- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1997
- نادىر
- 0
- يازما
- 221
ئۆسۈش
99.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 05:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇشۇ تىمىڭىزغا يانداشقان باشقا تىمىللىرىڭىزنىمۇ قايتا ئوقۇپ چىقتىم .
مىنىڭ مۇشۇ ھەقتە سۇئالىم بار ئىدى ، مۇمكىن بولسا جاۋاپ بەرسىڭىز بەك خوش بولغان بولاتتىم .
1 . بىز ئىنسانلار نىمىشقا تاشقى دۇنيادىن جانلىقلارنى ئىزدىگەندە ، ئۆزىمىزنى ئۆلچەم قىلىمىز ؟
يەنى دىمەكچى بولغۇنۇم ، ئالەمدىكى باشقا جانلىقلار بىزدەك نەپەسلىنىشى كېرەكمۇ ؟ نەپەسلەنگەندە ئوكسىگىننى جەزمەن كېرەك قىلىشى كېرەكمۇ ؟ بىزدەك يىمەكلىك ئارقىلىق ئىنىرگىيەگە ئىرىشىشى كېرەكمۇ ؟
ئەگەر تاشقى ئالەمدە بىر خىل جانلىق بار دىيىلسە : ئۇلار ئىنىرگىيىنى بىزدەك يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلىماي ، ئۆسۈملۈكلەردەك فوتۇسىنتىز ئارقىلىق تۇلۇقلىسىچۇ ؟ ئەگەر ئۇلارنى نەپەسلىنىدۇ دىسەك ، ئۇلار ئۈچۈن زۈرۈر بولغان گاز ئوكسىگىن بولماي سولفات كىسلاتا تۇمانلىرى بولسىچۇ ؟ ئەگەر ئۇلار ئوكسىگىن ، ياكى ئازوت گازى كۆپ بولغان يەر شارىدەك پىلانتقا كەلسە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدىغان بولسىچۇ ؟
2 . جانلىق پەيدا بولىشى ئۈچۈن چوقۇم مۇھىتى يەر شارىنىڭ مۇھىتىدەك پىلانت بولىشى كېرەكمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ؟
مەن ئويلاپ قالىمەن ئەگەر كائىناتتا يەنە باشقا جانلىقلار بار دىيىلسە ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشىتىش توغرا ئەمەسمىكىن دەيمەن . ئەگەر شۇنداق بولسا بىز مەلۇم شەرتلەرنى قويۇپ نىشانلىق ئىزدىشىمىزنىڭ ئۆزىلا بىزنى ئالداپ قويىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن بىز داۋاملىق سەۋەنلىكىمىز سەۋەپلىك نەتىجىسىز قېلىشىمىز مۇمكىن . |
|