- تىزىملاتقان
- 2015-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3392
- نادىر
- 0
- يازما
- 203
ئۆسۈش
  46.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاقسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-4 12:33
سەئىدىيە خانلىقى 1680-يىلى جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن ئىسمائىلخان ئەسىر ئېلىنىپ نىلقىدىكى ئىرەن قابۇرغەگە جايلاشقان
جۇڭغارلارنىڭ پايتەختىگە ئېلىپ كېتىلىپ ئابدۇرەشىد خان قىلىپ تىكلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپاق خوجا تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ كېيىن
مۇھەممەد ئەمىن باھادىرخان يەركەننى ئىگىلەپ ئۆزىنى خان دەپ جاكارلايدۇ. ئاپاق خوجا بىلەن شېرىك پادىشاھلىق قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن خان
ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاپاق خوجا خان بولىدۇ ئاپق خوجا 1694-يىلى يەكەن شەھرىدە ئىساقىيە سۈلۈكى تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ
ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سەئىدىيە خانلىق تەختىگە ئاپاق خوجىنىڭ ئايالى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم (جاللات خېنىم) تەخىتكە چىقىدۇ. ۋە 6 ئاي ئىچىدە سوپى ئىشانلارنى يوقتىش سەۋەبى بىلەن 20 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ئۆلتۈرگەچكە جاللات خېنىم دەپ ئاتالغان. ۋە دولانلىق سوپىلار
تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئەمىن باھادىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد مۆمىن خان تەخىتكە چىقىپ 1695-يىلىدىن
1705-يىلىغىچە 10 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ يەنە جۇڭغارلارنىڭ قاتتىق ھۇجۇمى بىلەن يوقۇتۇلغان. دېمەك سەئىدىيە خانلىقى 1514-يىلىدىن
1705-يىلىغىچە 191يىل ھۆكۈم سۈرۈپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقىغان دېيىشكە بولىدۇ.
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقان يىل دەۋرى 1705-يىلى. بۇ توغرسىدا خەلقئارالىق نوپۇزلۇق قامۇستا ئېنىق قىلىنىپ ئېلىنىپتۇ.
مانا بۇ ۋىكىپېدىيەدىكى مەنبەسى:
https://en.wikipedia.org/wiki/Yarkent_Khanate |
|