- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 520
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  4%
|
تېما ئىگىسى تىرىشچانلىقىڭىز ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بىراق تېمىڭىزدا‹‹ مەنسىتمەسلىك›› دېگەن ئىبارىنى كۆپ ئىشلتىپسىز. سىزنىڭچە بىر ئادەم بىرەر ئىشتا كۆزگە كۆرىنىش، مۇۋاپىققىيەت قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىدىن بۇرۇنقى كەسىپ ئەھىللىرىنى مەنسىتمەسلىكى، كۆزگە ئىلماسلىقى كىرەكما؟ بۇ سىزنىڭ پىكىرمەنتىقىڭىزمۇ ياكى سىزنى ‹‹غايەت زور ئەقلىي ئاڭ›› ئېنىرگىيىسى بىلەن تەمىنلىگەن‹‹ پىرىڭىز ››ئەلى قۇرباننىڭ مەنتىقىسىمۇ؟ بىر شاگىرىت ھۈنەردە كامالەتكە يېتىپ، ئۇستازىدىن ئېشىپ كەتسە ، ھۈنەر ئۈگەتكەن ئۇستازىنى مەنسىتمەسىلىىكى كىرەكما؟چوڭ بولىۋىلىپ تاپقان دادىسىنى ئىنكار قىلىپ‹‹مەن سەندىن ياخشىراق بالا تاپاليمەن›› دېسە بولامدۇ؟ باشقىلارنى مەنسىتمەسلىك، ئىنكار قىلىش پېسخىلوگىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپسىز بۇ ھېكىمەتلىك سۆزنى قايسى پېسخىلوگ ئوتتۇرغا قويغان؟ شۇ نەرسىنى بىلىۋىلىڭ ؛ دۇنيادا بىردىن بىر قانۇنىيەت شۇكى ، بۈگۈنكى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى ھەرقانداق داڭلىق شەخىس ئۆزىنىڭ مۇۋاپىققىيتىنى تۈنۈگۈنكىلەرنىڭ قان-تەر بەدىلى ئۈستىگە قۇرغان بولىدۇ. ئەلى قۇربان ئاكىڭىزمۇ دەل شۇنداق بولىدۇ. ئەلى قۇرباننىڭ ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش ، سۆزلەش، ئىپادىلەشتىن باشقا يېڭىلىق يارىتىش، ياشلارنى يىتەكلەش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرش ۋاھا كازا قاتارلىق تەرەپلىرىگە قەتتئىي كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، بىراق سەپەرگە چىقا -چىقمايلا ‹‹ مازارغا چالما ئېتىپ ›› ئىنكارچىلىقنى باشلىۋىتىپ ‹‹ مەن مىللەتنىڭ ھەممە نەرسسىنى چەتئەللەرنىڭ پىسخىلوگىيە ئىلىمى بىلەن يىڭىلاپ چىقىمەن›› دېگەن خىيالغا كەپ قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەنقىت ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدى. تېما يوللىغان دوستۇم مەن سىز گە بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹‹ تۈلكە ئۆز ئۇۋىسىغا قاراپ ھۇۋلىسا قوتۇر بولۇر›› دېگەن مەشھۇر ھېكىمەتلىك سۆزىنى ھەدىيە قىلاي، ئۇستازىڭىز ئەلى قۇربان ئەپەندىمگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ، دائىم ئېسىدە ساقلىسۇن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى تۈلكىگە ئەمەس ئادەمگە قارىتىلغان تەمسىل بولۇپ،‹‹ سەن ۋەتىنىڭگە، ئەجدادلىرىڭغا ئاسىيلىق قىلساڭ زاۋال تاپىسەن›› دېگەندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەرقانداق پىسخىلوگىيە نەزەريىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بولدى گەپنى توختىتاي...... |
|