تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تور-سودا بېكىتى بولغان تاۋباۋ تورىغا تېزىملىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
تاۋباۋغا تېزىملىتىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئېلخەت (ئېلكترۇنلۇق خەت ساندۇقى) ئارقىلىق تېزىملىتىش، يەنە بىرى يانفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق تېزىملىتىش. قايسى خىل تېزىملىتىش ئۇسۇلىنى تاللاشنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ.
تېلفۇن ئارقىلىق تېزىملىتىش ئۇسۇلى
1-قەدەمدە تاۋباۋ باش بېتىhttp://www.taobao.com نى ئېچىپ، بەت يۈزىدىكى ھەقسىز تېزىملىتىش دىگەن يەرنى چىكىمىز:
2-قەدەمدە تېزىملىتىش بېتىگە كىرىپ تېلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق تېزىملىتىش دىگەننى تاللايمىز: 
3-قەدەمدە كۆزنەكتىكى تولدۇرۇشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلارنى تولۇق تولدۇرىمىز. ئەسكەرتىش: تېلفۇن نۇمۇرى چوقۇم بۇرۇن تاۋباۋغا تېزىملاتمىغان نۇمۇر بولۇشى كىرەك. ناۋادا تەستىق نۇمۇرى نۇرمال كۆرۈنمىسە، سەۋەبىنى ماۋۇ يەردىن كۆرۈڭ تەستىق نۇرمال كۆرۈنمىدى؟
4-قەدەمدە تېلفۇنىڭىزغا كەلگەن تەستىق ئۇچۇرىنى ماۋۇ كۆزنەككە تولدۇرىسىز. ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ بەتنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، باش بەتتىكى كىرىش دىگەن جاينى چېكىپ، تېزىملاتقان تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىز بۇ بەت يەنە قايتا كۆرۈنىدۇ؛ ناۋادا تېلفۇنىڭىز تەستىق ئۇچۇرى قوبۇل قىلمىغان بولسا بۇنىڭ سەۋەبى
تېزىملىتىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى!
5-قەدەمدە تۆۋەندىكى كۆزنەكنى چېكىپ تېلفۇنىمىزنى پۇل تۆلەش قۇرالى 支付宝غا ئۇلايمىز؛
ئېلخەت ئارقىلىق تېزىملىتىش ئۇسۇلى:
1-قەدەمدە تاۋباۋ باش بېتىhttp://www.taobao.com نى ئېچىپ، بەت يۈزىدىكى ھەقسىز تېزىملىتىش دىگەن يەرنى چىكىمىز:
2-قەدەمدە تېزىملىتىش بېتىگە كىرىپ ئېلخەت ئارقىلىق تېزىملىتىش دىگەننى تاللايمىز:
3-قەدەمدە مۇناسىۋەتلىك
ئۇچۇرلارنى توغرا تولدۇرىمىز، دىققەت: تولدۇرغان ئېلخەت چوقۇم بۇرۇن تاۋباۋغا تېزىملاتمىغان ئېلخەت بولۇشى كىرەك
4-قەدەمدە ئېلخەتكە كىرىش دىگەن يەرنى چېكىپ ئۆزىمىزنىڭ تېزىملاتقان خەت ساندۇقىغا كىرىمىز.
5-قەدەمدە ئېلخەتنى ئېچىپ،تاۋباۋ تورى ئەۋەتكەن تەستىق ئادرىسىنى چېكىمىز: مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى!
6-قەدەمدە تۆۋەندىكى يەرنى چېكىپ ئېلخەتنى پۇل تۆلەش قۇرالى 支付宝غا ئۇلايمىز
1-قەدەمدە تاۋباۋ باش بېتىhttp://www.taobao.com نى ئېچىپ، بەت يۈزىدىكى ھەقسىز تېزىملىتىش دىگەن يەرنى چىكىمىز