- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1537
- نادىر
- 0
- يازما
- 139
ئۆسۈش
  53.7%
|
alaqehan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 16:25 
بولسىمۇ پوققا پايدىسى يوق. زىيىنى بار قوڭالتاق ۋاڭلار
ئۇنداقمۇ دەپكەتمەڭ ، قارىغاندا سىزمۇ بىلمەيدىكەنسىز ، قومۇل ۋاڭلىرى ئەبەيدۇللانىڭ ئاتىسى مۇھەممەد شاھ غازىبەگ زامانىدىن باشلاپلا ئىلىم سۆيەر ، خەلقپەرۋەرلىك روھى بىلەن بارۋەرلىك ئاساسىدا ( باشقا رايونلارغا قارىغاندا باراۋەرلىك ھەر ھالدا ياخشى ئىدى ، پەقەت شۇ شاھ مەخسۇتنى ئالاھىدە تىلغا ئالمىغاندا ) ئەل ئىچىنى تىنىچلاندۇرۇپ ، ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر جەھەتتىن راۋاجلاندۇرۇپ ، مائارىپ ئىلىمسۆيەرلەرنى مەركەزلىك يىغىپ مائارىپ ۋە ئىلىم ئىرپان ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى كۆپ ياراتقان ، شۇڭا قومۇلدا تا مۇشۇ كەمگىچىلا بالىلىرىنى ئالدىراپ ھۈنەرگە ئەمەس ، بەلكى مەكتەپكە بېرىدىغان بىر ئالاھىدە ئادەت شەكىللەنگەن ، چۈنكى بۇ شۇ دەۋردىكى ۋاڭ - غوجاملار تەشەببۇس قىلغان مەجبۇرەن مائارىپ شەكلىنىڭ ئادەتلىنىپ ئۇدۇم قالغان تالدامىسى ئەمەسمۇ .... مەنچىڭ دەۋرىدە قومۇل تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئوتۇغات قىلىپ بېرىلگەن ئالاھىدە يوقۇرى نوپۇزى ئىمتىيازىغا تايىنىپ تۇرپان ۋاڭلىرى شىمالىي شىنجاڭدىن كۆپ جەھەتتىن پايدىلانسا ، قومۇل ۋاڭلىرىغا جەنۇبتا ئالاھىدە ھوقوق بېرىلگەنىكەن . شۇ سەۋەبتىنمىكىن ، خوجىلار سوپىلار دەۋرىدە قىممىتى بىلىنمىگەن كۆيدۈرۈلۇش ھەتتا توقىتىلىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن كىتاب - ماتېرىياللار قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ تېرىپ يىغىپ باشقۇرۇشى بىلەن ساقلاپ قېلىنىپ مەخسۇس شۇ تۈرلەردە ئالىم ئۇستازلار تەكلىپ قىلىنىپ قومۇل ئۆز تەۋەسىدە ئايرىم دەرسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن .......... شۇنىڭدەك ئىلىمغا ئىشتىياقى بولسىلا نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئاددى پۇقرالارمۇ تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچرىمىغانىكەن .... شاھ مەخسۇتنى ئەسكى دەپ ئەغزىمىزدىن چۈشۈرمەيمىز بەزى جەھەتلەردىن تېخى ، لېكىن بەزى بىر جەھەتلەردىن مۇشۇ تۆھپىكار ۋاڭلار بىلەن بىر ئورۇندا تۇرسا تۇرىدىكى ھەرگىز كەم ئەمەس ، يوغرا ئۇنىڭ ئەلۋەتتە قىلغان ئەسكىلىك زورلۇق زۇمبۇلۇقلىرى كۆپ ، خۇددى چىنشىخۇاڭدەك ،،،، توھپىلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە ........... |
|