ئاساسىي تېما : سېيىت نوچى (تارىخى داستان )ئاۋاتلىقى:619ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مەن ئاق بايراق ئەمەس!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 177
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 179 نوقتا
پۇل : 1790 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:74(سائەت)

 سېيىت نوچى (تارىخى داستان )

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك تەشنا تەرىپىدىن رەڭلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2010-10-27)
قەشقەر خەلقىنىڭ قان-ياشلىرى بىلەن يۇغرۇلغان تارىخى داستان (سېىيت نۇچى) نى كوپچىلككە سۇندۇم.
سېيىت نوچى
(تارىخى داستان )

قەشقەر خەلقنىڭ پىغانلىق كۆز يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئاققان تۈمەن دەرياسى بويىدا ، كوزىچى يار بېشى قوينىدا سېيىت ئىسىملىك بىر ئەزىمەت بارلىققا كەلدى . ئۇ شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرىكى ، يولۋاس تاپىنىدەك ئالقىنى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىپ - غۇرۋا ، يىتىم يېسىرلار ئۇنى ئۆزىگە ئاشىنا بىلدى. ئۇ ئونبەش ياشقا بارغاندا تۆشۈك دەرۋازادا بىر ناۋايغا نىمكار بولۇپ كىردى .
ئەلگەك بىلەن ئۇن تاسقاپ ،
ئۆتمەكتە ئۆمۈر .
ئەتىگەندىن كەچكىچە ،
ئەيلەيمىز خېمىر .
خېمىر تاۋلاپ بولۇپتۇ ،
بىلەكلەر تۆمۈر .
سېيىت نوچى گىردىسى دەپ ،
داڭقىم يېيىلدى .
داستىخانغا دەرمان بولۇپ ،
ماختاپ يىيىلدى .
بۇ گىردىنى ھەرياققا ،
ئېلىپمۇ كەتتى .
ئالدى ئاقسۇ ، ئارقىسى
يەكەنگە يەتتى .
يىتىم -يېسىر باغرىنى ئۇ ،
ماكانى ئەتتى .
نەچچە يىلدىن نىمكار ئىشلەش
تەننى پىشۇردى .
بىلەكلەرگە دەرمان بېرىپ
قۇۋۋەت ئاشۇردى .
بوزەك قىلسا بەگ - غوجاملار
ئاجىز پۇقرانى .
قانداق چىداپ تۇرالايدۇ
سېيىت ۋىجدانى .
ئاگاھ بەردى سېيىت كۆپ رەت ،
ھۆكۈمران بەگكە .
نەزەرگە ھېچ ئىلمىغاندا
قېتىلدى سەپكە .

ئەلقىسسە ، ئايلار ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى . سېيىت ئاخۇن گېلاۋخۇيچىلارغا قېتىلىپ سېيىت گاڭگۇڭ دەپ ئاتالدى . قان شورىغۇچ تىرىكتاپ بايلار ، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالدى . سېيىت نوچىنىڭ ئۈستىدىن دادلاپ ماتىتەي
٭ نىڭ ئالدىغا بەگزادىلەرنىڭ ئەرىز -شىكايىتى ياغدى . ئەمدى گەپنى سېيىت نوچىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ :
قارا ساچىم يەلپۈنۈپ
قاشىمغا چۈشتى .
تۈمەن سەۋدا بالالار
باشىمغا چۈشتى .
بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم
گېلاۋخۇي ھاشىم
٭

چامباشلىقنى ئۈگەتتى ئۇ ،
جان - دوست ئاداشىم .
گېلاۋخۇيغا جەم بولدۇق ،
دارىنغا قارشى .
خىيانەتچى ، پارىخور
زالىمغا قارشى .
بەلنى باغلاپ يەڭ تۈرۈپ ،
كۆتۈردۇق غوۋغا .
مەيلى دىدۇق بىزنى باغلاپ ،
ئاسسىمۇ دارغا .
ھەر قەيەردە ئۆم بولۇپ ،
باشلىدۇق جىدەل ،
ئەل ئاغزىدا داڭقىمىز
بولۇپتۇ غەزەل .
قەشقىرىمدە ماتىتەي
يارلىق چۈشۈردى .
سېيىت نوچىنى تۇتۇڭلار دەپ ،
بۇيرۇق چۈشۈردى .
يوقىتىلدى گېلاۋخۇي
زىنداندا ھاشىم .
زۇلۇم ، كۈلپەت قاينىمىدا ،
قېلىپتۇر باشىم .
قەشقىرىمدە كۈن ئالماق ،
تەس بولدى ، كەتتىم .
ياۋا قۇشتەك ئايلىنىپ ،
ئاقسۇغا يەتتىم .
قەشقەردىنمۇ بەك غېرىپ ،
غۇرۋانە ئاقسۇ .
خاراپزارلىق ئوچىقى ،
ۋەيرانە ئاقسۇ .
راۋابىمنى ھەمراھ قىلىپ ،
يەتتىم كۇچاغا .
ئالتە چېرىك بىر بولۇپ
ئالدى ئارىغا .
ئالتە چېرىك ئارىسىدا ،
شۇنچە مۇشتلاشتىم .
قارا شەھەر دەرۋازىسىنى ،
پەشۋادا ئاچتىم .
ئەمدى گەپنى قارا شەھەردىن ئاڭلايمىز :
ئەلقىسسە ، سېيىت گاڭگۇڭ قاراشەھەرنىڭ بىقىنىدىكى ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قېشىدىكى ، دەريانىڭ ئېقىنىدىكى خوجۇلۇق بونجالىققا كېلىپ راۋابىنى ئالدى ، زەخمەك ئۇرۇپ تارىغا شۇنداق لەرزان چالدى ،تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ئەھلى جاپاكەش ، مۇساپىر - ھوجاۋىرلار ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قالدى . راۋاپ ئاۋازى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە بىر ئوت سالدى .
بىر چاغدا سېيىت نوچى شۇنداق قاراپلا ھەيۋەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پارچە قارا بۇلۇتنى كۆردى . سېيىت ئاخۇن دىدىكى : بۇ خۇدانىڭ كارامىتىمۇ يا ئەزرائىلنىڭ مالامىتىمۇ ؟ ياكى بىر كاساپەتنىڭ ئالامىتىمۇ ؟ ... سېيىت ئاخۇن سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، كېلىۋاتقىنى قارا بۇلۇت ئەمەس ، ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا - چاڭ ئىكەن . ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقىنى قاراشەھەرگە نامى
پۇر كەتكەن بىر زالىمنىڭ بالىسى پور بايۋەتچە دېگەن چۈلە - زاڭ ئىكەن ، ئۇنىڭ ئەخمەقلىقى ، پوچىلىقى پۈتۈن قارا شەھەرگە داڭ ئىكەن .
پۇقرالار دىدىكى : ھەي سېيىت نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ ! ئالدىڭدىكى ئاتلىق پور بايۋەتچىدۇر ، خۇمسىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر بەچچىدۇر ، ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى قىرىق نەچچىدۇر ، ئۇنىڭ يۆلەك - پاناھى چوڭ ، خەلق ئالدىدا گۇناھى چوڭ ، ئۆزىنى شىر سانايدۇ ، نوچىلىقتىن تەمەيى چوڭ . ئۇنىڭ ئۆزى ئۆتۈپ كەتكەن مۇتىەەم لالما ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىشىپ قالما ، بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىپ سالما ، بەل
تۇتۇشساڭ دەس كۆتۈر ، يانپىشىڭغا ئالما !
سېيىت نوچى شۇنداق قارىغۇدەك بولسا ، پور بايۋەتچىنىڭ بىر قولىدا تىزگىن ، بىر قولىدا قامچا ، كەينىدە ئون نەچچە چېرىك غالچا ، غالچىلار قولىدا نەيزە ، كالتەك ، ئارغامچا . پور بايۋەتچە سېيىت ئاخۇنغا قاراپ دىۋەيلەپ ، ئۆز- ئۆزىچە كۆرەڭلەپ ، نىمە دەيدۇ قېنى ، قامچىسىنى تەڭلەپ :

قەيەرلىكسەن ، نەلىكسەن ؟
ئاتىڭنى سۆزلە .
راۋاپ - زەخمەك قولۇڭدا ،
زاتىڭنى سۆزلە .
ئاياغىمغا باش قويۇپ ،
دادىڭنى سۆزلە .
قەيەرلىكسەن ، قەلەندەر ،
دىۋانىمۇسەن ؟
يا بېشىڭغا كۈن چۈشكەن ،
سەرسانىمۇسەن ؟
ۋە يا دەچەن دەردىدە ،
ئاۋارىمۇسەن ؟
ياكى ئوغرى - بۇلاڭچى ،
قاراقچىمۇسەن ؟
قانداق غەرەزدە كەلدىڭ ،
ھالىڭنى سۆزلە .
سېيىت ئاخۇن بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، كېلىشكەن قاپقارا بۇرۇتىنى بىر تولغاپ قويۇپ ، نىمەدەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دەڭلار !
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ
سېپىل تېشىدىن .
شېرىن شەربەت سۈيى بار ،
تۈمەن قېشىدىن .
خۇمدانچىلار مەلىسى .
7
كوزىچى يار بېشىدىن
چىققان سېيىت ئىسىملىك __
پېقىر يىگىتمەن .
كىچىكىگە كىچىكمەن ،
چوڭىغا چوڭمەن .
پىششىقىغا پىششىقمەن ،
توڭىغا توڭمەن .
تەتۇرىگە تەتۇرمەن ،
ئوڭىغا ئوڭمەن .
مىسكىنلەرنىڭ مۇڭدىشى ،
ئامراق يىگىتمەن .
ئالداشنىمۇ ئۇقمايمەن .
رەممال ئەمەسمەن .
يا قەلەندەر - دىۋانە ،
ئابدال ئەمەسمەن .
خەقنى ئۇرۇپ - سوقمايمەن ،
ئامبال ئەمەسمەن .
يامىنىدىن قورقمايمەن ،
چەبدەس يىگىتمەن .
نەگە بارسام ھەمرايىم ،
مېنىڭ راۋابىم .
چالسام سازىم ، مادارىم ،
قىلسام تاۋابىم .
بىلمەك بولسام شۇ ساڭا ،
سۆزۇ جاۋابىم .
ئەزىزانە قەشقەردىن ،
چىققان سېيىتمەن .
پور بايۋەتچە دىدىكى : ئەي يۇرت - ماكانى يوق ھارامزادە ، مەن بولسام ئارزۇلۇق بەگزادە ، كىيىم سەرپايىلىرىم ئازادە ، بەخت - دۆلەتتە ماڭا ھەرقانداق شاھزادە ، مەن بولسام قاراشەھەردە ئاتالغان گاڭگۇڭمەن ، نامۇ شۆھرەتتە رۇستىمى داستانىدىن چوڭمەن . قېنى كۈچ سىنىشايلى ، بىر قەپەس ئېلىشايلى . گاڭگۇڭ بولساڭ مەيدانغا چۈش ، چېلىشايلى .
سېيىت نوچى دىدىكى : سەندىن قورقۇنچ ، دىشۋارىم يوق . ساڭا ئاتار پەشۋارىم يوق . بىر پەس ئارام ئالغىلى قوي ، ئىككى پەدە چالغىلى قوي .
پور بايۋەتچە دىدىكى : پۇراپ باقساڭ مۇشتۇمنى ، يوقىتىسەن ھۇشۇڭنى ، بىر مۇشت بىلەن سېسىتاي جىگىرىڭنى - گۆشۇڭنى ، باش ئۇستۇڭگە قوندۇراي ، ئەجەل ماتەم قۇشۇڭنى !
پور بايۋەتچە شۇ سۆزلەردىن كېيىن سېيىت نوچىغا شۇنداق بىر مۇشت ئاتتى . مۇشتى قاڭقىپ كېتىپ ئۆزى ئېغىناپ بىر ئازگالدا ياتتى ، زەي -پاتقاققا پاتتى . شۇ ئىزاغا چىدالمىغان پور بايۋەتچە سېيىت گاڭگۇڭغا شۇنداق بىر پەشۋا ئاتقانىدى ، بايۋەتچىنىڭ پۇتلىرى سېقىراپ كەتتى ، كاللىسى پېقىراپ كەتتى ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ۋاي پۇتۇم ! دەپ چىرقىراپ كەتتى ، ئۈنى بوغۇلۇپ خىرقىراپ كەتتى . يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ ، توۋا قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ دېگەندەك ، پور بايۋەتچە پۈتۈن كۈچىنى كاللىسىغا يىغىپ سېيىت نوچىنىڭ مەيدىسىگە شۇنداق ئۇستىكى ، بايۋەتچىنىڭ باش- كۆزى زىڭىلداپ كەتتى ، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتتى ، پېشانىسى ھۈررەكلەپ سېسىق تۇخۇمدەك لىغىرلاپ كەتتى . بايۋەتچىنىڭ بېشى دوقىدىن ئۆتۈپ سوقىغا ئايلىنىپ كەتتى . خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى تۆكۈلگەن ، قەددى پۈكۈلگەن ، يۈرەك
چېكى سۆكۈلگەن پور بايۋەتچىنىڭ جېنى بوغۇزىغا قاپلاشتى ، سېيىت گاڭگۇڭنىڭ ياقىسىغا كانىدەك چاپلاشتى . ھەي سېەىرگەي گاداي ! ئۆزۈڭگە سۇرە ئەپسۇننى ئۇرىۋاپسەن ، ئادەم سىياقىغا كىرىۋاپسەن .
يۈر يامۇلغا ، مەن شۇ يەردە سىرىڭنى ئاچاي ، باش- كۆزۈڭگە ئەدەپ دورىسى چاچاي ......! سىيىت نوچى دىدىكى : مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم ئىدى . بۇنى ئۇقمايسەن . ئۈچ نۆۋەتنى ساڭا بەرسەم ئۆزۈڭنى سورىمايسەن ، ئاستا دىسەم بەك دەيسەن ، داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەيسەن ، كۆرۈپ باق مېنىڭ كارامىتىمنى !
سېيىت نوچى پور بايۋەتچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپلا شۇنداق بىر كۆتۈرىۋىدى ، ئۇ يىلتىزى يوق سېسىق كۆتەكتەك ، پاشنىسى يوق ئەسكى ئۆتۈكتەك يۇلۇنۇپ چىقتى . سېيىت نوچى ئۇنى بىر قولى بىلەن شۇنداق ئايلاندۇرۋىدى ، ئەييۇھەنناس ! چاقپىلەكمۇ ئۇنداق ئايلانماس ، پىر - پىر -پىر ......!!! سېيىت نوچى ئۇنى قارا شەھەر دەرياسىغا شۇنداق ئېتىۋىدى ، پور بايۋەتچە خۇددى داشقا چۈشكەن ماشتەك ، تاغدىن
چۈشكەن تاشتەك ، كۆزدىن ئاققان ياشتەك ، تۇز قوينىغان ئاشتەك ، قىلىچ ئۈگەن باشتەك ، دەريانىڭ قاق ئوتتۇرسىغا چۈشتى .
ئەمدى گەپنى قاراشەھەر ئامباللىرىدىن ئاڭلايمىز : چېرىكلەر پور بايۋەتچىنى دەريادىن سۈزۈۋېلىشتى ، ئۆزلىرىنىمۇ ئازراق تۈزۈۋېلىشتى . دىيىشتىلەركى : سېيىت نوچى تولىمۇ قارام ئىكەن ، ئۇنىڭ خۇسۇسىدا بۆلەكچە ئويلاش ھارام ئىكەن ، كۈچ تۇرقىدا كۆڭلى ئارام ئىكەن ، كەمبەغەل پۇقرالار ئۇنىڭغا رام ئىكەن ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشساق بىزگە خوۋلۇق بولماس ، چىرايلىقچە سوۋغا - سالام تارتۇق قىلىپ ،
بەزىسىنى ئارتۇق قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپ ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن بۇ زىياننى پۇقرالارغا چېچىپ بىرنى ئون قىلىپ ئۈندۈرۋالساق .
بۇ يامان نىيەتلىك غەرەزدىن سېيىت ئاخۇن تامامەن بىخەۋەر ئىدى . ئەتىسى ئۇلار قاراشەھەر ئېتىدىن بىرنى ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتۇپ : ھەي سېيىت نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ ! بالىلار سېنى رەنجىتىپ قويغان بولسا بىز ناماقۇل ، سەپىرىڭدىن يانمىساڭ ، شەھىرىمىزدە ئۇزاق تۇرۇپ قالمىساڭ دىيىشتى .
سېيىت ئاخۇن بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ ، يارۇ دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاتقا بىر قامچا سالدى ، ئىلىئوغا قاراپ يول ئالدى :
ئىلىخوغا بارماڭلار ،
يولى خەتەردۇر .
زىمىستان قىش نەشتىرى
جاندىن ئۆتەدۇر .
مۇساپىرلار دەرتمەنلەر
يولدا ياتادۇر .
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ ،
غەمگە پاتادۇر .
ئىلخوغا مەن بېرىپ ،
قالدىم بالاغا .
ياغاق يۈزلۈك چېرىكلەر
ئالدى ئاراغا .
ئالتىسىنىڭ سۇندۇرۇپ
ئۇتتۇر چىشىنى .
پەشۋا بىلەن مۇش بىلەن
ياردىم بېشىنى .
ئىلى دەريا بويىدا
چالدىم راۋاپنى .
جالاس ئەتتىم قۇل _ يىتىمنى ،
تاپتىم ساۋاپنى .
قۇل _ يىتىمنىڭ ياتقان يېرى
پىتلىق ئاۋاختا .
قۇل- يىتىمغا ئاش بېرەركەن
سۇنۇق تاۋاقتا .
ئاۋاختىنى ئاي يورۇقى ،
ئايدىڭدا چاقتىم .
قوش قولۇمنى قېيىق قىلىپ
دەريادا ئاقتىم .
يىگىرمە ئالتە ياشىمدا ،
كۈنلەر چۈشتى باشىمغا .
ئەرزىمنى بايان ئەيلەي ،
يارۇ دوست قاياشىمغا .
ئەزىزانە قەشقەردە
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بويۇم بار .
شەھەر كۆرۈپ يۇرت كۆرمەك ،
ئىچكە تولغان ئويۇم بار .
شەمۇشەنى ئايلىنىپ
ئۈچتۇرپانغا كېپقالدىم .
قولغا ئېلىپ راۋاپنى ،
ھەر پەدىگە چېپقالدىم ...
ئۇچتۇرپانلىق كۆڭلىگە
سېيىت ئاخۇن يېقىپ قالدى .
ياقا يۇرتلۇق بولساممۇ
سۆزلىرىم ئېقىپ قالدى .
يەتتى بولۇڭ پۇشقاققا
يېيىلىپتۇ ئاتىقىم .
يول_ يول ئىكەن ھەر ياقتا ،
ئەل -يۇرت بولدى ياتىقىم .
خالايىقلار دەر ئىدى :
سېيىت نوچى كەلگۈسى .
ئۇنىڭ قەدىمى يەتمىكى ،
ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ......
نائەھلىلەر شۇ كەمدە ،
ئىچى ئاداپ ھالىمغا .
تۆھمەت توقۇپ ئۇستۇمدىن ،
ئەرىز قىپتۇ دارىنغا :
سېيىت يۇرتنى ئازدۇردى ،
ئوغرىلارنى جەم قىلىپ .
سىزگە ئورا قازدۇردى ،
بۇ يۇرتقا بالا تېرىپ .
ئۇنى يوقىتىڭ دەرھال ،
تۇخۇمى قۇرۇپ كەتسۇن .
ئۇ يالاڭتۆش غوۋغاچى ،
يەر يۇتۇپ چىرىپ كەتسۇن .....
يالپاق بۇرۇن دوتەينىڭ ،
رەڭگىرويى ئۆڭۈپتۇ .
سېيىت توغۇرلۇق خىيالى ،
ھەر كوچىغا مېڭىپتۇ .

ھەممىگە ئايان بولغايكى ، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ما شاۋۋۇ ئەسلىدە قەشقەرنىڭ دوتىيى بولۇپ ، گېلاۋخۇيچىلارنى يوقىتىشتا داڭق چىقارغان چوڭ جاللات ئىدى . شۇ چاغدىن باشلاپ سېيىت نوچىنى تونۇيتتى . بىراق قەشقەردىكى چېغىدا سېيىت نوچىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنىدى . گاڭگۇڭنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقى ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى . لېكىن ، ئۇ ئۇچتۇرپاندا سېيىت نوچىنى جايلىۋېتىشكە مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلەتتى . بۇلارنى ئويلاپ يەتكەن بۇ ھىلىگەر يېڭى خىزمەت ئارقىلىق خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشمەك خىيالىدا سېيىت نوچىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كويىغا چۈشۈپ ، كونا ھۈنۈرىنى ئىشقا سالدى :
ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ،
ئۇچتۇرپانغا خۇش كەپسەن .
مەن كۆرۈپ دىدارىڭنى ،
بولدۇم تولىمۇ خۇرسەن .
تەڭ كەچكەن ئەمەسمىدۇق ،
تۈمەن دەريا بويىنى .
تەڭ ئىچكەن ئەمەسمىدۇق ،
ئۇنىڭ شەربەت سۈيىنى .
تەڭ ئاڭلاپ ئەمەسمىدۇق ،
ھېيىت - ئايەم كۈيىنى .
بىللە كۆرۈپ كەلگەن بىز ،
ئەزىز قەشقەر باغرىنى .
ھېيىت - ئايەمدە تەڭ ئاڭلاپ ،
كانەي ، سۇناي ، ناغرىنى .
قەشقەرلىكنى كۆرگەندە
تەنگە سىغماي كېتىمەن .
داستىخان سېلىپ ئالدىغا ،
ئىززەت - ئېكرام ئېتىمەن .
ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ،
يۈرسەڭ ، ئوردىغا بارساڭ .
ئۇستىخىنىڭ چۈشۈپ قالسا ،
بۇ يۇرتتا تۇرۇپ قالساڭ .
ماقۇل سېيىت نوچى ،
ئوردىدا تۇرۇپ قاپتۇ .
پۇۋلەپ يەل بېرىش ، ماختاش ،
جايىغا بېرىپ قاپتۇ .
ئاق تەڭگە بىلەن چوكان ،
كۈنمۇكۈن كېلىپ قاپتۇ .
يالپاق بۇرۇن ما دارېن ،
ھەر ياڭزا كۈلۈپ قاپتۇ .
ئاي ، يىللار ئۆتۈپ مەزگىل ،
بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ .
شۇنداق بىر كۈن ئىچىدە ،
سېيىت نوچى چۈشىدە ،
ئانىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ .
قەشقەرگە كېتەيىن دەپ ،
مىسكىن ئانا قېشىغا ،
پات بېرىپ يېتەيىن دەپ ،
قېرىغان چېغى يېنىدا ،
خىزمەت قىلىپ ئۆتەيىن دەپ .
ئۆز قولىدىن ئېشىنى ،
بىر قوشۇق ئىچەيىن دەپ .
مانا شۇنداق ئويلاپتۇ ،
ئۆي بويىنى بويلاپتۇ .
دارېن ئالدىغا كىرىپ ،
ئىجازەتمۇ سوراپتۇ .

ئەلقىىىسە ، سېيىت نوچى شۇ كۈنى تاڭ ئېتىش بىلەن ما دارېننىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئەرزىنى بايان قىلدى :
قوي ئىزدەر قوزاسىنى ،
قوزىمۇ ئاناسىنى .
ھاۋادىكى قۇشلارمۇ ،
سېغىنار ئۇۋاسىنى .
سېغىندىم يۈرەك - دىلدىن ،
ئانام مېھرىبانىمنى .
سېغىندىم __ ئېتى مەمەت ،
ئۇكامنى __ غەمگۇزارىمنى .
تۈمەن دەريا سۈيىدىن ،
تويغىچە يۇتاي دەيمەن .
غەمگۇزارىم ئانامنىڭ ،
ئالدىدا ئۆتەي دەيمەن .
يار بېشىدا ئولتۇرۇپ ،
راۋابىم چالاي دەيمەن .
غېرىپ - غۇرۋا يارەننىڭ
كۆڭلىنى ئالاي دەيمەن .
قەشقەرگە باراي دەيمەن ،
مېەرىگە قاناي دەيمەن .
ما دارېن ئىجازەت بەر ،
يولغا ئاتلىناي دەيمەن .
ما دارېن شۇنداق جاۋاپ بەردى :
ئىجازەت بېرەي دىسەم ،
مەن ساڭا چىدالمايمەن .
باشتىلا دىمەپمىدىم ،
سەندىن ئايرىلالمايمەن .
ئىجازەت بېرەي ، گاڭگۇڭ ،
چارەم يوق بۆلەك ياڭزا .
يوللۇقۇم بېرەي ياچەن ،
تېخى بىر چىلىم غاڭزا .
يالغۇز ئانىغا سەندەك ،
جان كۆيەر ئوغۇل لازىم .
ئالدىغا بېرىپ دەرھال ،
ئاڭا ئەيلىگىن تەزىم .
قەشقەردىكى تىتەيگە
خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت .
جەتنى كۆرسە ما تىتەي ،
دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت .
سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ،
قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت .
ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق ،
مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت .
بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ ،
بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە .
سېنى باشلىق قىپ قويار ،
تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە ،
باشلىق بولۇپ شۇندا سەن ،
ئويناپ - كۈلۈپ ئۆتەرسەن .
گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق ،
مۇرادىڭغا يېتەرسەن .
بۇ يۇرتتىن كېتەر بولدۇڭ ،
ئىچىمگە سېلىپ ئوتنى .
ئەتە يولغا چىق گاڭگۇڭ ،
تەييارلاپ قوياي خەتنى .
ئەلقىسسە ، ما دارېن ئۇخلىماي خېتىنى يازدى ، گاڭگۇڭنىڭ ھايات يولىغا ئەجەل خەندىكى قازدى . ئەتىسى سېيىت نوچى بۇ خەتنى ئېلىپ ، قوينىغا قاتلاپ سېلىپ ، دارېن ئالدىدىن چىقىپ جاپاكەش پۇقرالارغا تويماي بېقىپ ، يۈرىكى شامدەك ئېقىپ شۇنداق دىدى :
خوش بۇرادەر ، يارەنلەر ،
بىللە ئويناپ ئۆتكەنلەر .
ئۆزرەمنى ئېيتىپ قالاي ،
قەشقەرگە كېتىپ قالاي .
داغى پەرزەئىت ئانامنىڭ ،
قان قېرىنداش ئۇكامنىڭ ،
مېەرىگە قېنىۋالاي .
قىلغان بڭلسام مەنمەنلىك ،
ئۆتكەن بولسا سەۋەنلىك ،
كەچۈرۈڭلار ، يۇرتداشلار ،
خەير - خوش ، قېرىنداشلار .

ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى يار - بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلىشىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى . ئۇچتۇرپاندىن ئۇزاپ كەتكەندە ، مارالبىشىنىڭ تۇمشۇقىغا يەتكەندە نوچىنىڭ ئېتى شورلۇق يەرگە پاتتى . سېيىت نوچى ئاتتىن چۈشۈپ كۆتۈرۈپ تارتتى . تۇز ئارىتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ پاتقاقتىن ئامان چىققان بىر تۇزچى بوۋاي بۇ ھالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . سېيىت نوچىغا ياردەملىشىپ ئاتنى تارتىۋالدى . تۇزچى
بوۋاي ئېيتتىكى :
ئوغلۇم سېنىڭ چىرايىڭ ،
زەپمۇ ئىللىق كۆرۈندى .
ئېتىڭ پېتىپ شورلۇققا ،
جەۋىپتىن خەتەر بىلىندى .
سەپىرىڭدىن بىر گۇمان ،
ئايان بولدى كۆڭلۈمگە .
مەنزىلىڭگە يەتكۈچە ،
ئاگاھ بولغىن ئۆزۈڭگە .
ئېيىتقىن نىمە قىسمەت بار ؟
سەپىرىڭدە ، ئىشىڭدا ،
ئۆتكەن قانداق خىسلەت بار ؟
سېنىڭ مىسكىن بېشىڭدا .
ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋايغا سەرگۈزەشتىلىرىنى ھىكايە قىلىپ بەردى . ما دارېننىڭ خېتىنى قوينىدىن ئېلىپ پوتىسىغا مەھكەم تۈگدى . تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
__ھەي ئوغلۇم ، ئۇشبۇ خەتنى يېنىڭدا ساقلاپ يۈردۈڭمۇ ؟ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ كۆردۈڭمۇ ؟ بۇ زاماننىڭ ئامباللىرىدا ئىنساپ قالمىدى . نادانلىق قىلىپ ، تەۋەككۇل كەمىرىدە بېلىڭنى باغلىما ، دارېننىڭ خېتىنى سەل چاغلىما ، پالاكەت باسمىسۇن سېنى ، خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ باقايلى قېنى . سېيىت نوچى ئېيتتىكى :

ئامانەتكە خىيانەت ،
نامەرد ئىشىدۇر .
پالاكەتنىڭ ئامرىقى ،
قورققاق كىشىدۇر .
ھاياتىمدا نامەرتلىك
قىلغان ئەمەسمەن .
جاننى ئالتۇن _ كۈمۈشكە ،
ساتقان ئەمەسمەن .
كەلسە ئەجەل ناۋادا ،
جاننى ئالادۇر .
سۇلار ئېقىپ ئاستىدا ،
تاشلار قالادۇر .
قەشقىرىمدا يارەن كۆپ ،
يالغۇز ئەمەسمەن .
كىمكى قىلسا يامانلىق ،
ئادەم دىمەسمەن .
تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى : خەير ، ئوغلۇم ، ساڭا ئاقيول بولسۇن ، خەۋپ - خەتەر سەندىن يىراق تۇرسۇن . دۈشمىنىڭ قان قۇسۇپ ئۆلسۇن ، دوستلىرىڭ شاد - خورام كۈلسۇن . ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋاي بىلەن خەيرلىشىپ ئېتىغا يەنە مىندى ، ئالغا قاراپ يول يۈردى .
يولنى كۆپ بېسىپ ، كۆرگەنلا يەردە كىشىلەر قازان ئېسىپ ، ئاخىر دەمدە قەشقەرگە يېتىپ باردى . قان - ياش ئاقار تۈمەن دەرياسى بىلەن كۆزىچى يار بېشىنى كۆردى .
سېيىت نوچى دىگەن گاڭگۇڭ ،
دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقسا .
ئانا مېەرىنىڭ شامى ،
باغرىدا ئېرىپ ئاقسا .
ھەر ياقتىن خاراپ يۇرتى ،
ھەسرەت ئوتىنى ياقسا .
تۈمەن تولغۇدەك قان - ياش ،
تۇرماي تامچىلاپ ئاقسا .
ياش قۇيغان كۆزلەر بىرلە ،
تويماي ھەر تامان باقسا ،
ئىشىككە كېلىپ قاقسا ،
ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ ،
چىراغمۇ ئۆچۈپ قاپتۇ .
ئانىسى غېرىپ مەزلۇم ،
ئاھ . . . چېكىپ يېتىپ قاپتۇ ،
غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ ،
ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ .
جان ئانا ... جېنىم ئانا ....
دەپتۇ سۆزىنى باشلاپ .
ئاڭلىتالماي ئۆگزىگە ،
قوشلاپ چالمىنى تاشلاپ .
يەنە تەكرار توۋلاپتۇ ،
بوتىلاقتەك بوزلاپتۇ .
جاراھەتلىك باغرىنى ،
ھەسرەتلىرى تۇزلاپتۇ ،
توۋلاشلىرى تېزلەپتۇ .
ئاخىر ئاڭلاپ ئانىسى ،
يائىدۇرۇپتۇ چىراغنى .
ئويلاپ يېقىن - يىراقنى ،
ئىچىنى خىيال ئوراپتۇ ،
كىملىكىنى سوراپتۇ .
جان ئانا ، جېنىم ئانا
دېگەن بىر سادا كەلدى .
ئىشىكنى ئاچ ، جان ئانا ،
مۇساپىر بالاڭ كەلدى .
شۇ سۆز بىلەن ئانىسى ،
ئىشىككە ئوقتەك ئېتىلىپ ،
سۆزگە قان - ياش قېتىلىپ .
بوينىغا گىرە سېلىپ ،
ھارماڭ ، بالىكام دەپتۇ .
يىرتىق دەستىخان ئېچىلىپ ،
گۈلە قاقلار چېچىلىپ ،
ھىجىردا چاي ئىچىلىپ ،
ئۆيگە ئادەم تولۇپتۇ ،
تۈنمۇ تامام بولۇپتۇ .
ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ،
مەزىن ئەزان ئېيتقاندا ،
سېيىت نوچى جامەدە
جامائەتنى كۆرۈپتۇ .
يىغلاپتۇ ھەم كۈلۈپتۇ .
ئۆيگە قايتىپ كېلىپتۇ ،
ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ .
پەستە تۇرۇپ قول باغلاپ ،
چاپان كىيىپ بەل باغلاپ ،
ئانىسىغا خۇش قاراپ ،
شۇنداق بىر سۆز قىلىپتۇ .
مەن يامۇلغا كىرەيمەن ،
ما تىتەينى كۆرەيمەن .
ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ،
ھۆرمەت سالام بېرەيمەن .
سوڭرە ئامانەت خەتنى ،
ئۆز قولىغا بېرەيمەن .
شۇنداق دەپ سېيىت ئاخۇن ،
ئىجازەتنىمۇ ئاپتۇ .
خۇداغا ئامانەت دەپ ،
ئانا ئىشىكتە قاپتۇ .
خەتنى ئوقۇپ ما تىتەي ،
باشنى ئاستا چايقاپتۇ .
يۇمشاق كۈلكىدىن نوچى ،
ھەر ئەھۋالنى بايقاپتۇ .
شۇندا تۇزچى بوۋاينى ،
دەررۇ يادىغا ئاپتۇ .
شۇ ئوي ، شۇ خىيال بىرلە ،
تىتەيگە قاراپ قاپتۇ .
سۇڭرە سۆزلەپ ما تىتەي ،
ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك دەپتۇ .
ئۈچ كېيىن يامۇلغا
سەن ئۆزەڭلا كەل دەپتۇ .
بىز كېڭەشنى پۈتتۈرسەك ،
پىشانەڭگە يېزىلغان
كارامەتنى كۆر دەپتۇ .
ئۈچىنچى كۈن سېيىت ئاخۇن ،
ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتۇ .
چۈشىدە تېخى شۇنچە ،
نۇرغۇنلا ئىش كۆرۈپتۇ :
چوڭ يولدا كېتىپ بېرىپ ،
قارا ئېتىنى كۆرۈپتۇ ،
ئويغىنىپ ئۇ ئويلاپتۇ ،
باش - ئاياغدىن ئويىنى .
دەرھال بېرىپ ھاممامغا ،
سۇغا ساپتۇ بويىنى .
ئانىسىغا سۆز قوشۇپ ،
دەپتۇ : سەندىن سورايمەن .
بۈگۈن ئۇلۇغ جۇمە كۈن ،
ئاپاق غوجامغا چىقىپ ،
ناماز ئوقۇپ كىرەيمەن .
ئانا بېرىپ ئىجازەت ،
ئىشىك تۈۋىدە قاپتۇ .
دۇئا بىرلە سېيىت ئاخۇن ،
ھەزرەت ياققا يول ئاپتۇ ...
ئاڭلىناتتى ھەر ياقتىن ،
دەرت - ئەلەم ، پىغان زارى ،
تاشۋايدەك راۋاپچىنىڭ ،
ئۈزۈلگەن يۈرەك تارى .
ئۈجمىلىك باغ ئەتراپى ،
ئايلىنىپتۇ مازارغا .
يالىڭاچ تەن ، يوقسۇللار ،
چىقالماپتۇ بازارغا
ئارىلاپ سېيىت نوچى ،
كۆردى ئەلنىڭ ھالىنى ،
بۇلاپ ئالغان ئاچ كۆزلەر ،
يۇرتنىڭ بار - يوق مالىنى .
كۆزى چۈشتى ھەر يەردە ،
ياخشى بىلەن يامانغا .
يۈرىكىدە ئوت ياندى ،
لەنەت ئوقۇپ زامانغا .
ھەممە يۇرتتا خار پۇقرا .
دەرت ئەلەمگە يار پۇقرا .
قان يىغلايدۇ ھەسرەتتە ،
بۇردا نانغا زار پۇقرا .
ئاھ ... خۇدايا ، ئالەمنى ،
ئۆزۈڭ ئالغان ھۆددەڭگە .
رەھىم - شەپقەت قىلساڭچۇ ،
بىزدەك مىسكىن بەندەڭگە .
ئالىمىڭنى كەڭ قىلىپ ،
زامانەڭنى تار قىپسەن .
ئادىمىڭنى ئەلەملەپ ،
ئىت - ئېشەكتەك خار قىپسەن .
شاپائەت قىل قەشقەرگە ،
شەپقىتىڭنى ياغقۇزغىن .
قانغا تويماس زالىمنى ،
ئۆزۈڭ زاۋال تاپقۇزغىن .
سېيىت نوچى ھەر يەردە ،
يىرتىق چاپان ، تون كۆردى .
توننى بويلاپ تۆكۈلگەن ،
لەختە - لەختە خۇن كۆردى .
يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ ،
كاۋاپ بولۇپ ياناتتى .
ساماۋاردا ئولتۇرۇپ ،
ئىچ قارنىنى تولدۇرۇپ ،
ئەل - يۇرت بىلەن مۇڭدىشىپ ،
دىدارىغا قاناتتى .
ساماۋارنىڭ چۆرىسى ،
ئادەم بىلەن لىق تولغان .
ئۇلۇغ - ئۇششاق قەشقەرلىك ،
ئەتراپىغا جەم بولغان .
چىقىپ كەپتۇ بىر چاغدا ،
بىر توپ چېرىك ئات بىلەن .
يارلىق ئېلىپ يامۇلدىن ،
تىتەي يازغان خەت بىلەن ،
چېرىك سالام بېرىپتۇ ،
قاتارلىشىپ تۇرۇپتۇ .
سېيىت ئۇقۇپ ئەھۋالنى ،
دەرھال يولغا يۈرۈپتۇ .
دوست - يارەنلەر ئەگىشىپ ،
تولىسى گەپ تەگىشىپ ،
يۈرگەندە تېز يۈرۈپتۇ .
كۆپ خىياللار سۈرۈپتۇ .
تۈندە كۆرگەن چۈشىنى ،
يول توسقان قارا ئىتنى ،
قانچە تەكرار كۆرۈپتۇ .
شەھەرگە يېقىن كەلگەندە ،
قارىغا
٭ سۇ بەرگەندە ،
كۇسۇلدىشىپ چېرىكلەر ،
سۆشلەشكەننى كۆرگەندە ،
نىمە گەپ دەپ ؟ دەپ سوراپتۇ ،
جاۋابىنى تىڭشاپتۇ .
باغلاپ ئەكىر دېگەننى ،
چېرىكلەردىن ئاڭلاپتۇ ،
ئاڭلاپتۇ - دە دەرھاللا ،
ئۆز - ئۆزىنى ئوڭلاپتۇ .
بەلنى مەھكەم باغلاپتۇ .
باغلاڭلار دەپ قولىنى ،
ئارقىسىغا جۇغلاپتۇ .
ئۇ ئۆزىنى يولۋاستەك ،
گويا شىردەك چاغلاپتۇ،
چېرىك دېگەن تىترىشىپ ،
چىۋىن ئوخشاش چىرمىشىپ ،
سېيىت ئاخۇننى باغلاپتۇ .
ئاندىن بىر سۆز ئاڭلاپتۇ :
ھىچ گۇناھ يوق سىلەردە ،
خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى ،
يۇرت جامائەت خوش ئەمدى .
رىزا بولۇنە قەشقەرلىك
ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى .
يۇرت شۇ سۆزنى ئاڭلاپتۇ ،
يۈرەك باغرىن داغلاپتۇ .
كۆكرەك كېرىپ سريىت ئاخۇن ،
ئالغا ماڭغان چاغلاردا
ھەممە ھۆر - ھۆر يىغلاپتۇ .
ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭلايمىز :
ئۇ پۇقرالار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ بولغۇچە يوق قىلىۋەتمىسەك بىزگە ئامانلىق بولماس ، شۇڭا دەرھال سەكسەن چېرىك ھازىر بولسۇن ، سېيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۇرسۇن ، سېيىت نوچى گۇندىخانىغا كەلتۈرۈلسۇن . سېيىت نوچىنى ئاشۇنداق كەلتۈرۈشتى . سېيىت نوچى ما تىتەينى كۆرمەك تەلىپىنى بەردى . تىتەي قوبۇل كۆردى . سېيىت نوچى شۇنداق دەپتۇ :

كېزىپ دەشتى باياۋان ،
ئاشتىم تاغ -داۋان .
نەگە بارسام پۇقرانىڭ ،
ھالى بەك يامان .
رەڭگى سۇلغۇن، زەپىران،
باغرى لەختە قان .
ئىچكىنى ئوغا ، زەھەر ،
چەككىنى پىغان .
ئۇچتۇرپاندا ماتىتەي ،
يېزىپ بەردى خەت .
سىزگە تىلەپ ئامانلىق ،
بەخت - پاراغەت .
ما دوتەينىڭ خېتىنى ،
مەندىن ئالدىڭىز ،
ئەمدى نىچۈن بىلمىدىم ،
ئاينىپ قالدىڭىز ؟
ئەلقىسسە ، ما تىتەي مۇغەممبەرلىك بىلەن سېيىت گاڭڭۇڭغا قاراپ قالدى ، خۇپسەنلىك بىلەن ھىچنىمىنى ئۇقماس كىشى بولىۋېلىپ ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇشقا پۇرسەت تاپتى ، ھىلى مىكىرلىك نىقابىنى يۈزىگە تارتتى :
ھەي نوچى سېيىت گاڭڭۇڭ ،
ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈم نامەڭنى،
سەن ئۆزۈڭ ئېلىپ كەپسەن ،
مېنىڭ بۇ يۈرىكىمگە ،
نادامەت سېلىپ كەپسەن .
خەت بىلەن مېنىڭ بىلسەڭ ،
كۆكسۈمگە پىچاق پاتتى .
قانداق قىلىمىز ، گاڭڭۇڭ ،
ئەجەپمۇ بېشىم قاتتى .
مەن ساڭا ئىدىم ئامراق ،
ئۆلتۈرەي سېنى قانداق ؟
ئۆلتۈرمەي دىسەم نوچى ،
خاننىڭ يارلىغى شۇنداق .
ئەي ئامبال __ دېدى گاڭڭۇڭ ، _
تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما .
خاننىڭ ئالدىدا ئاسى ،
گۇناھكار بولۇپ قالما .
چېرىكلەرگە ئېيىت دەرھال .
مىلتىقىغا ئوق سالسۇن .
مويتۇڭزىغا ئېپچىقىپ ،
ھايالسىز جېنىم ئالسۇن ،
ئەزىزانە قەشقەرلىك،
مېنى بىر كۆرۈپ قالسۇن ... !
جاللاتلار كېلىپ شۇ دەم ،
بوينىغا تاقاق سالدى .
پۇتىغا سېلىپ ئىشكەل ،
زىندان باغرىغا ئالدى .
ئون تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتى ،
تاقىتى تۈگەپ كەتتى .
مەرت يىگىت سېيىت گاڭڭۇڭ ،
سۆزىنى بايان ئەتتى ،
دىدى ئۇ : چىدامىم يوق ،
يا بۆلەك تەمەيىم يوق ،
كلتۈرسەڭ بۈگۈن ئۆلتۈر ،
جۈمە كۈن كېلىپ يەتتى .
. . . . . .
جەم بولۇشتى ئامباللار ،
يەڭڭۈشلىشىپ تامباللار .
داچەي ھارۋۇنى قوش دەپ
يارلىق قىلدى دەرھاللا .
تۆت ئاتلىق يوغان ھارۋا ،
تەييار بولدى تەخ بولدى .
سېيىت نوچىنى ئاتماققا ،
ئېلىپ ماڭار ۋاخ بولدى .
ئات ھارۋىنى قاتقاندا ،
توققۇز پاي پو ئاتقاندا ،
تۆت دەرۋازىغا يۈزدىن
تۆت يۈز چېرىك پاتقاندا ،
يورغىلىشىپ ھەريانغا ،
تېپىرلىشىپ ياتقاندا ،
تەشۋىش تولغان باشلىرى ،
قارا تاشتەك قاتقاندا ،
سېيىت نوچىنى چىڭ باغلاپ ،
ئوردا ئالدىغا ئېپ كەلدى .
ئۇ ھارۋىدا تىك توختاپ ،
شۇنداق سۆزنى دەپ كەلدى :
خوش ، ئامان بول قەشقەرلىك ،
جانجىگەرلەر __ تۇققانلار .
بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال ،
سۆز قەدرىنى ئۇققانلار .
جامائەت جەم بولۇپسىز ،
مېنىڭدىن بولۇڭ رازى .
مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز ،
بولغىنىدا خۇدا قازى .
گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم ،
نادانلىق بالاسىدىن .
كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان ،
زالىمنىڭ جازاسىدىن !
ئەي قەشقەرلىك ، قەشقەرلىك ،
مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .
مەندەك بولماي دىسەڭلار ،
ھەرگىز نادان بولماڭلار .
نادانلىق ئېلىپ كەتتى ،
يىگىتلىكتە باشىمنى .
مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن ،
ھاشىمدەك ئاداشىمنى .
جەتنى بىلمىگەن ئادەم ،
بېشىدا كېزەر ماتەم .
خەت بىلمەس نادانلارغا ،
قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم .
ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ ،
تەلىم ئالسۇن ياش باللا .
قەلبىڭلاردا قېپ قالسۇن
قىساسىڭلار __ ئەنتىڭلار !
مەمەتخان ئىنىم قالدى ،
جان ئانام ئۇنى باقسۇن .
مەيلى ئاتسا زالىمالار ،
قەشقەرگە قېنىم ئاقسۇن .
قەبرەمنى كۆرۈپ خەلقىم ،
ئىبرەت ئالغۇسى مەندىن .
قان قەرزىم قىساسىمغا ،
ئۈمىد كۈتىمەن سەندىن .
رازى بولغىن قەشقەرلىك ،
ئەل - يۇرتداشلار خوش ئەمدى .
بىللە ئويناپ تەڭ ئۆسكەن
يارۇ دوستلار خوش ئەمدى !
. . . . . .
خالايىق نىدا ئەيلەپ ،
ياشنى تولدۇرۇپ كۆزگە .
مۇڭ _ زارى ناۋا ئەيلەپ ،
چۈشتى نالىلىك سۆزگە :
كاج پەلەكنىڭ قىسمىتى ،
بۇ كۈننى ساپتۇ سىزگە .
كۈن ئالماق بۇ قەشقەردە ،
بولمامادۇ راۋا بىزگە ؟ . . . !
بىرنى ئوق بىلەن ئاتسا ،
ئوننى جادۇغا باسسا ،
يۈزنى دارغا ئاسسا ،
مىڭلاپ گۇندىدا ياتسا ،
ئادەم بېشىنى توغراپ ،
تاغنىڭ تېشىغا قاتسا ،
دەرتمەن بىر گۇناھكارغا ،
مىڭىنى ئېلىپ چاتسا .
بۇ ئالەم زىمىستانلىق ،
بولدى بىر گۆرىستانلىق .
گۆرىستاندا ئۆتەرمۇ ،
بەختى قارا قەشقەرلىك ...
. . . . . .
سېيىت ئاخۇن ، سېيىت گاڭڭۇڭ ،
يۇرتتىن رازىلىق ئالدى .
ھارۋىمۇ قومۇشبازىرى
٭
يېنىغا بېرىپ قالدى .
ئات ! دىدى سېيىت گاڭڭۇڭ
ھارۋىدىن تۆۋەن سەكرەپ :
ئات جاللات ! ئۇدۇللاپ ئات ! !
يۈرەككە ئۈدۈل چەنلەپ .
چېقىر كۆزلۈك بىر جاللات ،
مىلتىقىنى راسا بەتلەپ ،
سېيىت گاڭڭۇڭنىڭ ئالدىدا ،
تۇردى كۆزىگە تەڭلەپ .
ئارقا ياقتىن جىڭ جاللات ،
دەرھال تەپكىنى باستى .
پىستان چېقىپ مىلتىقى ،
ئۆزى يىقىلىپ ياتتى .
ئىككىنچى رەت ئاتقان ئوق ،
كېلىپ تەگدى تاغاققا .
سېيىت ئاخۇن دىدى شۇ دەم ،
مىلتىق ئاتقان جاللاتقا :
مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات ،
نائۇستاق يېقىن كەلمە .
سول كۆكسۈمنى چەنلەپ ئات ،
جا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە . . . .
مە ، ھەققىڭنى ئاق تەڭگە
دىدى سۆزىنى باشلاپ .
بىر سەرلىك كۈمۈش پۇلنى ،
جاللات ئالدىغا تاشلاپ .
جاللات ئالدى ياچەننى
چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ .
تەلەپكە مۇۋاپىق ئۇ ،
ئۈچ ماڭدام كېيىن قايتىپ .
. . . . .
سېيىت ئاخۇن سېيىت گاڭڭۇڭ ،
تىك تۇرار ئىدى سۆزلەپ .
ماداخۇ دىگەن جاللات ،
ئاتتى جايىنى كۆزلەپ .
يەتتە پاي ئوق تەككەندە ،
ئىگىز چىنار يىقىلدى .
ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ ،
كۆكتە چاقماق چېقىلدى . . .
قەشقەر ئاسمىنى بويلاپ ،
ئۇچمىغان بۈگۈن كەپتەر ،
سىم - سىم تۆكۈلەر يامغۇر ،
بۇلۇتلار كېزەر كۆكتە .
قاغىلار قاقىلدايدۇ ،
سېپىلدىكى پوتەيدە .
بىزگە شەپقەت بارمىكىن ،
شىيەنگەن بىلەن دوتەيدە ؟ !
دوتەي بىلەن شىيەنگەننىڭ ،
ئىچكەنلىرى قان بولدى .
قەشقەرلىكنىڭ كۆز يېشى ،
سەل بىلەن قىيان بولدى .
شىيەنگەن بىلەن دوتەينىڭ ،
كىملىگى ئايان بولدى .
دەرت تولغان يۈرەكلەردىن ،
بۇ سۆزلەر بايان بولدى .
سېيىت ئاخۇن ، سېيىت گاڭڭۇڭ ،
جېنىدىن جۇدا بولدى .
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ
شۇڭقارى ئادا بولدى .
. . . . . .
سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى ،
تۇپراققا كىرىپ كەتتى .
بۇ ئالەم - مۇسىبەتتىن
يۈرەككە خۇن تولۇپ كەتتى .
چالدى چاكىچاك قەشقەر ،
موڭ تولغان راۋابىنى .
ئايەم كۈنلىرى كەلسە
تەرك ئەتمەي تاۋابىنى .
موڭلۇق قەۋرىگە سۈركەپ ،
باغرىنىڭ كاۋابىنى .
ئوغلىغا دۇئا ئەيلەپ ،
يوللىغاي ساۋابىنى .
ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ ،
تاڭ ۋەسلى شارابىنى .

ئىزاھاتلار :
( 1 ) كوزىچى ياربىشى __ تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقى جەنۇپ لېۋىگە جايلاشقان مەھەللە ئىسمى .
2 )تۆشۈك دەرۋازا __ قەشقەر شەرقى دەرۋازىنىڭ ئىسمى . )
3 )سەپ ___ بۇ يەردە شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى _ كەينىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زالىملارغا ) قارشى قۇئۇلغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىنىڭ قەشقەردىكى شۆبىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ .
4 )ما تىتەي __ 1911 _ يىلىدىن 1932 _ يىلغىچە قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان فاشىست ھەربى ) ئەمەلدار ، ئەسلى ئىسمى ما پۇشىڭ .
5 )گېلاۋخۇي ھاشىم __ يەكەنلىك ماھىر چامباشچى بولۇپ ، ئۇ گېلاۋخۇيغا قاتنىشىپ ، يەكەن ، قەشقەر ) ئەتراپىدا داڭق چىقارغان . ئۇنى كىشىلەر گېلاۋخۇي ھاشىم دەپ ئاتىغان .
6 )قارىغا __ بەشكىرەمدە ھەزرەت يول ئايرىلىشىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى . )
7 )قومۇش بازىرى __ جاي ئىسمى . )
مەنبە : ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى

 

 
[ مەزكۇر پۈتۈك بىرتال تەرىپىدىن 2010-10-27 12:41 دە تەھرېرلەندى. ]

دۇشمىنىمدىن،دوستۇمنىڭ قەستى يامان!

Posted: 2010-10-27 10:10 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 35 نوقتا
پۇل : 350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:28(سائەت)

 

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،،            

ئۆز خەلقىنى سۆيمىگەن كىشى، شۇ مىللەتكە تەۋە بولالمايدۇ .

Posted: 2010-10-27 16:52 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:54(سائەت)

 

ئۇيغۇرخەلىق داستانلرى پاھ............سىزگەكوپ رەخمەت           

ھاجايىپ_غارايىپلا

Posted: 2010-10-27 17:02 | 2 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1771
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1771 نوقتا
پۇل : 17710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:158(سائەت)

 

مەن بۇنداق ئەسەرلەرنى ياقتۇرىمەن!

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-10-27 18:28 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:54(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى نازاكەت0604 نىڭ 2010-10-27 18:28 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
مەن بۇنداق ئەسەرلەرنى ياقتۇرىمەن!

ھاجايىپ_غارايىپلا

Posted: 2010-10-27 18:42 | 4 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2287
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2290 نوقتا
پۇل : 22900 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:228(سائەت)

 

نادانلىقنىڭ قۇربانى سىيت نوچى ....
Posted: 2010-10-27 21:40 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 71
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 71 نوقتا
پۇل : 710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 

نىمە دەي 
Posted: 2010-10-28 00:35 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 734
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 741 نوقتا
پۇل : 7410 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:622(سائەت)

 

مانا ئەجىر ! مانا مېھنەت ! ئاللا سىزنىڭ ئاشۇ ئۇيۇشقان بارماقلىرىڭىزگە ،تالغان كۆزلىرىڭىزگە تىنىچ-ئامانلىق ۋە كۈچ بەرگەي !     

قۇم ئاستىدىن ئاتا-بوۋاڭ قۇلاق ياساپ قىياقتا،
سىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭنى تىڭشاپ تۇرغان سىياقتا.

Posted: 2010-10-28 13:07 | 7 -قەۋەت


زىېرىكىش-بىكارچىلارنىڭ غېمى
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 27 نوقتا
پۇل : 270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن بۇرادەر ،،سىزگە كۆپ تەشەككۈر ...    

توزغىسى كەلسە چىچەكنىڭ نىمە چارە بار ئاڭا ،
ئەسلى سىرداش قارلىغاچلار قايتىپ كېلىدۇ يانا.

Posted: 2010-10-28 18:49 | 8 -قەۋەت


يورۇقلۇققا تەشنا دىللار ...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 894
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 894 نوقتا
پۇل : 8940 RMB

تۆھپە قىممىتى: 33 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:348(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مۇسلىنە نىڭ 2010-10-27 21:40 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
نادانلىقنىڭ قۇربانى سىيت نوچى ....

سىزمۇ شۇنداق قارامسىز ؟

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ ، يىلتىزمۇ ؟!!!

Posted: 2010-10-28 21:46 | 9 -قەۋەت


ئابدۇلھەمىد ئىسلامى  خۇدا كاتتىدۇر 229177410
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 1706
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1712 نوقتا
پۇل : 17120 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:161(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مۇسلىنە نىڭ 2010-10-27 21:40 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
نادانلىقنىڭ قۇربانى سىيت نوچى ....

دىنىڭ ئىسلام بۇلسا چىقار كۇچۇڭ بولسا 229177410      http://pahir0903.33591.com/ 

Posted: 2010-10-28 22:01 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 18
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 18 نوقتا
پۇل : 180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:28(سائەت)

 

  بۇنداق ساۋاتلارغا ، تۈرگۈن ، دەلتە ، نارات ، ئوغۇزخان قاتارلىق بالىلار جاۋاب بېرەلەيدۇ .
Posted: 2010-10-28 23:20 | 11 -قەۋەت


ئەلمۇرات
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1498
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1500 نوقتا
پۇل : 15000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1317(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى نازاكەت0604 نىڭ 2010-10-27 18:28 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
مەن بۇنداق ئەسەرلەرنى ياقتۇرىمەن!

مەنمۇ شۇ.

ئەلمۇرات

Posted: 2010-10-29 16:03 | 12 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 73
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 81 نوقتا
پۇل : 810 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:64(سائەت)

 

ياىشى دىستان،كىچىك چاغلىرىمىزدا ناخشىچى ئادىللا ياسىن كۈندە دىگۈدەك بىزگە شىئېرلىرىنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئېيتىپ بەرەتتى.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
Posted: 2010-10-29 23:22 | 13 -قەۋەت


مەنىسىز ياشغاندىن ئۆلگەن ياخشى
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 278
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 282 نوقتا
پۇل : 2820 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:123(سائەت)

 

ئۆلۈم خېتنى ئاپپىردىغان نوچى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى............... ھەي ساۋاتسىزلىق    
Posted: 2010-10-30 21:18 | 14 -قەۋەت


ئەلمۇرات
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1498
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1500 نوقتا
پۇل : 15000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1317(سائەت)

 

Quote:
17 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى خۇرسەن. نىڭ 2010-10-30 21:18 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
ئۆلۈم خېتنى ئاپپىردىغان نوچى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى............... ھەي ساۋاتسىزلىق    

ساۋاتلىق دەيلى،سىز بىركېم ھاۋالە قىلغان خەتنى ئېچىپ كۆرەمسىز؟

ئەلمۇرات

Posted: 2010-10-30 21:27 | 15 -قەۋەت


ئەلمۇرات
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1498
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1500 نوقتا
پۇل : 15000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1317(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مۇسلىنە نىڭ 2010-10-27 21:40 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
نادانلىقنىڭ قۇربانى سىيت نوچى ....

بەلكىم ناداندۇر!نادانلىقتىن تەربىيە ئالمىغان بىزلەرنى نېمە دەيدۇ؟..........................................

ئەلمۇرات

Posted: 2010-10-30 21:30 | 16 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1 نوقتا
پۇل : 10 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

ياخشى تېما يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
Posted: 2010-10-31 12:54 | 17 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 19

پۈتۈك سانى: 3083
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3123 نوقتا
پۇل : 31230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10348(سائەت)

 

Quote:
16 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئادىلجان قۇربان نىڭ 2010-10-30 21:30 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

بەلكىم ناداندۇر!نادانلىقتىن تەربىيە ئالمىغان بىزلەرنى نېمە دەيدۇ؟..........................................


ماڭقۇرۇت !

To be or not to be

Posted: 2010-10-31 13:02 | 18 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 5
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5 نوقتا
پۇل : 50 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:12(سائەت)

 

سىلەرچە ما شاۋۋۇ ما تىتەيگە يازغان خەتنى ئۇيغۇرچە قىلىپ يەنى سىيىت نوچى چۇشەنگىدەك قىلىپ يازغانمىدۇ ؟ ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلاردىن بۇ خەقنىڭ خىتىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلا كۆپ بولمىسا كىرەك ئەلۋەتتە ، سىيىت نوچى مەكتەپتىمۇ ئوقىمىغان تۇرسا ... ؟؟؟

ھەممىمىز بىر اللە نىڭ بەندىسى !

Posted: 2010-11-01 19:18 | 19 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation