ۋاي خۇدايىم، مۇنبەردە ماۋۇ نەرسىنى كۆرمىسەم بولاتتى، بەلكى ئەۋەتكۈچى ياخشىلار ئىبرەت ئالسۇن، يامانلارنى تونۇسۇن دەپ ئەۋەتكەندۈر، ئەپسۇسكى، ھازىرقى دۇنيادىكى يامانلىقلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە تېخىمۇ ۋەھشىلىشىپ كىتىشىنى نەخ ئاشۇنداق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياخشىلار ئىبرەت ئالسۇن دىگەن ياخشى نىيىتى بىلەن يامانلارنىڭ [ ئىبرەت ئىلىپ ] ياخشى ئۆزگىرىش ئۈچۈن يازغان يازمىلىرى، ئىشلىگەن
كىنولىرى سەۋەبلىك ئەمەس دەپ كىم ئىيتالايدۇ، ئاشۇ يازما ۋە ئىشلەنمىلەردىن يامانلار ئىبرەت ئىلىپ تېخىمۇ ۋەھشى بولغان يامانلىق تۈرلىرىنى پەيدا قىلغان، شۇڭا يامانلىقنى ئىبرەت ئۈچۈن بولسىمۇ سۆزلەش كىرەككى، قىلدەك ياخشىلىق تاپساق كۆكلەرگە كۆتۈرۈپ ماختاش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش كىرەك ئىدى، بولۇپمۇ مۇشۇنڭىغا ئوخشاش سەزگۈر تىمىلارنى تېخىمۇ تەشۋىق قىلماسلىق كىرەك ئىدى،
ياخشى نىيەت بىلەن يوللىغان بولغىيدىڭىز، گىپىم كۆڭلىڭىزگە تەككەن بولسا كەچۈرۈڭ.