- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3882
- نادىر
- 0
- يازما
- 356
ئۆسۈش
  62.73%
|
مېنىڭ ئاپام دۇكان ئاچىدۇ، كەچقۇرۇنلۇقلىرى ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرى دۇكانغا ياردەملىشىمەن. ھەرخىل ئىچىملىكلەر بار. تېلېۋىزوردا داڭلاۋاتقان مالايسىيانىڭ B7، ماكسىما دېگەندەك بىر نەچچە خىل قەلەي قۇتىلىق ئىچىملىكلىرى ئاشۇ قەلەي قۇتىنى تېشىپ چىقىپ، دېۋىرقايدەك قېتىپ قالغان ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىمەن. قەلەي قۇتىنى تېشىپ چىققان ئىچىملىك سىلەرچە بەدەنگە كىرسە قانداق بولا؟
ئاندىن، مالايسىيانىڭ سېرىق قۇتىلىق خورما ئىچىملىكى، ھەسەل ئىچىملىكى بار. قەلىيى شۇنچىلىك ناچار ھەم نېپىز. قولغا ئېلىپ تۇتۇپ بولغۇچە ماكچىيىپ قالىدۇ. قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى ئون يىگىرمە خىل ئىسىم، ئىچىدىكىسى ئوخشاش. بىز نېمىگە ئاساسەن مالايسىيانىڭ ئىچىملىكلىرىنى بۇنچىلا داڭلاپ ئىچىمىز؟
بەزى خېرىدارلارنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ تەم سەزگۈسىگە قارىتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىكلىرى ئىچىدە كەۋسەرنىڭ ئىچىملىكلىرى ئەڭ ناچار دەپ ئويلىدىم. تېلېۋىزوردىكى :«خوتەنگە زاۋۇت قۇردۇق» دېگەن بىر ئېلانىدا قىزىل كالا ئىچىملىكى شەكىلدىكى «كەۋسەر قۇۋۋەت ئىچىملىكى» نى كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشلەر بار. ئەسلى قۇتىسىغا قارايدىغان بولسىڭىز ئىشلىگەن يېرى گۇاڭدۇڭ. بۇنىڭ بىلەن قىزىل كالىنى ئايرىم ئىستاكانغا قۇيۇپ بېقىڭ، قىزىل كالىنىڭ شۇنچىلىك قويۇق، ماۋۇ كەۋسەرنىڭ رەڭگىمۇ سۇس. تەمى بىر ئاز ناچار. كەۋسەرنىڭ شاپتۇل سۈيى بىلەن كاڭ ئۇستامنىڭ شاپتۇل سۈيىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، سۇلياۋ قۇتىلىق كوكۇس ئىچىملىكىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ..... ۋەھاكازالار. ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزى ھەقىقەت.
باشقا كارخانىلاردىن مىسال قىلايلى: ئۆتكەن يىلى «شېرىن پەسىل» مۇ، «تۆت پەسىل» مۇ ئەيتاۋۇر، ئىسمى ئېسمدە قالماپتۇ، بىر ماركىدىكى ئىچىملىك چىقتى. بۇ يىل بولسا دەل ئاشۇ ماركىلىق ئىچىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 خىل ئىچىملىكنى «زىيانلىق تەركىبلەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن» ئىچىملىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئاشكارە ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇرلار بازارغا چىقىرىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىرتنىڭ، ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت ۋاكالەتچى خالاس. بەزى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدىغان شىركەتلەر بىر خىل مەھسۇلات بازار تاپسا، ئوخشاش ياسىتىپ، «ھامماچام» دەپ ماركا چاپلاپ چىقىرىدۇ. ئۇ نېمىسى بازار تاپالمىسا، كېيىنكى ئايدا ئىچىدىكى ئوخشاش نەرسىنى «چوڭ دادام» دېگەن نامدا چىقىرىدۇ.
دېسەك گەپ جىق. يىغىشتۇرۇپ كەلسەك، «ئىچىملىك» دېگەن بۇ نەرسە مەيلى ئۇيغۇرنىڭ مەيلى ئىچكىرىنىڭ مەيلى ئاتالمىش چەتئەلنىڭ بولسۇن، ھامىنى بەدەنگە زىيان قىلىدۇ. يەنىلا «دۇتاردىن راۋاپ ياخشى، راڭپىزىدىن كاۋاپ». |
|