- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35628
- نادىر
- 19
- يازما
- 1788
ئۆسۈش
  64.07%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم، بۇ تېمىنىڭ تېز ئارىدا كۆمۈلۈپ كەتمەسلىكىنى خالىمىسىڭىزلار، ئازراق ۋاقتىڭىزلارنى سەرپ ئېتىپ « قوللايمەن» دېگەن سۆزنى بولسىمۇ يېزىپ قويغايسىزلەر. بۇ « چاقىرىق » مۇنبەر يۈزىدىلا قالمىسۇن! گەرچە، 2016-يىلىغا يەنە 9 ئاي بار بولسىمۇ بۇ تېمىنى بالدۇر يوللىۋەتكىنىمىزگە كىرمەيدۇ. تەرەققىي تاپقان ئەللەر خەلقلىرى بىر يىل بۇرۇن ئەمەس، بىر قانچە يىل بۇرۇن ھەتتا نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىنى بەلگىلەپ ھەرقەتكە چۈشۈپ بولدى. بىز ھەركەتلەنسەك، كۈنلىرىمىزنى، ئايلىرىمىزنى، ھەر بىر يىللىرىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزسەك نىمىشقا بولمايدىكەن؟!
ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز. بىرەر تەشكىلات بىز ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بەرمىسىمۇ ئۆزىمىز پىلان، نىشان تۈزۈپ تىرىشساق ئارمان مەنزىللىرىمىزگە چوقۇم يېتىمىز. بەخت ئامەت قۇشلىرى بىزنىڭ بېشىمىزغا قونىدۇ.
ياش چوڭلىغانچە، ئەتىراپتىكى ئادەملەرنى كۈزەتسەم شۇنى بايقىدىمكى، بىر كىتابنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغان ئادەم بىلەن 100 كىتابنى چۈشەنمەي ئوقۇغان ئادەمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشىمايدىكەن. قايسى بىر ماتېرىيالدىن ئوقۇسام، ئۈچ كۈن گېزىت ئوقۇغان ئادەم بىلەن ئۈچ كۈن گېزىت ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ تەپەككۈرىمۇ ئوخشىمايدىكەن. دېمەك بىز توختىماي ئوقۇشىمىز، ئۆگىنىشىمىز كېرەك. كىتابلىرىمىز كۈتۈپخانىلاردا بويۇن قىسىپ يېتىپ قالمىسۇن! ئۇلار كۆزلىرى بىلىم ئىشقىدا مكلدۈرلەپ تۇرغان سەبىيلەرنىڭ قوللىرىغا تىگىلسۇن! كىتابسىز قالغانلار كىتاب ئارقىلىق قاراڭغۇ دىللىرىنى يورۇتسۇن!...
ئەسلىدە بۇ تېمىنى بېلەتلىك تېما قىلىپ يوللىساممۇ بوپتىكەن. مەيلى، مۇشۇ پېتى بولسىمۇ قوللىغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈمىدىم:
ھەر بىر كۈنىمىز كىتاب ئوقۇش، سوۋغا قىلىش كۈنى بولۇپ كەتسە بۇ باشىم كۆككە يېتەتتى. |
|