- تىزىملاتقان
- 2014-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 442
- نادىر
- 0
- يازما
- 34
ئۆسۈش
  71%
|
« بىزمۇ باشقا مىللەتلەر ئالدىدىكى ئىناۋىتىمىزنى ئۆستۈرىمىز ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان مىللەتكە ئەمەس ، بەلكى تۆھبە قوشىدىغان مىللەتكە ئايلىنىمىز دەيدىكەنمىز ھەر ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى چۈشىنىش ، ھۆرمەتلەش، قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەككى ،ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ،خىزمەت ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولمىغور گەپ ـ سۆز ۋە قىلىقلاردا بولماسلىقىمىز كېرەك. »
بۇ بىزدە ئومۇمىيۈزلۈك كەم بولىۋاتقان ئەخلاقى ساپا ۋە ئەقلىي كەمتۈكلۈك .
« ئىلغار مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى سۆيىدۇ ، قەدىرلەيدۇ ،داڭلىق جايلارنى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتايدۇ ، بىرەر يېڭى نەرسە ئىجاد قىلىنسا ئۇنىڭغا شۇ ئالىمنىڭ نامىنى بېرىدۇ ،ئالىملار ،ئەمگەك قەھرىمانلىرى ،داڭلىق يازغۇچى- شائىرلار ،ئاتاقلىق مائارىپچىلار ئۆز ئىشىدا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشسە ئەڭ بولمىغاندا ئاترىتكا ،خەت ،تەبرىك تىلىگراممىسى ئەۋەتىپ قۇتلۇقلايدۇ ، تۈرلۈك مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ شۇ ئالىمنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ داۋاملىق تۈردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ .ھەتتا ئۆز روزىغارىدىن ئېشىنىپ ئۇلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشى ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇلللىنىشى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىدۇ . بۇ نېمىدېگەن ياخشى روھ ـ ھە ! »
بۇ بىز ئۆگىنىشكە ۋە يېتىلدۈرۈشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان مىللىي ئاڭ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت .
|
|