بۈگۈن ئېرىڭىزنى ھەيران قالدۇردىڭىزمۇ؟
[align=justify][align=justify] ئەرلەر مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بالىغا ئوخشاش يېڭىلىق، سىرلارغا قىزىقىدۇ، بىراق بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى سىز گۈزەل، جەلپكارلىقىڭىزنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپ تۇرۇڭ، بۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان يېڭىلىق تۇيغۇسىنى قوزغىيالىشى مۇمكىن:
ئېرىڭىزگە يېقىچىلىق قىلىپ تۇرۇڭ، ھەر ۋاقىت ئەركىلەپ، ئوماق تەرىپىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ،بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىڭ.
خاتىرە كۈنلەردە سوۋغات تەييارلاپ، ئۇ ئويلىمىغان يەرگە قويۇپ قويۇڭ، مۇھەببەتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. ئۇنىڭ قىزىقىشىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا ئايلاندۇرۇڭ، بۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردىكى پاراڭ تېمىسى كۆپىيىدۇ.
ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلارنى تەييارلاپ، مۇمكىن بولسا چىراغنى غۇۋا ياندۇرۇڭ، لىرىك مۇزىكا قويۇلسا تېخىمۇ ياخشى، چىرايلىق ياسىنىشنىمۇ ئۇنتۇماڭ، بۇ غىزا سىلەرنى رومانتىكا قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كەڭ قورساق بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇڭ.
مەنبە:ساغلاملىق لېنىيىسى تورى [align=justify] ئادىرىس:www.tansak.cn |