ئاساسىي تېما : مۇنبەردىكىلەر بىر نىمە دەپ باقسۇنئاۋاتلىقى:177ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



كۆڭۈل كەينىگە كىرمەڭ،ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ(سەمەر ..
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 302
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 302 نوقتا
پۇل : 3020 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1210(سائەت)

 مۇنبەردىكىلەر بىر نىمە دەپ باقسۇن

ئاكا ئۇكا ھەسەن ھۈسەنلەر قوشكىزەك بولۇپ،بۇ يىل 14 ياش،مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسى مەكتەپكە بىر قەدەر يىراق،ئتا-ئانىسى ئۇلارغا قاتناش قورالى سۈپىتىدە بىر ماشىنا ئېلىپ بەرگەن،ئۇلار مەكتەپكە ماشىنا بىلەن كىلىدۇ.بۇ ئىككەيلەن بەك ئۇيۇنچى بولغاچقا،ئاخشىمى ۋاخچە ئۇخلىغانلىقتىن ،ئەتىگىنى سەھەر تۇرالماي ،مەكتەپكە دائىم كىچىكىپ قالىدۇ،كۆپ قېتىم تەنىقىدلەنگەن بولسىمۇ بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىمتاھان ئالىدىغان كۈن بولۇپ،ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنى كىچىكمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ ،بىراق ،ئۇلار يولدا ئويناپ يەنىلا يېرىم سائەت كىچىكىپ قالىدۇ،مۇئەللىم سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە ،ئۇلار ماشىنىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كىتىپ،رىمونتخانىدا يامماتتۇق دەپ يالغان ئېيتىدۇ.مۇئەللىم ئۇلارنىڭ سۆزىدىن گۇمانلىنىپ،بۇ قوشكىزەكلەرنى سىنىپقا كىرگۈزۋەتكەندىن كىيىن ماشىنا توختىتىش ئورنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى تەكشۈرۈدۇ،ماشىنىنىڭ تۆت چاقىنى قېلىن چاڭ-توزاڭ باسقان بولۇپ،چىقرىپ ياماتقاندەك ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتتى،ئېنىقكى، ئۇلار يالغان ئېيتقانىدى.
بۇ مەسىلىگە قارىتا ،ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 208 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ،ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ،يېرىم  سائەت ئىچىدە جاۋابىنى تاپشۇرغان،بۇ جاۋاپلار ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ ،رەتلەنگەندىن كىيىن مۇنداق 25 خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا يىغىنچاقلانغان.

جوڭگوچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:بىرىنچىدىن يۈز تۇرانە قاتتىق تەنقىدلەپ،تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا بۇيرۇش؛ئىككىنچىدىن ئۇلارنىڭ شۇ يىللىق تۈرلۈك ئىلغارلىققا سايلىنىش ھوقوقىنى ئېلىپ تاشلاش؛ئۈچۈنچىدىن،ئەھۋالنى ئاتا-ئانىسىغا دوكلات قىلىش.

ئامرىكىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئۇلارغا چاقچاق تەلەپپۇزىدا:<<ناۋادا،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىمتاھان ئەمەس،بەلكى ماروژنى ياكى گۆش قاتلىمىسى يىيىش مۇسابىقىسى بولغان بولسا،ماشىناڭلار چاقى ئېتىلىپ كەتمەيتتى ھە؟!>>دەپلا تۈگۈتىدۇ.

ياپونىيەچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئاكا-ئۇكا ئىكىسىنى ئايرىم-ئايرىم سوراق قىلىپ،ئىقرار  قىلغاننى مۇكاپاتلاش،يالغان سۆزلەشتە چىڭ تۇرغاننى جازالاش.

ئەنگىلىيەچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:بۇنچىلىك ئۇششاق ئۇششاق ئىشلارنى زىغىرلاپ كەتمەيدۇ.

كورىيەچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى ئەۋھالنى ئۇقتۇرۇپ،ئاتا-ئانىسدىن باللىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ،سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ،ئىبرەت ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.

سىنگاپورچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن ئاغزىغا 10 شاپىلاق ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

روسىيەچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئاكا-ئۇكىلارغا يالغان سۆزلەشنىڭ زىيىنى ھەققىدە ھىكايە ئېيتىپ بەرگەندىن كىيىن ،ئۇلاردىن يالغان سۆزلىگەن-سۆزلىمىگەنلىكىنى قايتا سورايدۇ.

مىسىرچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئۇلارنى ئاللاھقا خەت يېزىپ ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ.

بىرازىليىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:يېرىم يىلغىچە ئۇلارنىڭ مەكتەپتە پوتبول ئوينىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.

ئىسرائىليىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئۈچ سۇئالنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى جايدا بىرلا ۋاقىتتا جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ئۈچ سۇئال مۇنداق :ماشىناڭلارنىڭ قايسى چااقى ئېتىلىپ كەتتى؟قايسى رىمونتخانىدا ياماتتىڭلار؟ يامىتىشقا قانچە پۇل خەجلىدىڭلار ؟

سىزچە قايسى خىل تەربىيە ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان  تەربىيە ئۇسۇلىدۇ ؟
Posted: 2010-10-27 16:19 | [پۈتۈكچى]


ئىنشائاللاھ
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2011
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2013 نوقتا
پۇل : 20130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2386(سائەت)

 

جۇڭگوچىسىنىڭ ناچار يېرى قەغەزنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ.
ئامىركىچىسى قېلىن بالىلارغا چاقچاق خالاس.
ياپونىيەچىسى ئاكا-ئۇكىنىڭ ئوتتۇرسىغا جېدەل سالىدۇ.
ئەنگىلىيەچىسى بۇنداق بالىلارنى جىقايتىۋېتىدۇ خالاس.
كورىيەچىسى بالىلارنى بۇرۇقتۇرما قىلىپ قويىدۇ.
سىنگاپورچىسى تاڭ قانداق بىمەنە ئۇسسۇل بۇ؟
روسىيەچىسى بەك يالغان ئىلمىيلىك بولۇپ قاپتۇ.
مىسىرچىسى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا باغلىق ئىش، ھەم كىچىكلىكتە گۇناھنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلمىگەن بالا بۇنداق خاتالىقنى قايتا قايتا سادىر قىلىپ،خەتنى يېزىۋېرىشى مۇمكىن.
بىرازىلىيەچىسى بوپ قالىدىغان چىراي،چۈنكى ئوغۇللارنىڭ كۆپۈنچىسى پۇتبولغا ئامراق ئەمەسمۇ؟
ئىسرائىلىيەچىسىنىڭ بىرلا قېتىم ئاقىدىغان ئۇسسۇلدەك قىلىدۇ، كېيىنكى قېتىمدا بالىلارمۇ ھەرخىل سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى سۆزلىشىپ كېلىدۇ،ئەلۋەتتە...

تۇمان ئىچىرە... ... ...

Posted: 2010-10-27 22:31 | 1 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 15

پۈتۈك سانى: 5412
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5444 نوقتا
پۇل : 54440 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1774(سائەت)

 

مەن بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئامىرىكىچە ياكى بولمىسا ئەنگىلىيەچە ئۇسۇلنى دەھشەت ياخشى كۆرگەن بولاتتىم  ...

ئالتۇن قەپەز ، كۈمۈش قەپەز بەرىبىر قەپەز ،

  قەپەز ئىچرە ئالالماس بۇلبۇل شاد نەپەس ...

Posted: 2010-10-27 22:48 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 245
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 245 نوقتا
پۇل : 2450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:157(سائەت)

 

جۇڭگۇنىڭ ئۇسۇلى:قۇلچىلىق ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈش،«خان ئالىلىرى دانادۇر،قۇللىرى ئۆلۈمگە مەھكۇم»
ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى:بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش،مۇستەقىل ئىدىيىنى قوغداش:«ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى رامبو،ھەركىتىڭنى داۋاملاشتۇر»
ياپونىيىنىڭ ئۇسۇلى:سامورايچە ساداقەتمەنلىكنى ئەلا بىلىش:«ھايت!»
كورىيەچە ئۇسۇل:ھەممىمىز بىرى بىرىمىزگە مەسئۇل بولايلى«چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئېغىز غېرىچلىما»
ئەنگىلىيىچە ئۇسۇل:مۆتىۋەرچە سالاپەتنى ساقلاش«كەچۈرۈڭ ئەپەندىم(خانىم)ئالدىڭىزدا خىجىلمەن»
سىنگاپورچە ئۇسۇل:مەدەنىيەتنى ھەربىرىمىز ئۆزىمىز قوغدايمىز«ئۆزەڭ تېرىغان بالانىڭ دەردىنى ئۆزەڭ تارت»
رۇسىيەچە ئۇسۇل:ئۇلۇغ رۇس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن «خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلساڭچۇ ئىۋان»
مىسىرچە ئۇسۇل:خۇدا ھەرقاچان قىلغىنىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ«يالغان ئېيىتساڭ دەۋزىخى بولىسەن»
بىرازىلىيىچە ئۇسۇل:ئەركىشىدەك بول«بۇ دۆلەت خەلقى مەردانىلىقنى ئەلا بىلىمىز»
ئىسىرائىلىيىچە ئۇسۇل:تاللانغان قەۋىم خۇدا ئالدىدا يالغان ئېيىتسا ئەھدىگە خىلاپ«نەق پاكىتنى ئاساس قىلايلى،ئادەمدە ھىسسىيات بولغانكەن، بەزىدە ئازدۇ»
Posted: 2010-10-27 23:35 | 3 -قەۋەت


ئىنشائاللاھ
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2011
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2013 نوقتا
پۇل : 20130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2386(سائەت)

 

Quote:
3 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى نارات2 نىڭ 2010-10-27 23:35 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
جۇڭگۇنىڭ ئۇسۇلى:قۇلچىلىق ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈش،«خان ئالىلىرى دانادۇر،قۇللىرى ئۆلۈمگە مەھكۇم»
ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى:بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش،مۇستەقىل ئىدىيىنى قوغداش:«ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى رامبو،ھەركىتىڭنى داۋاملاشتۇر»
ياپونىيىنىڭ ئۇسۇلى:سامورايچە ساداقەتمەنلىكنى ئەلا بىلىش:«ھايت!»
كورىيەچە ئۇسۇل:ھەممىمىز بىرى بىرىمىزگە مەسئۇل بولايلى«چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئېغىز غېرىچلىما»
ئەنگىلىيىچە ئۇسۇل:مۆتىۋەرچە سالاپەتنى ساقلاش«كەچۈرۈڭ ئەپەندىم(خانىم)ئالدىڭىزدا خىجىلمەن»
.......

سىز مەندىنمۇ ئەتراپلىققۇ؟؟؟ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.

تۇمان ئىچىرە... ... ...

Posted: 2010-10-27 23:40 | 4 -قەۋەت


ئەلمۇرات
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1498
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1500 نوقتا
پۇل : 15000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1317(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى باغرىم نىڭ 2010-10-27 22:48 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
مەن بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئامىرىكىچە ياكى بولمىسا ئەنگىلىيەچە ئۇسۇلنى دەھشەت ياخشى كۆرگەن بولاتتىم  ...

مەنمۇ ياخشى كۆرەتتىم،لىكىن 14 ياشلىق بالىغا قايسى دۆلەتتىن ماشىنا ھەيدەش ئىجازەت نامىسى بىرىلىدۇ؟

ئەلمۇرات

Posted: 2010-10-28 00:18 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 113
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 113 نوقتا
پۇل : 1130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:20(سائەت)

 

كورىئە بىلەن رۇسلارنىڭ قۇلاققا خوش ياقىدىكەن ....

قاينام

Posted: 2010-10-28 16:12 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 245
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 245 نوقتا
پۇل : 2450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:157(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بەندورا نىڭ 2010-10-27 23:40 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

سىز مەندىنمۇ ئەتراپلىققۇ؟؟؟ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئەزۋەيلەپ كېتەي دىگەن،گەپ ئۇزراپ كەتمىسۇن،دەپ ئۆزەمنى باستىم.بەك تەپسىلى بولۇپ قالسا بۈگۈنكى دۆلەتلەرنىڭ ئەينى قىياپىتى ئاشكارە بولۇپ كەتمىسۇن،دەپ.....شۇڭا....
Posted: 2010-10-28 21:25 | 7 -قەۋەت


ئابدۇلھەمىد ئىسلامى  خۇدا كاتتىدۇر 229177410
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 1732
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1738 نوقتا
پۇل : 17380 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:161(سائەت)

 

تاڭەي نىمدەي

دىنىڭ ئىسلام بۇلسا چىقار كۇچۇڭ بولسا 229177410      http://pahir0903.33591.com/ 

Posted: 2010-10-28 21:39 | 8 -قەۋەت


ھاياتلىقنىڭ پەيزى ئەگرى توقايلىقتا
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 839
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 839 نوقتا
پۇل : 8390 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:661(سائەت)

 

ئامرىكىنىڭ ياخشىدەك قىلىدىغۇ...........ئەقىلغا ئىشارەت يامانغا قۇۋالدۇرۇز..........

ھايات....ئۆلۈم....گۆر....قىيامەت........جەننەت ياكى دوۋزاخ......

Posted: 2010-10-29 04:06 | 9 -قەۋەت


خەير خوش رەسۋا```````
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1170
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1172 نوقتا
پۇل : 11720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:594(سائەت)

 

ماڭا يەنىلا توزىچاڭچىسى ياقىدۇ....

مىللەتنىڭ ئوغۇللىرى ئىتىقادسىز،غورورسىز،ۋىجدانسىز بولسا،قىزلارنىڭ قۇلى ئىشتان بېغىغا چۈشۈپ قالىدۇ~!~!

Posted: 2010-10-29 04:17 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 68
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 68 نوقتا
پۇل : 680 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:418(سائەت)

 

ئالداشقا كىچىك بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاقباشنى.... دېگەن گەپ بار....

  بەزىلىرىگە ئەنگىلىيىچە تەربىيە، يەنى كۆزىنىڭ ئىچىگە بىر قاراپ قويۇشمۇ كۇپايە.... بەزىلىرىگە سىنگاپورچە تەربىيىمۇ كار قىلمايدۇ....  بەلكىم ھېچقايسىسى ماس كەلمەسلىكىمۇ مۈمكىن...
مۇھىمى، تەربىيە ئوبيېكتىنىڭ  قايسى خىل تەربىيىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقى، قايسىسىنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش.

ھىيلىگەرلىك ئىنسانلار ماڭا بەرگەن ئۇنۋان...

Posted: 2010-10-29 11:12 | 11 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> جەمىئىيەت ۋە قانۇن

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation