- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 579
- نادىر
- 0
- يازما
- 63
ئۆسۈش
  15.8%
|
بۇ ئۈمد غېنى ئالجىپ قالغاندەك پەلىپەتىش گەپ قىلىدىكەن، بىر بىرىگە زادى قولاشمايدۇ گەپلىرى. ئۇنىڭدا ھازىرقى دۇنيا قاراش توغۇرسىدا سېستىمىلىق بىلىم يوقكەن، ئۇ ناتىقمۇ ئەمەس، بىلىملىكمۇ ئەمەس، ھەۋەسكارمۇ ئەمەس. دىكتۇرغۇ ئەسلى ئەمەس، قىسقىسى، ئۇ ھېچ نېمە ئەمەسكەن، ئەگەر ئۇنى مۇۋاپىق بىر نەرسىگە ئوخشىتىشقا توغىرا كەلسە مۇنداق ئۈچ نەرسىگە ئوخشاتسا بولغىدەك:1- مەدىكار بازىردىكى ئىش كۈتۈپ تۇرۇپ بولالماي زىرىكىپ ، باشقىلارنى ئاغزىغا قارتىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تاغدىن- باغدىن سۆزلەپ ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتقان،چالا-پۇلا كىتاپ ئوقۇپ باققان ، لىكىن ئوقۇغانلىرى بىلەن يالغانچىلىقنى قوشۇپ سۆزلەپ ئۆگىنىپ قالغان ‹‹ مەدداھلىق كېسىلىگە ›› گېىرىپتار بولغان مەدىكارچىغا ئوخشىتىشقا بولىدىكەن. 2- ئەرزان ھاراقنى جىق ئىچىۋىلىپ نىرۋىسىدىن كەتكەن، كىم ئۇچۇرسا باشقىلاردىن چالا- پۇلا ئاڭلىۋالغان بىر- بىرىگە زىت، باش ئايىغى مەنتىقىسىز گەپلەرنى قىلىپ باشقىلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ ، باشقىلاردىن تىل ئىشتىپ ئولتۇردىغان پىيەنچۈككە ئوخشىتىش مۈمكىن.
3-توغرا تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن خوشى يوق تاققا- تۇققا ، ئالاجوقا ، ئېغى بىلەن بېغىنىڭ تايىنى يوق گەپلەرنى قىلىپ جان بېقىپ ئۆگىنىپ قالغان ‹‹ گەپ خالتىسى›› چوكانلارغا ئوخشىتىش مۈمكىن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئىنكار قىلغانلىقى مىللەتتىن تانغانلىقىنىڭ بەلگىسى . بىر زىيالى ئۆز مىللىتىنىڭ كىتىپىنى ئوقۇمىسا ، ئۇنى قانداقمۇ مىللەتنىڭ زىيالىيسى دېگىلى بولىدۇ ؟ ئۆز مىللىتىنىڭ يازغۇچىلىرىنى ئىنكار قىلسا مىللىتىمىزنىڭ يازغۇچىلىرىنى كىم قەدىرلەيدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرىنى، ئۆگەتكەن بىلىملىرىنى ئىنكار قىلسا بۇنداق ئادەمدىن نېمە كۈتكىلى بولىدۇ؟ بۇ ئادەم ئەڭ ياخشىسى، روھى كېسىلىنى داۋالاتسا بولغىدەك. ئەگەر تۈركىيەدەك دۆلەتتە بولۇپ قالغان بولسا ئاللا بۇرۇن بورىغا يۆگەپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرلۈپ بولغان بولاتتى. مىللىي كىملىكىگە ھاقارەت كەلتۈرگەن بۇنداق ئادەم نىڭ خوتۇن -بالا چاقىلىرى قانداقمۇ ئۆيىگە كىرگۈزگەندۇ دەيمەن. باشقا قىرىنداشلار ھەرقانداق جايدا سۆزلىگەندە ئۈمد غېنىدەك سۆزلەشتىن ھەزەر ئەيلەپ، گەپ-سۆزنى ئويلىنىپ، توغرا سۆزلەشنى ئادەت قىلىڭلار، خاتالىقتىن، ئىنكارچىلىقتىن ساقلىنىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمىز. |
|