ئاساسىي تېما : <<تەكلى ماكان>>نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىئاۋاتلىقى:214ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 114
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 114 نوقتا
پۇل : 1140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:61(سائەت)

 <<تەكلى ماكان>>نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى




          <<تەكلى ماكان>> تارىم ئويمانلىقىدىكى چوڭ قۇملۇقنىڭ نامى بولۇپ،سەھرايى كەبىر قۇملىقىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق.ئۇمۇمى كۆلىمى 337مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر،جۇڭگودىكى قۇملۇقنىڭ %60 نى ئىگەللەيدۇ.بۇنىڭدىكى ئاقما قۇملۇق كۆلىمى 277 مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر،جۇڭگودىكى ئۇمۇمى قۇملۇقنىڭ % 50 نى ئىگەللەيدۇ.بىراق بۇ قۇملۇقنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغۇرسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ھەرخىل قاراشلار بار.بىرقەدەر بىرلىككە كەلگىنى:بۇجاي ئەسلىدە بۈك-باراقسان بوستانلىق بولۇپ ،قەدىمدە بۇ جايدا گۈللەنگەن،ئاۋات شەھەرلەر بولغان كىيىن قۇم ئاپىتى تۈپەيلى،كىشىلەر بۇ يەرلەرنى تاشلاپ كېتىپ،شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن.شۇڭا بۇ يەر<<تېگى-تەكتى يۇرت-ماكان>> دىگەن مەنىدە <<تەكتى ماكان>> دەپ ئاتىلىپ،كېيىنچە ئۆزگۈرۈش ياساپ<<تەكلى ماكان>> بولۇپ قالغان،دىگەن قاراش.
        لېكىن ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى تارىخى خاتىرلەر ۋە تارىخىي ماتىرياللاردا بۇ قۇملۇقنىڭ  ئاتىلىشى توغۇرلۇق  ھىچقانداق مەلۇمات يوق.خەن دەۋرىدىكى جاڭ چيەن،تاڭ دەۋرىدىكى شۈەنزاڭ،ماركۇپولولارمۇ بۇ قۇملۇقتىن ئۆتكەن،لىكىن ئۇلار بۇ قۇملۇقنىڭ ئىسمى توغۇرسىدا خاتىرە قالدۇمىغان.ھەتتا داڭلىق ئالىم مەھمۇت كاشغەرىينىڭ<<تۈركىي تىللار دىۋانى>> ناملىق ئەسىرىدىمۇ بۇ توغۇرلۇق مالۇمات يوق.ئۇ سىزىپ چىققان خەرىتىدە قۇملۇق ئورنى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىسمى يىزىلمىغان.
      ئۇنداقتا <<تەكلى ماكان>> دىگەن بۇ  ئىسىم قايسى دەۋىردە بارلىققا كەلگەن؟ بۇ مەسىلە يەنىلا ،بۇ ئىسىمنى تۇنجى بولۇپ تىلغا ئاغان كىتاپقا مۇراجەت قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
     بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400-350 يىلار ئىلگىرى كېرىيە بوستانلىغىنىڭ قارلۇق كەنتىدە ياشىغان تەكە جەمەتىدىن ھەمە تەكە بىلەن جاي كەنتىدە ياشىغان باراق جەمەتىدىن يۇمىلاق باراق كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى يايلاقنى سېتىۋېلىپ ئۇرۇق-رۇققان،مال-چارۋىللىرى بىلەن ئورۇنلاشقان.شۇنىڭ بىلەن بۇيەر <<دەريا بويى>> دەپ ئاتالغان دەريانى چېگرا قىلىپ شەرقى تەرىپى يۇمىلاق باراققا،غەربى تەرىپى ھەمە تەكىگە تەۋە بولغان.كىيىن شىمال تەرەپتىن قالماقلار (موڭغۇللار) بېسىپ كىلىپ ئۇرۇش بولغان.شۇ ئىشتىن كىيىن بۇ ئىككى جەمەت ئارىسىدا ئېغىر زىدىيەت پەيدا بولۇپ،تاكى 60ـ يىللارغىچە ئۆز ئارا قۇدىلاشماسلىق،باردى كەلدى قىلىشماسلىقتەك يىرىك مۇناسىۋەت بولۇپ كەلگەن.سىۋىن ھىدىن كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىنى بويلاپ باراق جەمەتى ئولتۇراقلاشقان يايلاقلارغا كەلگەن ھەم باراق جەمەتىگە تەۋە <<تۇڭغۇز باستى>> يايلىقى ۋە يايلاقتىكى تەبىئى قۇمۇش كول ئەتراپىنى تەكشۈرگەن.ئۇ باراق جەمەتىدىكىلەردىن كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى قۇملۇقنى كۆرسۈتۈپ:<<ئاۋۇ قۇملۇق قەيەر>> دەپ سورىغاندا،كىشىلەر ئۇنىڭغا <<تەكىلەنىڭ ماكانى>> دىگەن مەنىدە <<تەكىلە ماكانى>> دەپ قاۋاپ بەرگەن.بۇنىڭ بىلەن سىۋىن ھىدىن لاتىن يىزىغىدا << taqlemakan >> دەپ خاتىرلىۋالغان.ئەسلىدە سىۋىن ھىدىن بۇ چوڭ قۇملۇقنىڭ نامىنى سورىغان،لېكىن تەرجىماننىڭ خاتالىغىمۇ ياكى سۇئال ئېنىق سورالمىغانمۇ،ۋە ياكى جاۋاپ بەرگۈچى ئېنىق چۈشەنمىگەنمۇ،ئەيتاۋۇر جاۋاپ بەرگۈچى دەريانىڭ غەربىدىكى يايلاقلارنى نەزەردە تۇتۇپ،<<تەكىلە ماكانى>> دەپ جاۋاپ بەرگەن.بۇكىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئىسىم پۈتكۈل قۇملۇقنىڭ نامى سۈپۈتىدە خاتىرلىنىپ،بۇ قۇملۇقنىڭ دۇنياۋى نامىغا ئايلىنىپ قالغان.
Posted: 2010-10-29 17:17 | [پۈتۈكچى]


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1804
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1804 نوقتا
پۇل : 18040 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:158(سائەت)

 

بەزىدە كىچىككىنە خاتالىقمۇ نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبى بۇلۇپ قالىدىكەن !

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-10-29 19:59 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 161
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 173 نوقتا
پۇل : 1730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:66(سائەت)

 

سەل مۈجمەل جاۋاپ بولۇپ قالغاندەكقۇ بۇ؟
سىز دىگەن 60-يىللار قايسى 60-يىل ئۇ؟
مۇمكىن بولسا تېخىمۇ تەپسىلىكرەك چۈشەندۈرسىڭىز بولاتتى..
Posted: 2010-10-29 21:07 | 2 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 15

پۈتۈك سانى: 5412
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5444 نوقتا
پۇل : 54440 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1774(سائەت)

 

مۈمكىن بولسا بۇ يازمىڭىزنىڭ قايسى ماتىرىيالدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ...

ئالتۇن قەپەز ، كۈمۈش قەپەز بەرىبىر قەپەز ،

  قەپەز ئىچرە ئالالماس بۇلبۇل شاد نەپەس ...

Posted: 2010-10-29 21:57 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 245
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 245 نوقتا
پۇل : 2450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:157(سائەت)

 

ياۋرۇپالىقلار ئافرىقىغا بېرىپ  بىر كەنىتتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايالدىن ئۆزتىلىدا «بۇ قەيەر» دەپ سورىسا ھىلىقى ئايال مېنى دەۋاتقان بولسا كېرەك دەپ «گىۋىنىيە»دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن،بۇ ئىسىم شۇ دۆلەتنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ،ئەسلىدى «گىۋىنىيە»دىگىنى شۇ جايدىكى بىر قەبىلىنىڭ تىلىدا «ئايال» دىگەن بولىدىكەن.
ئەگەر مەزكۇر يازمىدا دىيىلگىنى راسىت بولسا ھىلىمۇ ئەشۇلار شۇنداق دەپ بۇ ئىسىم ئومۇملىشىپ قاپتىكەن،بولمىسا«كانادا»دىگەن دۆلەت نامىنىڭ زادى قايسى تىلدىن كەلگەنلىگىنى ئېنىقلىغىلى بولماي مەڭگۈ سىر پېتى قالغاندەك ئىش بولامتى-تېخى.
Posted: 2010-10-29 23:03 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 676
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 676 نوقتا
پۇل : 6760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:222(سائەت)

 

بىزنىڭ تارىخىمىزنى ھەلىھەم باشقا مىللەتلەر بارلىققا كەلتۈرۈپ خاتىرلەۋاتىدۇ.

تۇنجى سۆيگۈ!

Posted: 2010-10-30 00:58 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 114
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 114 نوقتا
پۇل : 1140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:61(سائەت)

 

      تۇغ ئەپەندى 60ـ يىلى دىگەن 1960ـ  يىلى. بۇ مەنبە شىنجاڭ ياشلىرى 2010ـ يىللىق 10ـ سانىدىن ئېلىندى.
Posted: 2010-10-30 01:21 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2111
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2114 نوقتا
پۇل : 21140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:229(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى گۆش گىردە نىڭ 2010-10-30 00:58 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
بىزنىڭ تارىخىمىزنى ھەلىھەم باشقا مىللەتلەر بارلىققا كەلتۈرۈپ خاتىرلەۋاتىدۇ.
Posted: 2010-10-30 01:49 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 161
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 173 نوقتا
پۇل : 1730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:66(سائەت)

 

ئاھ خۇدا!!!
راست سۆزلىسەم كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدى دىسە...
يالغان بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
Posted: 2010-10-30 02:51 | 8 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ئاتالغۇلار ۋە يەر -جاي ناملىرى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation