ئاساسىي تېما : «ئىمىر مۇھەممەد يىڭىسارى»نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىئاۋاتلىقى:854ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 47 نوقتا
پۇل : 470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1122(سائەت)

 «ئىمىر مۇھەممەد يىڭىسارى»نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك تەشنا تەرىپىدىن رەڭلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2010-10-21)
ئىمىر مۇھەممەد يىڭىسارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
[attachment=36797]

ئىمىر مۇھەممەد يىڭسارى 1942- يىلى يىڭسار ناھيىسىنىڭ ئەگۈس يېزىسى ئەمەت ئېرىق مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
1949- يىلدىن 1960- يىلغىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ تولۇق سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ، يىڭسار ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلنىپ، 20 يىل سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ ئەدەبىيات، پەلسەپە پەنلىرىنى بەرگەن. شۇ جەرياندا 1963- يىلى شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان.
1980- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىگە يۆتكەپ كىلىنىپ، تولۇق سىفەن ۋە ئالىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئەدەبىيات، خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى، دۇنيا ئادەبىياتى قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈپ 1994- يىلى پىنسىيەگە چىققان. ئۈنۋانى لىكتۇر
شۇ جەرياندا ئۆتۈلگەن دەرىس مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن پەلسەپىۋىلىك ھېكمەتلەر، خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى مىسالغا ئېلىپ «مەسلىھەت» دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاپ 34 مىڭ 800 تىراژدا بېسىلدى.
ئوقۇتقۇچىلىق، سىنىپ تەربىيچىلىك خىزمىتىنى يەكۈنلەپ «ئوقۇتقۇچى ۋە ئىزدىنىش» دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىققان بولۇپ توققۇز مىڭ تىراژدا نەشىر قىلىنغان.
1985- يىلى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ «ئەدەبىيات» دەرىسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. بۇ دەرىسلىك 2003- يىلغىچە ئۆتۈلگەن. 180 پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىل، ھېكمەتلەر، 2-3- قىسىم ماقال-تەمسىل كىتاۋىدا قەيت قىلىنغان ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژورلىنىدا ئېلان قىلىنغان «مەرىپەت مەشئىلى» دېگەن كىتاۋىدا خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن 5200 تىراژدا نەشىر قىلىنغان(تارىخ) «مەردان ۋە چولپان» پوۋېستى قەشقەر ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىنغان.
«ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش توغرىسىدا»، «ئەدەبىياتتىكى ھېكايىلەرنى قانداق ئۆتۈش توغرىسىدا»، «سىنىپ تەربىيچىلىك ھەققىدە» قاتارلىق 12 ئىلمىي ماقالىسى ھەر دەرجىلىك ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. «بولمىسا»،«قالتىس»، «ئانا يۇرت» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان.
«تۇردى مۇقام»، «پەزىلەتنامە ۋە كاسىپلار ھەققىدە»، «مۇقام بۇلىقى»، «تۇرغۇن موللا قوشاقلىرى» نەشىرياتقا سۇنۇلغان. ياشىنىپ كىسەل بولۇپ قالسىمۇ تىرىشىپ بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، بۇ خىزمەتنى باشتىن-ئاخىر «ئۇلۇغ خىزمەت» دەپ قاراپ، كەسىپنى سۆيۈپ ئىشلەپ كەلگەن پىشقەدەم باغۋەنلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنىڭ دەرىسلىككە كىرگۈزۈلگەن شائىر، يازغۇچى، ئالىملارنىڭ جەدۋەللىك ماتىريالىنى ۋە 12 مۇقامغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن شائىر، ئەدىپلەرنىڭ جەدۋەللىك ئەسەر سانلىرىنى رەتلەپ چىققان.
كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قىسقا ۋاقىتتا پايدىلنىپ مەنپىئەتلىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلان قىلدۇق.


رەسىمنى بىر چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە چوڭ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ



[attachment=36262]
[attachment=36263]
[attachment=36264]
[attachment=36265]
[attachment=36266]
[attachment=36267]
[attachment=36268]
[attachment=36269]
[attachment=36270]
Posted: 2010-10-21 00:00 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2111
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2114 نوقتا
پۇل : 21140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:229(سائەت)

 

ياخشى تىما يوللاپسىز دوستۇم  ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن                         
Posted: 2010-10-21 00:37 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 293
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 293 نوقتا
پۇل : 2930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:110(سائەت)

 

ناھايىتى ياخشى تىمكەن يەنىمۇ ياخشى تىملارنى يوللىشىگزىغا تىلەكداشمەن

تىل بىرلىكى بولغان.ئەمما دىل بىرلىكى بولمغان مىللەتتە گۈللىنىش بۇلمايدۇ

Posted: 2010-10-21 09:48 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 436
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 436 نوقتا
پۇل : 4360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:807(سائەت)

 

    ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت
Posted: 2010-10-21 11:11 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 103
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 103 نوقتا
پۇل : 1030 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:126(سائەت)

 

ياخشى تىمىكەن .بۇنى ئوقۇپ ئالى مەكتەپتىكى يىڭسارلىق ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تاش ئۈستىگە دەسسەپ چوڭ بولغانلاردىن بوش ئادەم چىقمايدۇ دىگىنى ئىسىمگە كىلىپ قالدى . 
Posted: 2010-10-21 11:44 | 4 -قەۋەت


مەنىسىز ياشغاندىن ئۆلگەن ياخشى
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 281
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 285 نوقتا
پۇل : 2850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:124(سائەت)

 

ئاستىدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خەتلىرى ئوخشىمامدۇ ؟  بۇنداق شائىرلارنى تونۇپ قويمىساق بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار مېللىتمىزنىڭ پەخىرى ،ھەم بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلگىمىز
Posted: 2010-10-21 14:29 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 47 نوقتا
پۇل : 470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1122(سائەت)

 

كومپىيۇتېردا ئۇرۇلغان خەتتىن باشقا ھەممە خەتنى ئىمىر مۇھەممەد ئاكىمىز ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىققان، ھەتتا سىزىلغان جەدۋەللەرمۇ شۇنداق! 
Posted: 2010-10-21 15:08 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 219
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 229 نوقتا
پۇل : 2290 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:32(سائەت)

 

مۇشۇنداق نادىر تىمىلارغا ئېسىل ئىنكاسلارنىڭ چۈشمىگەنلىكىگە ئۆكۈنىمەن... قارىغاندا 12 مۇقامغا قىزىقىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ مۇنبەردە ، ئېسىت ئېسىت !!! 

بىلىم ئەقىل بۇلىقى

Posted: 2010-10-21 21:52 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:54(سائەت)

 

ياخشىى تىمىكەن......رەخمەت سىزگە.....              

ھاجايىپ_غارايىپلا

Posted: 2010-10-24 16:56 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 32
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 32 نوقتا
پۇل : 320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:15(سائەت)

 

قولىڭزغا دەت كەلمىسۇ مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى دائىم يوللاپ تۇرۇڭ
Posted: 2010-10-26 21:10 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 19
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 19 نوقتا
پۇل : 190 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:15(سائەت)

 

يۇرتۇمدىن بۇنداق ئالىم چىققانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم، رەھمەت!
تېما ئىگىسى ئىملاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز: <يېڭسارى> ئەمەس <يېڭىسارى>.
Posted: 2010-10-30 16:22 | 10 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مۇقام ، مەشرەپ ۋە ئەلنەغمە

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation