- تىزىملاتقان
- 2016-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1642
- نادىر
- 0
- يازما
- 171
ئۆسۈش
  64.2%
|
andarbag يوللىغان ۋاقتى 2016-4-30 14:11 
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، يۇقۇرىدا قۇربانبېك ئ ...
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن . مىللەتنىڭ بارلىققا كىلىشى ئادەملەر توپىدىكى مەلۇم بىر ئۆز دەۋرىدىكى ئىلغار ، كۈچلۇك ئائىلە-جەمەت ھەم ئۇلارنىڭ مەسلەكداشلىرى ، مەنپەئەتداشلىرى ، قوللىغۇچىلىرى -ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىدىن بولامدىكىن دەپ . شۇڭا ئادەملەرنىڭ قېنىنى -گېنىنى تەكشۇرسە ھاياتلىقتىكى جانلىقلارنىڭ ، ئادەملەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەمدىكىن دەيمەن . ئۇيغۇرلارنىڭكىنى تەكشۈرسە بىر يەرلىرى بەنى ئىسرائىلغا ، بىر يەرلىرى ئەرەپكە ، بىر يەرلىرى ھىندىغا ، بىر يەرلىرى خەنسۇغا ، بىر يەرلىرى روسلارغا ئوخشاپ قالسا بۇ تەبى ئەھۋال . چۇنكى بۇلارمۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ھەم دائىملىق بېرىش-كىلىش قىلىۋاتقان خوشنىلىرى شۇڭا ئېرسىيەت قىلىپ ياكى ئېلىم-بېرىملەر سەۋەبىدىن بىر يەرلىرىدىن ئوخشاشلىق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا باشقىلارنىڭ قېنى-گېنى ئوخشاش چىقىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنى تۇققان قىلىۋالمايمىز . چۇنكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ ‹تۇققاندارچىلىق› نى دەسمايە قىلىپ بىزدىن خاتالىقلىرى ئۈچۈن سۈكۈت تەلەپ قىلىشى ياكى بىزدىن بەدەل تەلەپ قىلىشى مۇمكىن . لىكىن مېنىڭ مەيدانىم ئېنىق ‹ اللەنىڭ ھىدايىتىدە زالىملارغا ھەمداستىخان بولمايمەن › ھەم ‹ زالىملارغا نېسىۋەمنى تاتتۇرۇپ قويمايمەن › گەرچە ئۇلار ‹قېرىنداشلىق › قوڭغۇراقلىرىنى جېرىڭلىتىپ تۇرسىمۇ ...... |
|