ئاساسىي تېما : تالىبان تۈركىيەدە ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلماقچىئاۋاتلىقى:1142ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 تالىبان تۈركىيەدە ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلماقچى

                                                    تالىبان تۈركىيەدە ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلماقچى
[attachment=64736]
خەلق تورىنىڭ 16-ئاپرېل خەۋىرى: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تالىبان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچۈنچى دۆلەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدە ۋەكىللەر باشقارمىسى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان، تۈركىيە ئوتتۇرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن ئاخباراتلىرى 15-ئاپرېل خەۋەر قىلىپ، تالىبان ھازىر كارزاي رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى سۆزلىشىش ئۈچۈن، تۈركىيەدە ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدا بولمىغان گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ھۆرىيەت گېزىتى» تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىش باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇدىرى ئىبراھىم سۆزىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، تالىبان ئىستانبولدا ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان، ئەمما ئۇ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارلىمىغان. تۈركىيە «ئاخشام گېزىتى» مۇ خەۋىرىدە، تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ «بىز ئافغانىستان تىنچلىق ئەڭ ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، سابىق پىرىزدېنت راببانى بىلەن تالىباننىڭ تۈركىيەدە ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلىشى مەسىلىدە تەپسىي سۆھبەتلەشكەن» دېدى دېيىلگەن.
تۈركىيە ئاخباراتلىرى يەنە ئاشكارىلاپ، تالىباننىڭ كارزاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىتەرەپ مەيداندىكى ئۈچۈنچى دۆلەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەسەۋۇرىنى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان دېگەن، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى بۇنىڭغا ھېچقانداق باھا بەرمىگەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، تاجىكىستان ۋە تۈركىيەدىن ئىبارەت ئۈچ نامزات ئىچىدە، تالىبان ئەڭ ئاخىرى تۈركىيەنى تاللىغان.
تۈركىيەلىك تەھلىلچى زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تالىباننىڭ ئىستانبولدا ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلىشىنى تاللىشى تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۆلىتى ھەمدە ش ئا ئە ت غا ئەزا بولغانلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ كېلىشتۈرگىچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارزار ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتتە ماھىيەتلىك نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلغان.
Posted: 2011-04-16 19:42 | [پۈتۈكچى]


تارىخنى غالىپلار يازىدۇ !
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 657
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 658 نوقتا
پۇل : 6580 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:521(سائەت)

 

تۇركىيەنىڭ بۇئىشنى غەرىپ بىلەن  ئامرىكا ئويلىغىنىغا زىتمۇ قانداق
Posted: 2011-04-17 00:52 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

ياق دوستۇم  غەرىپ ئەمدە ئافىغانىستان توغرۇلۇق زىت ئويلىمايدۇ
Posted: 2011-04-17 10:10 | 2 -قەۋەت


تارىخنى غالىپلار يازىدۇ !
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 657
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 658 نوقتا
پۇل : 6580 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:521(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى قاشقىر نىڭ 2011-04-17 10:10 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ياق دوستۇم  غەرىپ ئەمدە ئافىغانىستان توغرۇلۇق زىت ئويلىمايدۇ

نىمىشقا بۇرادەر  ئاپغانىستان دىگەن غەرىپنىڭ دۇنيانى تۇتۇپ تۇرشىدىكى  ئستىراگىيەسى تۇرسا 



ئوبانراق چۇشەنچە بىرڭلار بۇرادەر
Posted: 2011-04-18 00:45 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

ئامېرىكا  21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دەرۋەقە ئافىغانىستاننى  دۇنياندىكى بەزىبىر دۆۋلەتلەرنى
چەكلەپ...  ئۆزىنىڭ سىياسى، ھۆكۇمى تۈزۈمنى يۈرگۈزۈشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان
ھازىر بۇ بوسۇغىدىن ئىچكىرلەپ كىرىپ چوڭقۇر يىلتىز تاتىپ بولدى ...
تالىبان تۈركىيەدە ئىش  باشقارمىسى تەسسىسقىلامدۇ ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بېلەن
يارىشىشقا  ئۇرىنامدۇ  ، ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن بۇمۇ بىر ياخشى ئىش، تۈركىيە 
ھۆكۈمەت بېلەن تالىبانلىنى ياراش تۇرۇشقا كىرىشكەن بولسا ، ئامېرىكىنىڭ يا قولىبار
يا  قولى بولماقچى ،  ئامېرىكا ئەمدە ئافىغانىستان بېلەن تالىباننىڭ ياراش تۇرۇش ،ئافىغانىستانغا
تىنىچلىق دىمگۇراتىيە يۈرگۈزۈش ئوپىراتىياتىرىنى ئوينايدۇ ، 
ئافىغانىستان بېلەن تالىباننىڭ  ئەمدە تىنىچ ئۆتىشى ، ئامېرىكىنىڭ باشقا ئىستىراتىگە لىرىنى
يۈرگۈزۈشكە  يۈزتۇتىدۇ  ...
[ مەزكۇر پۈتۈك قاشقىر تەرىپىدىن 2011-04-18 12:32 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2011-04-18 09:44 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

ئامېرىكا  2001 - يىلدىن باشلاپ  دۇنيادا يېڭچە ئىستىراتىگەنى باشلىدى ، ئامېرىكا ئىستىراتىگە
ۋېۋىسكىسىگە تۇنجى بولۇپ  خەلقارا تېرورچىلاغا قارىش تۇرۇش دىگەن خەتنى يازدىكى بۇ خەتنىڭ
تۇنجى باشلىنىش نوقتىسى ئافىغانىستان بولدى  ،  ئۇنىڭ ئاستىغا خىمىيىلىڭ قۇراللارنى يوقىتىش
بولدىكى، ئول خەتنىڭ  ئىستىراتىگە كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا شەرىق ، جۇملىدىن ئېراق 
بۇ خەتلەربېلەن كۇپايىلەنمەي ئاستىغا يەنە يازدىكى ، سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىدىن كىيىنكى
يارىدو تەھتىدى ، بۇخەتنىڭ قارغا ئېلىش ئىستىراتىگيە نۇقتىسى ئېران ، چاۋشىيەن ،
بۇخەتنىڭ تىگىگە يەنە يازدىكى ، ئۇنىڭ مەزمۇنى روسىيە تەھتىد نەزىرىيىسى نى چۆرىدەپ
ياۋروپا، بولۇپ مۇ شەرىقى ياۋروپا غا  كەڭ كۆلەملىك باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىيەلىنىش
سېستىمىسى قۇرۇش  تامام بولدىدە  2010 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ھېلارى كېلىنتون شەرىقى ئاسىيا
دىكى 6 دۆۋلەت زىيارىتىدا  ئېيىتتى ، ( ئامېرىكا  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىچكى توقۇنۇش
ۋە رايون مەسسىللىرىگە    ئارلىشىش ۋە خەلقارانىڭ تېنىىچلىقى ئۈچۈن ئۆزمەجبۇرۇيىتىنى ئادا
قىلىدۇ دىدى ....
  شىئە مەزھىپىدىكى ئېراننىڭ يارىدو تەھتىد نەزىرىيەسىدە  ،  سەئۇدى ئەرەپ باشلىق سۈننى مەز
ھىپى دۆۋلەتلەرنى ئۆزىنىڭ ھىمايىسىغا تاتقانداك قىلىش بەدىلىگە ئوتتىرا
شەرىقتە ئىستىراتگەنى پۇختىلاش ،
چاۋشىيەن يارىدو تەھتىت نەزىرىيەسى بويىچە ، كورىيە نى ھىماتقىلىش چاۋشىيەن باھانىسىدا 
ياپۇنىيەنىڭ  2 - دۇنيا ئۇرىشىدا باغلىغان زەنجىرنى بوشىتىش ( ۋە ياپۇنىيەنىڭ دىياۋيۇ ئارىلى يېغىرىنىكۈشكۈرتۈش ) (  جۇڭگۇ ھىندىستان چىگرا مەسىلىسى )
ۋە شەرىقى  ياۋروپا دىكى ئورۇنلاشتۇرغا ئىستىراتىگيە ئارقىلىق  ئامېرىكىنىڭ قوسقىدىكى پىلان
تامام بولدى  دە، ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بېر دۆۋلەتكە  ئامېرىكىدىن قۇرال ، ئەسكەر يۆتكىمەي تۇرۇپ
دۇنيامىق ياسىدا زەربەبېرىش ،  دۇنيا مىقياسىدا قوللاشقا ئېرىشىش ...    ئىستىراتىگە تامام بولدى
تالىبان تۈركىيەدە  ئىشباشقارمىسى تەسسىس قىلماقچىمۇ  ، يا ئافىغانىستان بېلەن يارىشىپ
قۇدا- باجا بولامدۇ ئۇنىڭ كارايىتى ئامېرىكا ئاتالمىش بۇ بەدبەخقە نسپەتەن ئەمدى چاغلىق
[ مەزكۇر پۈتۈك قاشقىر تەرىپىدىن 2011-04-18 14:02 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2011-04-18 13:13 | 5 -قەۋەت


تاتلىق گۈلۈم مەن سىز بىلەن بىللە!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 183
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 183 نوقتا
پۇل : 1830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:137(سائەت)

 

تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى بىردىن بىر مۇسۇلمان دۆلىتى.ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بولغان توققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى بار، زىمىنى تۇتاش بولمىغان،ئەمما قەلبى تۇتاش بۇ كىشىلەر تارىختا ئىزچىل بىرلىشىپ ئۇلۇغ ئېقىن ئېقىن ھاسىل قىلىشنى ئىستەپ كەلدى. سوۋىتلەر روسىيىسى يىمىرىلگەندىن كىيىن تىروتېرىيە جەھەتتە ئۇلىنىش بولغان بولسىمۇ، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادتا روسلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى يەنىلا <قىرىندىشىغا يىراق، ئۆگەي ئاكىسىغا يېقىن>سىياسەت تۇتۇپ كەلدى.گەرچە ئامىرىكا ئافغانىستانغا دەسسىگەندىن كىيىن، بۇلۇپمۇ باقىيىۋ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن روسىيىنىڭ مەزكۇر رايۇندىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش باشلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە تازا ئۆنۈمى بولمىدى، ئەنجان ۋەقەسى روسىيىگە نىسپەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ روسىيىگە قانداق مەيدان تۇتۇدىغانلىقنى شۇنداقلا ئەلباشلىرىنىڭ روسلارغا مايىللىقىنى ئىسپاتلىغاندەك بولدى. بىۋاستە دىڭىز ئوكيانغا تۇتاشمايدىغان، بۇلۇپمۇ غەرپ ئەللىرىگە يىراق بولغان بۇ مەملىكەتلەرگە قانداق قول تىقىش،ئۆزىنىڭ ئاجىزلقىنى روسلارغا ۋە ئۇنىڭ شىرىكىگە تۇتقۇزۇپ قويماي بۇرايۇندىن روسلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغلاپ چىقىرىش غەرپ سىياسىئونلىرى قاتتىق كاللا ئىشلەتمىسە بولمايدىغان بىر ئىش بولدى.ئەگەر بۇ ياۋرۇ-ئاسىيا كۆۋرۈكىدە پۇتلىشىپ كەتسە قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدىغانلىقى روسلارغىمۇ، غەرپلىكلەرگىمۇ، يەنە بۇرايۇنغا يىڭىدىن گازىر كۆزىنى قىزارتىۋاتقانلارغىمۇ بەش قولدەك ئايان.شۇڭا ھەركىم ھەممە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تىركەشمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى.
مەركىزى ئاسىيا ريۇنىغا سىڭىپ كىرىشتە تۈركىيە بىلەن غەرپ ئەللىرى ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە.تۈركىيىنىڭ مەزكۇر رايۇن خەلىقلىرى بىلەن بولغان ھېچكىم ئورنىغا دەسسىيەلمەيدىغان ئۆزگىچە تارىخى مۇناسىۋىتى ناتونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشتىكى كوزورى.تۈركىيە مۇشۇ ئۈستۈنلىكى بىلەن ئىزچىل تۈردە  ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىغا يىتەكچى بۇلۇش مەسىلىسىدە ئۆزىنى غەرپ بىلەن دىئالوگلىشىقا مۇناسىپ بىردىن بىر دۆلەت دەپ قاراپ كەلدى. تارىخى ئەمەلىيەتمۇ بۇ نوقتىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇڭا غەرپلىكلەر ساماننىڭ تىگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ ھازىرچە روسلارنىڭ دىققىتىنى قوزمىغاي تۇرۇپ تۈركىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گىرۋىكىگە كىرگۈزۇپ، مەزكۇر رايۇندا ناتۇنىڭ پۇتتىرەپ تۇرۇش سالاھىيىتىنى ئۆزگۈچىلىككە ئىگە قىلماقچى، شۇنداق بولغاندا بۇندىن كىيىن يەنە بىرى كەرىفموفقا ئوخشاش روسىيىنىڭ ياستۇقىغا بېشىنى قۇيۇۋېلىپ خەلىقنىڭ  دىمۇگراتىيە ئىنتىلىشىگە قاپ يۈرەكلىك قىلىشقا پېتىنسا،ئۆزىنى  ئىنسانى ھۇقۇقنىڭ قۇغدۇغۇچىسى دەپ ئاتايدىغان غەرپ ئەمدى قاراپ تۇرمايدۇ. بۇنىڭ باھانىسى <ئالبىنى يىيىش>نىڭ باھانىسىدىنمۇ ئاددى.
دۇنياۋى كۈچ سىنىشىنىڭ يەنە بىر(شەرقى)ئۇچى شەرقى ئاسىيا.
روسىيە بىلەن ھىندىستان مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ۋىلادىۋوستوك دىڭىز ساھىلىدا بىرلەشمە مانىۋىر ئۆتكۈزمەكچى، ھىندىستان مانىۋىرغا ئۈچ دانە قوغلىغۇچى پاراخوت، بىر ماي پاراخوتىنى ئۆزئىچىگە ئالغان كىچىك تىپتىكى فلوت ئەۋەتمەكچى. كۆرۈۋېلىشقا بۇلۇدىكى بۇ مانىۋىرنىڭ كۆلىمى ئادەتتىكىچە. لېكىن،پۇرۇقى ئۆزگىچىرەك...
بىرنەچچە ئايدىن بۇيان شىمالى ئافرىقىدا يۈزبەرگەن مالىمانلىق تۈپەيلى خام نىفىتنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ كەتتى. بۇلۇپمۇ ئىتالىيە ۋە جۇڭگۇدا شۇنداق، ئەگەر لىۋىيىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشسا ياۋرۇپادىكى بىنزىن باھاسىنىڭ تەڭشىلىشىگە نەچچە كۈنلا كىتىدۇ، ئەمما جۇڭگۇ نىسپەتەن ئۇنداق ئەمەس.
روسىيىنىڭ يىراق شەرق رايۇنىدا مول نىفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى بار. ھىندستان بىلەن جۇڭگۇنىڭ شىما ئافرىقىدىكى ئىنىرگىيە مەنبەسى دوسلارنىڭ قۇلىدىن دۈشمەن دوسلارنىڭ قۇلىدغا ئۆتۈپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا قۇرساقنىڭ غېمىنى باشقا يەردىن قىلىش كىرەك...ئۇرۇسلارمۇ باشقىلارنىڭ قۇرسىقىدا نىمە چوت سۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭا بۇلادىن ئۆزىگە نىسپەتەن تەھدىت كۈچى كىچىك بولغان ھىندىستاننى يېنىغا تارتىش ئارقىلىق ئۆز يەلكىسى دەسسىمەكچى بولغان بىرىگە شەپە بىرىش روسلارنىڭمۇ، ھىندىستانلىقلارنىڭمۇ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.
لېكىن، شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۈتۈش كىرەككى، ئامىرىكا بىلەن ياپونىينىڭ قۇرسۇقىدىكى ئۇماچ روسلارنىڭ ئىچىنى سۈرۈۋىتىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا روسلارنى ئارامسىزلاندۇرۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ سانائىتى ئۈچۈن ماتىرال غېمى قىلىدىغان ياپونەكلەر بىلىقچىلىق كىمىسى بىلەن بىرنەچچە سائەتتىلا يىراق شەرق قۇرۇقلۇقىغا چىقىپ بۇلالايدۇ.

ھەقىقىي بىر ھەربىينىڭ ئاتا-ئانىسى،خوتۇن-بالىلىرى بولمايدۇ!

Posted: 2011-04-18 22:08 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

ئورۇسلارمۇ باشقىلارنىڭ قوسقىدانىمە چوت سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ ئەلۋەتتە ، شۇڭا بۇلار ئۆزىگە
نىسپەتەن تەھتىت كۈچى كىچىگىرەك بولغان ھىندىستاننى يېنىغا تارتىش ئارقىلىق ئۆز يەلكىسىگە
دەسسىمەكچى بولغان بېرىگە شەپە بېرىش ، روسلارنىڭمۇ ھىندىستاننىڭمۇ مەنپەتىگە ئۇيغۇن ...
روسلار بۇيولنى ئالدىراپ باسماسلىقى كىرەك ئىدى  ، ئۆزيەلكىسىگە دەسلىمەكچى بولغان
بېرىگە شەپە بېرىتىم ئاگاھلاندۇرىتىم دەپ ،  غەرىپكە بۇرايون ئىستىراتىگە سىدىكى بېر يوچۇقنى،
بېر ئاجىزلىقنى شەپىلەندۇرۇپ قويدىمۇ قانداق؟...
غەرىپلىك قاتتىك ئۆتەكلەر روسىيەنىڭ بۇ باسقان قەدىمىدىن كۈلۈپ كىتىپ بارامدىكى دەيمەن ...
Posted: 2011-04-19 00:02 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 39
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 39 نوقتا
پۇل : 390 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

پاترۇل سىلى يوللىغان خەرىتە قايسى دۆلەتنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى.
قاچان قارىسام بەلوجىستان( ئاففانىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى)
ۋە كوردىستاننى ئايرىم دۆلەتسۈپتىدە كۆرسىتىپ قويىدۇ.

ىىىى

Posted: 2011-04-19 19:12 | 8 -قەۋەت


تاتلىق گۈلۈم مەن سىز بىلەن بىللە!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 183
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 183 نوقتا
پۇل : 1830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:137(سائەت)

 

روسلارنىڭ ھىندسىتاننى يېنىغا تارتىشتىكى مەقسىتى بىرى جۇڭگۇ دىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بولسا يەنە بىرى غەرپنى ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشتە تاينىدىغان يەنە بىر تىرىكىنىڭ ئۇلىنى بۇشاتماقچى. غەرپلىكلەرگە نىسپەتەن ھىندىستان ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدىكى مۇداپىئە توسۇقى بۇلالايدۇ، ئۇنىڭ مەركىزى قاتتىق نوقتىدىن: دەل ھىندىستان زىمىنىنىڭ ھىندى ئوكيانغا چوقچىيىپ كىرگەن قىسمى.مەزكۇر رايۇننىڭ ئىستىگىراتىگىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، مەيلى مالاككا بۇغۇزىنى قامال قىلماي تۇتۇپ بەزىلەرنى قامال قىلىش بولسۇن ۋە مەيلى مەركىزى ئاسىيا ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شىمالى مۇزئوكيان تەرەپكە كەڭىيىپ يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن بولسۇن غەرپلىكلەر ئۈچۈن بۇيەر مۇستەھكەم ئىستىھكام ۋە ئىسىل ئۆتەڭ بۇلالايدۇ. يۇمشاق نوقتىدىن: يىڭى دىھلى، ئەگەر ھىندىستان روسىيىنىڭ شەرقىدىكى ئىنىرگىيە بايلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن غەرپتىن تېيىپ روسىيگە ئېغىپكەتسە(بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بەك كىچىك) بۇ غەرپلىكلەرگە بىرىلگەن شىكاردىن يېنىش سىگنالى ھىساپلىنىدۇ. شۇ مۇمكىنچىلىك چوڭكى: ھىندىستان ھەرگىزمۇ يىنىكلىك بىلەن ھۆددىسىدىن ئاسان چىققىلى بولمايدىغان بۇ روسىيە<بولكىسى>غا قول ئۇزاتمايدۇ. ھىندىستان ئۈچۈن پاكىستان ھېچنىمە ئەمەس، ئەڭ خەتەرلىكى ھىندىستان نۇپۇسۇغا باراۋەر يەنە بىر توپ يىسە <تويماس>قۇرسىقى بار كىشىلەر. مۇشۇيەردە گېپىمىزدىمۇ بىر يۇچۇق چىقىدۇ: ئۇنداقتا روسلار ياپۇنلاردىن ئەنسىرىمەمدۇ؟
يادرو قۇرالىنى دادا تىكلەپ ھەدىسە ئۆكتەملىك قىلىشقا ئۆگۈنۈپ قالغان روسلارنىڭ كۈنىمىزدىكى ھالى ھەمىمىگە ئايان، روسلارنىڭ يادرو قۇرالىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.بۇ نوقتا ھەممىدىن روسىيە ئەلباشلىرىغا ئايان، ئۇلارغا شۇمۇ ئىنىق ئايانكى يىراق شەرق ئەمدى ئۇزاققىچە روسلارۈە تەۋە بولمايدۇ، ئۇيەر بەلكىم ياپۇنەكلارگە تەۋە بوپكىتەر. روس مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئەڭ خەۋپلىك بۇلۇدىغىنى مەركىزى ئاسىيادىن باشلىنىپ شىمالى مۇز ئوكياننىڭ مەركىزىگە تۇتۇشىدىغان تۈز سىزىق. ئەگەر روسلار مۇشۇ يەردىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمىسا، ئاستا ئۆزىنى بىلىپ بۇندىن 300يىل بۇرۇنقى ماكانىغا كىتىشى كىرەكلىكىنى سىزىپ بولدى. ئەگەر سىزەممىگەن بولسا ياپۇنلار بىلدۇرۇپ قۇيۇشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىۋاتىدۇ...يەنە بىزمۇ بار.
روسلارنى قانداق باپلاش، بالدۇر قەيەردىن شەپە بىرىپ قەيەردىن ئوت ئېچىش، كىملەنى قاچان ئۇجۇقتۇرۇش، كىملەر بىلەن بىرلىشىش...دىگەندەك ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەييار باسقۇچى چىرتىيوز مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ. چىرتىيوزدا بەزىلەرنىڭ ئورنى ئەسلا ئۆزگەرمەيدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقى زامانغا بېقىپ بۇلىدۇ.

ھەقىقىي بىر ھەربىينىڭ ئاتا-ئانىسى،خوتۇن-بالىلىرى بولمايدۇ!

Posted: 2011-04-20 21:22 | 9 -قەۋەت


تاتلىق گۈلۈم مەن سىز بىلەن بىللە!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 183
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 183 نوقتا
پۇل : 1830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:137(سائەت)

 

Quote:
8 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئەرگېنەقۇن نىڭ 2011-04-19 19:12 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
پاترۇل سىلى يوللىغان خەرىتە قايسى دۆلەتنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى.
قاچان قارىسام بەلوجىستان( ئاففانىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى)
ۋە كوردىستاننى ئايرىم دۆلەتسۈپتىدە كۆرسىتىپ قويىدۇ.

قايسى دۆلەت نەشىر قىلغانلىقىنى مەنمۇ بىلمىدىم. قارىغاندا تۈركىيىگە ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتتە مۇئامىلە قىلدىغان بىرە دۆلەت تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان چېغى...

ھەقىقىي بىر ھەربىينىڭ ئاتا-ئانىسى،خوتۇن-بالىلىرى بولمايدۇ!

Posted: 2011-04-20 21:31 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

مەن ئويلىدىمكى  پاتىرول بۇرادەر روسىيەنىڭ بۇتاللىشى روسىيە بېلەن دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى
يىرىگلەشتۈرىۋىتىدۇ  ، بۇنىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ 
بىر تەرەپ تىن ياپۇنىيە ئىستىراتگىيە ، ھەر بى ئورۇنلاش تۇرۇش جەھەتتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا
قۇلايراق ۋەزىيەتكە ئېرىشىدۇ ،
ياۋرو-ئامېرىكانىڭ شاخماتتىكى مېڭىش يولىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ لىكىن چوڭ بۇرۇلۇش بولمايدۇ
ھىندىستان غەرىپكە مايىلراق يۇمىلاق تاۋۇز. ۋاختى كەلسە ...
[ مەزكۇر پۈتۈك قاشقىر تەرىپىدىن 2011-04-21 20:54 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2011-04-20 22:46 | 11 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

شۇنى ئويلاپ قالدىمكى ، بۇ  غەرىپنىڭ سىڭلىسىنى ئاچىسىدىن تاندۇرىدىغان توزاق بوپ
ھىندىستان مۇشۇ توزاقتىكى غەرىپنىڭ بېر ۋاستىسى بوپ قالسىچۇ ... 
ھەي ھېچ بىر ھىندىستاننىڭ روسىيەگە ئېغىپ كېتىشىنى تەسەۋۇر قىلىپ  چويلىغا
چىققىدەك سەۋەپ يوق ...
Posted: 2011-04-21 20:53 | 12 -قەۋەت


تاتلىق گۈلۈم مەن سىز بىلەن بىللە!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 183
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 183 نوقتا
پۇل : 1830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:137(سائەت)

 

شۇنداق، ئۇرۇسلارنىڭ بۇ ئۇيۇنى جۇڭگۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە خېلى زور دەرىجىدە سۇغۇقچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ، ئەمما، دىپلوماتىيە تەبەسسۇمى بۇنى چاندۇرمايدۇ. روسىيە ئۇزاقتىن بۇيان ھىندىستاننى قۇرال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ جۇڭگۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىنى يىلسىرى خېلى زور نىسپەتتە ئاشۇرۇۋاتقان جوڭگۇمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس،لېكىن، ھىندىستاننىڭ ئېرىشكەن قۇرال-يارىغى جۇڭگۇنىڭكىدىن خېلى خىل بۇلۇشتىن سىرت يەنە مەلۇم كۈلەمدىكى تېخنىكىمۇ بار، ئەمما جوڭگۇ پۇلات-تۆمۈر زاۋۇتىدىن چىققان تەييار تۆمۈر قۇرالدىن باشقا ھېچنىمىگە(تېخنىكا)ئېرىشەلمەيدۇ. مۇشۇ يېقىندا روسىيە جۇڭگۇغا ئاۋىئاماتكىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدىغان رازۋىتكا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى سېتىپ بەرمەكچى. كىلىشىمگە ئاساسەن روسلار پۇلنى ئېلىپ تۆمۈر تاپشۇرماقچى، قالغان ئىش ھەممىسى جۇڭگۇغا قالدى، جۇڭگۇلۇقلار بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ئېپى-سېپىنى بىلىپ بولغىچە روسلار ئۇنىڭدىن ئىلغارراق يەنە بىرىنى ياسايدۇ...خەلق پۇلىنى يەنە ئاپىرىپ ئۇرۇسلارنىڭ چۆنتىكىگە تاشلىماقتىن باشقا ئامال يوق...
بۇ ئىككەيلەن ئارىسىدىكى ھەمكارلىقمۇ يۇقارقى مىسالغا ئوخشاش.روسلار چار پادىشاھ زامانىدا بىر تەرەپتىن چىڭ سۇلالىسىنى ئانىي تاپسا يەنە بىر تەرەپتىن سېرىقلانى تۇساققىلىپ ياپۇنلار بىلەن غەرپلىكلەرنىڭ يىراق شەرق زىمىنىغا دىسسشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. مەركىزى ئاسىيادىمۇ شۇنداق، بۇنىسى ھەممىگە ئايان. بولشىۋىكلار روسىيىدە تەخىتككە چىققاندىن تارتىپ مانا بۈگۈنگىچىمۇ بۇ ئۇيۇن ئۈزلۈكسىز ئوينىلىپ كەلدى. ئەگەر ماۋزېدۇڭ سىتالىننىڭ گېپىگە كىرىپ جۇڭگۇ دىڭىز بۇيىدا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بازا قۇرۇشىغا قۇشۇلغان بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بۇلار ئىدى؟ ئەگەر روسلار بىلەن سېرىقلار ئارىسىدا ھەقىقىي ھەمكارلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىرە سەۋەب باردىيىلسە> ئۇدەل تۈركلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى...قالغىنى <ئاداش قۇڭاڭلىغا سۇقا تاش> دىگەن گەپتەك ۋەزىيەتكە قاراپ بۇلىدۇ...
جۇڭگۇنى دىڭىزدىن قىسماققا ئېلىش پەقەت بۈركۈت ئىمپىرىيىسىنىڭلا رايى بۇيىچە بۇلىۋاتمايدۇ، بۇنىڭدا يەنە روسلارنىڭ قۇلىمۇ بار. جۇڭگۇنىڭ ھىندىچىنى رايۇنى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپى، جۇڭگۇتەھدىتى بۇ ئەللەرنى غەرپلىكلەرنى قۇرۇقچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇرلاپلا قالماي روسىيىنىڭ قۇرال-ياراغلىرىنى كەڭرى بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىككى لاگىر تىركىشىكە باشلىغاندىن، بۇلۇپمۇ 80-يىللىرىنىڭ كىيىنكى يېرىمى مەزگىلىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ زور ھەربىي قۇۋۋەتكە ئىگە بۇلۇش مەزگىلىدە ئامىرىكا ياپۇنىيە ئارمىيىسىنى پىچەتتىن بۇشاتتى. قىسقا مۇددەتتە ياپونىيە  قوغدىنىش ئارمىيىسى  ئاسىيادىكى 1-دىڭىز فىلوتىغا ئايلىنىپ، ئەزەلدىن ئارىسىدا ھەقىقىي ھەمكارلىق بۇلۇپ باقمىغان ھېلىقى كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمگە سېلىپ قويدى.شۇڭا روسلار جۇڭگۇنى ئالدىغا چىقىرىپ ياپونلار بىلەن شەرقى دىڭىز مەسىلىسى ئۇيۇنىنى قۇيۇپ، ئۆزى ئارقىدا ياپونىيىنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ كەلدى. بۇ ھالەت قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ يەنىلا ۋاقىت مەسىلىسى...
مەيلى قايسى رولنى ئالسۇن، بۇئۇيۇندىكى ئەڭ زور مەنپەئەتلەنگۈچى يەنىلا ھىندىستان. ئۇ دىپلوماتىيە جەھەتتىمۇ، ھەربىي تەمىنات جەھەتتىمۇ كاۋاپ ۋە زىخنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى كۆيدۈرمەيدۇ.نەچچە كۈن بۇرۇن پاكىستان يېقىن مۇساپىلىق، يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەتنى سىناق قىلدى. پاكىستان بۇندىن 2ئاي بۇرۇن  يادرو ئوق بېشى ۋە ئادەتتىكى بومبا ئوق بېشى  ئېلىپ يۈرەيلەيدىغان مۇساپىسى 600كلومىتىر ئۆپچۆرىسىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەت، بولتۇر يىل ئاخىرى مۇساپىسى ئازكەم 1500كلومىتىرغا يېقىنلىشىدىغان سىنارەتنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپقىيەت قازانغانلىقىنى  جاكارلىغانىدى.پاكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى ھىندىستاننى قۇرال-ياراغ غەملەيدىغان ئۇبدان باھانە بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلابەزىلەنىڭ ھىندىستاننى GDPغا باقماي ھەربى خامچوتىنى ئاۋۇتتى دەپ داۋراڭ سېلىشىغا كۈنلۈك ئېچىپ بەردى.
ياپونىيە-ھىندىستان ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى كەلگۈسىدە ئامىرىكىنىڭ <يىراقتىن كونتىرول>قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا تېخىمۇ چوڭ ئىشلارغا،تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قول تىقىشىنى  مۇستەھكەم ئاساس بىلەن تەمىنلەپ،ھىندىنوزىيەنىمۇ سېپىگە قېتىۋالىدۇ. گەرچە شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئامىرىكىدىن سىرت ھىندونېزىيەنىڭمۇ ئۆزلىرىنى پوش-پوش دەپ يۈرۈشىنى خالىمىسىمۇ، تاش-شېغىلنىمۇ ئىلغىماي石头菜قىلىپ يەۋىتىش ئىھتىماللىقى بارھېلىقى كىشىلەرنىڭ بىركۈنلىرى نىقابىنى يىرتىپ باستۇرۇپ كىلىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.
[ مەزكۇر پۈتۈك پاترول تەرىپىدىن 2011-04-22 22:26 دە تەھرېرلەندى. ]

ھەقىقىي بىر ھەربىينىڭ ئاتا-ئانىسى،خوتۇن-بالىلىرى بولمايدۇ!

Posted: 2011-04-22 21:24 | 13 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 66
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 66 نوقتا
پۇل : 660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

دۇرۇس  ھىندىستانلىق سەرپىش تۇماقلىغا پايدى بولسا بائكەنكى زىيان يوقكەن
روسلارنىڭ ياپۇنىيەنىڭ گەجگىسىگە دەسسەي دىغان ۋاقىتلىر مۇ تۈگەپ قالدى 
غەرىپ بېلەن روسىيەنىڭ ئىلغار قۇراللىر ،سەرپىش تۇماقلارنىڭ تۈڭلىكىدىنمۇ  ،ھويلىسىدىنمۇ،
ئاشكارا-يوشۇرۇن كىردى ھەم كىرىۋاتىدۇ .
يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيادا ياپۇن ئاتالمىش قېرى يولۋاسنىڭ زەنجىرى ئۈزۈلدى ، بولۇپمۇ
دۆلىتىمىز (ج20 ) نى ياساپ چىققانىلىقنى باھانىداپ  ئامېرىكا ئاكىسىغا ھال ئېيتىپ تۇرىۋىلىپ 
قۇرال ياراقلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقنى...،  قىسقىسى    زەنجۈرنى ئۈزۈل- كىسىل  بوشىتىۋىتىشنى
تەلەپ قىلىۋاتىدۇ  . ئەگەر شۇنداك بوپ قالسا  روسلامۇ گەجگىسىگە دەسلەپ بولدى دىگەن گەپ  .
پاكالىنى ھەرگىز بوش چاغلىمايمەن ...
لىكىن غەرىپمۇ ياپۇنغا سالغان بويان تۇرۇقنى  مەزگىللىك ۋە بىرئاز بوشىتىۋەتكىنى بېلەن بېراقلا
بوش قويىۋەتمەيدۇ  . بېراقلا  قويىۋەتسە ياپۇنلانىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكلا شەرىقى ئاسىيادا ،
ۋە ھەرتەرەپكە نىسپەتەن يىغىشتۇرىۋاغۇسىز كۈچ بولۇپ چىقالاي دىغانلىقىنى ئوبدان بۈلىدۇ
Posted: 2011-04-23 09:13 | 14 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھەربىي ئىشلار

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation