ئابۇل بۇ تېمىنى ناھىيىتى ئەتراپلىق يوللاپسىز، كۆپ رەھمەت، لېكىن بەزى يەرلىرىنى بىزئاز مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتىڭىزمۇ قانداق.
ئۈرۈمچىدە پاسپورت ھەل قىلغاندا:
ئالدى بىلەن چىقماقچى بولغان دۆلەتتىن چاقىرىق ئەكەلتۈرىسىز، 2. چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىپ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا بېرىپ چاقىرىق قەغىزىڭىزنى كۆرسىتىپ مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەرنى ئالىسىز (كىملىكىڭىزنى ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك)؛ 3. چاقىرىق قەغىزىڭىزنى ج خ تارماقلىرى بەلگىلەپ بەرگەن تەرجىمە ئورنىغا بېرىپ تەرجىمە قىلدۇرىسىز (تىل سېستىمىسىغا قاراپ ئېلىنىدىغان تەرجىمە ھەققىمۇ ئوخشىمايدۇ)، 4. تەرجىمە قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن: ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئولتۇرۇشلۇق (نوپۇسىڭىز بىلەن ئولتۇراق جايىڭىز بىريەردە بولۇش شەرت)ئاھالىلار كومىتېتى (社区居委会)نىڭ تامغىسىنى باستۇرىسىز (شۇ ئاھالىلار تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىڭىز، دۆلەت چەتئەلگە چىقىشقا يول قويمايدىغان كىشىلەر قاتارىدا ئەمەسلىكىڭىز دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىنىدۇ)، 5. ئۇيەردىن چىقىپ، جەدىۋەلنى مەھەللە ئىش باشقارمىسى(街道办事处) غا بېرىپ تامغا قويدۇرىسىز (بۇ ئاھالىلار كومىتېتى پىكىرىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىسپاتلايدۇ)، 6. جەدىۋەلنى ئېلىپ ئولتۇرۇشلۇق تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىغا بېرىپ، ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىگە مەسئۇل ساقچى (片警)نىڭ جەدىۋەلگە پىكىر، ئىمزا قويدۇرىسىز (سىزدىن ئەھۋال ئىگىلەش خاتىرە قالدۇرىدۇ، بۇ بولمىسا كىيىنكى باسقۇچقا تەسىر قىلىدۇ)، ئاندىن ساقچىخانا مەسئۇلىنى ئىزدەپ قول قويدۇرىسىز، ئاندىن ئىشخانا خادىمىنى ئىزدەپ تامغا باستۇرىسىز (بۇ باسقۇچ سىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە جىنايىتىڭىزنىڭ يوقلىقى، چەتئەلگە چىقىشقا بولمايدىغان بەش خىل كىشى قاتارىدا ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ)، 7. بۇجەدىۋەلنى كۆتۈرۈپ ھۆكۈمەتنىڭ (سىزنىڭ نوپۇسىڭىز قاراشلىق رايون، ناھىيە)نىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تامغا قويدۇرىسىز (بۇ تامغا سىزنىڭ تارقاق ھەج قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ). 8. بۇلارنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن جەدىۋەللەرنىڭ ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ ج خ سۆبە ئىدارىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش باشقارمىسىغا بارىسىز، بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىم ئادەتتە ھەرھەپتىنىڭ بىركۈنىنى بۇ ئىلتىماسلارنى قۇبۇل قىلىش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن، سىز شۇ كۈنى ماتىرىياللىرىڭىزنى كۆتۈرۈپپ بارسىڭىز ھەممىسىنى قۇبۇل قىلىپ ئېلىپ قېلىپ سىزنىڭ كىلەر ھەپتىنىڭ شۇ كۈنى كېلىشىڭىزنى دەيدۇ، سىز بەلگىلەنگەن كۈنى بېرىپ ئۇلارنىڭ پىكىرى، ئىمزاسى، تامغىسى بېسىلغان (ئوڭۇشلۇق بولسا، ماتىياللىرىڭىز ئۆتسە) جەدىۋەللەرنى كىملىكىڭىزنى ئۇلارغا قويۇپ قويۇپ تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ بەلگىلەنگەن كۆپەيتىش (复印店)دۇكىنىغا بېرىپ ھەممىسىنى تولۇق كۆپەيتىپ، خىزمەتچى خادىمغا تاپشۇرۇپ بېرىسىز (كىملىكىڭىزنى قايتۇرىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ). 9. ئاندىن ھەممىسى تولۇق بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز ھەممە ماتىرىياللىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئەسلى نۇسخىسىنى تولۇق ئېلىپ ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار پوكىيىگە بېرىپ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىسىز. ئەلۋەتتە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ
رەسىمگە چۈشىسىز. بۇ
رەسىملەرنى تولۇق ئېلىپ بېرىڭ. ئەگەر نەرسىلىرىڭىزنىڭ بىرسى كەم بولۇپ قالسا نەچچە سائەت ئۆچىرەتتە تۇرغىنىڭىز بىكار بولۇپ قايتىپ كېلىسىز. 10. ماتىرىياللىرىڭىزنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولىڭىزدىكى تالۇننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا بېرىپ ( 220 يۈەن پۇلنى ئۇنتۇپ قالماڭ) پاسپورتىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. (ئوڭۇشلۇق بولغاندا). 11. پاسپورت چىققاندىن كېيىن چىقماقچى بولغان دۆلەتكە چىگرىدىن ئۆتۈش ئىلتىماسى سۇنۇپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، شۇ دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتىسىز، بۇنىڭغا دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىش ئىجازەتنامىسى كېتىدۇ، شۇ ئىسپاتنى ئالغاندىن كېيىن بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى سالامەتلىك تەكشۈرۈش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىسىز، سالامەتلىك كىنىشكىڭىز چىققاندىن كېيىن قاتناش قۇرالى بېلىتىنى سېتىۋالىدىغان جايغا يەنە بايامقى ئىسپاتنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېرىسىز، بىلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىسپاتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى چىگرىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى تەكشۈرىدىغان ئېغىزدىكى خادىمغا تاپشۈۇرۇپ بېرىسىز. ئاندىن چەتئەلگە چىقالايسىز.
ئەسكەرتىش: ئۈرۈمچىدە ئادەتتە بۇ رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش جەريانىدا ھەرقانداق ئورۇن تامغا باسقانغا كاپالەت ھەققى (保证金) ياكى زاكالەت پۇلى (押金) ئالمايدۇ، لېكىن چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن سىز ئۆزىڭىزگە كاپالەتلىك قىلغۇچى (دۆلەت ئىچىدىن) تېپىشىڭىز كېرەك.
يۇقارقى جەريان بىرئاز مۇرەككەپ بولسىمۇ لېكىن توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇكى بۇمۇ باشقۇرۇشقا ھەم بىر قىسىم قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەرتىپكە سېلىشقا پايدىلىق. ئۆزىڭىز تەرتىپلىك ماڭسىڭىزلا ئەدەتتە ئىككى ھەپتىگە قالماي ماتىرىياللىرىڭىزنى تولۇقىدا ج خ تارماقلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار پوكىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، پاسپورتىڭىزنىڭ چىقىشىنى كۈتىسىز.
ئۇفففففففففف، يېزىپ بولغۇچە ھېرىپ كەتتىم.