شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ‹‹خەلق›› مەيدانىدا 5 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئارام ئېلىۋاتقان كىشىلەر گۇگۇمدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدىن بەھرە ئېلىپ ئولتۇراتتى، مەيداندىكى كەپتەرلەر پات – پاتلا كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئۇچۇپ ئۈتەتتى، بالىلار كەپتەرلەرگە دان بېرىپ ئويناۋاتتى، جۈپ – جۈپ قىز – يىگىتلەر ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ خاتىرە مۇنارى›› ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى.
سائەت 18 ئەتراپىدا مەيدانغا كىشىلەر توپلىشىشقا باشلىدى . يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشتىن بەھرىلىنىۋاتقان كىشىلەر ئاپەتنىڭ تېزلىكتە ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىغانىدى .
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ >>