- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7498
- نادىر
- 1
- يازما
- 311
ئۆسۈش
  49.96%
|
ئېقتىسادشۇناسىمىز قەيسەر مىجىتنىڭ باغداشقا كەلگەنلىكىگە ۋە بۇ زادنى باغداشقا كىرىشكە دەۋەت قىلغان ھارماس جەمىيەتشۇناسىمىز زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بۇ زادنىڭ تۇتاملىق ۋە تېتىملىق ئەسلىمىسىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغىنىغا ئەڭ كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!!!
مېنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇمنىڭ بارغانچە بېيىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن، مەن گۈلەن، ئۇيغۇرزادە، بوزقىر، ئاتىللا......لاردىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتىم، يازمىلىرىمنىڭ ئارقىسىدىكى كۆپ چېكىتلەرنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پەخىرلىك زات قوشۇلدى، ئۇيۇشۇش دىگەن مانا شۇ، مەيلى ئوكيان سىرتى ياكى ئوكيان ئىچى بولسۇن تىرنىلاپ تۇرۇپ ئۇيۇشايلى، خۇددى بەش بارماقتەك تۈگۈلۈپ تۇرۇپ ئۇيۇشۇپ، بازغاندەك «مۇشت» ھاسىل قىلايلى.....!
مەن ئېقتىسادشۇناسىمىز قەيسەر مىجىتنىڭ باغداشقا باسقان قەدىمىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى ھەم ھەربىر قەدەملىرىدىن گۈل ئۈندۈرىشىنى چىن دىلىمدىن ئىستەيمەن. ئاخىرىدا قەيسەر مىجىت ئەپەندى ــــ تەرجىمالىڭىزنى قىسقىچە بولسىمۇ يېزىپ قالدۇرغان بولسىڭىز، بىز سىز بىلەن تېخىمۇ چۇڭقۇر تونۇشىۋېلىش شەرىپىگە مۇشەررەپ بولىۋالساق. مالال قىلىدىغان بولدۇم!
قەيسەر مىجىت ئائىلىسىنىڭ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن ھەمدە ئۇيغۇرغا زور ئوزۇق بولغان ۋە بولىۋاتقان ئىسىل يازمىلىرىنى باغداش تورى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا داۋاملىق تەغدىم ئېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!! |
|