزلاردا ياشلىق ،

ياشلىق يولىمۇ چاتقاللىق ، تاشلىق .

قىزلار ، ئاھ قىزلار ، بولايلى سەگەك ،

ياراشماس بىزگە ئارتۇق بەڭباشلىق .



پۇلنىڭ كەينىگە ئەگەشمەيلى بىز ،

ئالۋاسىتلارغا يۆگەشمەيلى بىز .

قىزلار ، ئەي قىزلار ، ھايات بېغىدا

ئېچىلماي تۇرۇپ تۈگەشمەيلى بىز .

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-20 00:11 | 47 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 40
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 40 نوقتا
پۇل : 400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:8(سائەت)

 

  يايرىم مېنى كەل دەپتۇ
                        ( ئاپتورى : مۇھەممەتجان راشىدىن )
  يايرىم مېنى كەل ! دەپتۇ ،
  ئۆزى ئەجەپ كەلمەپتۇ !
  كەلگەن بىلەن ئۇچۇرى ،
  چىن كۆڭلىنى بەرمەپتۇ ،
 
  يايرىم مېنى كەل ، دەپتۇ ،
  بارالمىدىم مەن ، دەپتۇ .
  ئۇلغىيىدۇ سۆز-چۆچەك ،
  ئۇقماي تۇرسۇن ئەل ، دەپتۇ .

  يايرىم مېنى كەل ، دەپتۇ ،
  مەھكەم باغلاپ بەل ، دەپتۇ .
  قىيداپ يۈرسەك بەختىمىز -
  بولمايدىكەن ھەل ، دەپتۇ .

مەنبە : ئاپتورنىڭ << ياشلىقىدا ھەر كىم چىرايلىق >> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
Posted: 2011-04-21 13:30 | 48 -قەۋەت


ئاھ !!!ياققىن يامغۇر....
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 49
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 49 نوقتا
پۇل : 490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 يايرىمدىن خەۋەر كەلسە

قىش كېتىپ باھار كەلسە ،
قۇشلىرى سەھەر كەلسە .
تۈندە ئۇخلىيالمايمەن
يايرىمدىن خەۋەر كەلسە .
بۇلبۇل بالىسى بولسا ،
تالنىڭ شېخىغا قونسا .
بۇ دۇنيادا سۆيگەن يار
ئۇ دۇنيادىمۇ بولسا .
تاغنىڭ تېرىكى دەڭلار ،
يوقتۇر كېرىكى دەڭلار .
بىزنى مۇزدا ياتقۇزغان ،
يارنىڭ كۆيۈكى دەڭلار .
ئىشك ئالدى چۇڭقۇر يار ،
چۈشەي دېسەم يولى تار .
جاي ئالدى يۈرەكلەردىن ،
سېغىنغاندا كەلگەن يار .
ئاسماندىكى ئاي يايرىم ،
ئالەمدىكى باي يايرىم .
ئۇنتۇلمايدۇ سەن بىلەن
بۇلتۇر ئىچكەن چاي ، يايرىم .
مەنبە _ مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ << ياخشىلارغا ناخشىلار تولا >> ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى .

سۇنغان ئەينەكنى چاپلىغان بىلەن،بەرىبىر ئىز قالىدۇ...
قەلبىمدىكى ئاخىرقى بىر تال چېكىتنى ئۆچۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم.

Posted: 2011-04-21 16:31 | 49 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

        ياخىشى قىپسىلەر

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-21 17:18 | 50 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

بالىسەن ھەي ، بالىسەن


مۇھەممەدجان راشىدىن

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
تالاي ئىشتا چالىسەن .
كۆرۈنگەننى يار تۇتۇپ ،
پۇشايمانغا قالىسەن .

دوپپىسىغا بىراۋنىڭ ،
نېچۈن جىگدە سالىسەن ؟
ئۇقۇپ قالاي ، ئېيتقىنا ،
زادى كىمنى ئالىسەن ؟

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
زادى نەگە بارىسىەن ؟
پالتا تۇتۇپ كۆرمىدىڭ ،
قانداق كۆتەك يارىسەن ؟

شەھەر ئېلىپ ئاغزىڭدا ،
داپنى قۇرۇق چالىسەن .
كۆپ ئۇرمىغىن مەيدەڭگە ،
ئۆزۈڭ تېخى بالىسەن .

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
ئويۇنغىمۇ قانىسەن .
تۇرىۋەرمەس بۇ ياشلىق ،
ئەتە ئاتا - ئانىسەن .

ساق چىقمايسەن قاۋاقتىن ،
ساقايغاندا تانىسەن .
شۇنداق ئىشتىن ، ئېيتقىنا
زادى قاچان يانىسەن ؟

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
جىق ئىشلاردا چالىسەن .
ھازىر بىلىم ئالمىساڭ ،
كېيىن چوقۇم چانىسەن .

سازلانمىغان دۇتتارنىڭ ،
قۇلىقى سەن ، تارى سەن .
قالتىس دېسەڭ ئۆزۈڭنى ،
ئاخىر يالغۇز قالىسەن .

1991 - يىل 1 - ئاي غۇلجا

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-21 18:02 | 51 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

ئانا مېھرى - تاڭلار تۇيغۇسى



مۇھەممەدجان راشىدىن



بىر قۇش بولۇپ ئانا قايغۇسى ،

بېشىمىزدا قانات يايغۇسى .

زۇلمەت بولماس ئانا بار يەردە ،

ئانا مېھرى - تاڭلار تۇيغۇسى .



بەختىمىزگە دۇئايى تولا ،

بىراق ، پەرزەنت گۇناھى تولا .

ھەرتاڭ قۇياش بەلگە بەرگۈچە ،

ئانا نۇرى چاچىدۇ شولا .



بىزنىڭ ئىدى ئۇلار تەرگەنلەر ،

بىھېسابتۇر ئۇلار بەرگەنلەر .

يوقتۇر بىزدە بىراق ئانام ! دەپ ،

كۈندە ھالىن سوراپ يۈرگەنلەر ،



ئۆتەڭلاردە كارۋانلار قونغان ،

ئۇلاغ ئۆلۈپ ، ھارىۋىلار سۇنغان .

بۇ دۇنيادا چىققايمۇ ئەستىن ،

قاتتىق كۈنلەر ئانا كۆز يۇمغان ؟!

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-21 18:03 | 52 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5756
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5785 نوقتا
پۇل : 57850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1473(سائەت)

 

ئويلاپ سۆزلەڭ تەلۋە ئېغىزلار

مۇھەممەدجان راشىدىن

«بۆرە» ئاتاپ ئوغۇل بوۋاقنى ،
قىز تۇغۇلسا دەيدىكەن «تۈلكە» .
قىز تاپقاننى قوشلاپ ، بەزىلەر ،
ھېچ ھېيىقماي قىلاركەن كۈلكە .

پۈتۈلگەنمىش ئالتۇندىن گويا ،
قىيامەتتە ئوغۇلنىڭ گۆرى .
قىز زاتىغا ئەمەسمىش مەنسۇپ ،
قەلىبلەردە ھۆرمەتنىڭ تۆرى .

قىزنى شۇنداق كەمسىتكەنلەرنىڭ ،
قىز ئىدىغۇ ئەسلى ئانىسى ؟
ئويلاپ سۆزلەڭ تەلۋە ئېغىزلار ،
سىزمۇ ئەسلى قىزنىڭ بالىسى !

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-21 18:03 | 53 -قەۋەت
<<12 3  >>   بەت سانى: 3/3 بەت
باس باس مۇنبىرى >> مەشھۇر شەخىسلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation