- تىزىملاتقان
- 2011-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7525
- نادىر
- 0
- يازما
- 420
ئۆسۈش
  50.5%
|
يازما ئاپتورى خېلى قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ‹ئىجادكار›لارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.
لېكىنزە، مۇنۇ قۇرلارغا سىڭگەن قاراشلارغا گۇمانىم بار : ‹ يەنە بىر قىسىم تورداشلارپەلسەپىۋى، جەمىيەتشۇناسلىق تېمىسىدىكى كىتابلارنى نەقىل كەلتۈرۈپتۇ. مەن بۇ يەردەمۇنداق بىر گەپنىلا قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم. ئەپلاتون، سوقرات، ئارىستوتىلدەك توپ-توپ پەيلاسوپلىرى چىققان گىرىتسىيە ئەمدى تېخى قەرز كىرزىسىدىن قۇتۇلۋاتىدۇ، يەنەكېلىپ ئۇ ياۋرۇپادىكى ئىككىنچى، ئۈچۈنچى قاتاردىكى ئەل سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئېسىل پەيلاسوپمۇ بىر ئەلنى مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلدۇرالمىغان، بىز بۇنى ئۆز تارىخىمىز ئارقىلىق دەلىللىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئاتالمىش پەيلاسوپ، جەمىيەتشۇناسلارغائىشىنىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟›
ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە چۈشىنىۋېلىش لازىمكى، ئىلىم-پەن بايلىققا، ‹رىزىق›قا ئېرىشىشنىڭ كۈچلۈك قورالى. ھالبۇكى، ‹ بىر مىللەت پەننىڭ يۇقۇرى پەللىسىدە تۇرماقچى بولىدىكەن، نەزەرىيىۋى تەپەككۈردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىقى كېرەك›.
‹پەلسەپىنى ھاقارەتلىگەنلەر ياكى ئۇنىڭغا سەل قارىغانلار ئاڭ ناچار پەلسەپىنىڭ ئەڭ ناچار، ئەڭ چاكىنا قۇلى بولۇپ قالىدۇ›. |
|