axtuzi |
2009-02-19 14:41 |
مۇھەررىرگە بىر چاخچاق ( شىئېر )
مۇھەررىرلەرگە بىر چاخچاق.
مۇھەممەتجان راشىدىن
قوي گۆشىدە تۆت تۈلۈك تاماق قىلىپ،مۇھەرىر، ئالدىڭىزغا بارغۇم بار تاۋاق قىلىپ،مۇھەررىر. بولۇپ قاپسىز ھازىدار،چاي ئىچكۈزۈش ئادەتقۇ، جىق ئەسەرنى بىھۇدە ھالاك قىلىپ،مۇھەررىر. ئون ئەسىرىم ياتقانتى،شۇلار بىلەن مېنىڭمۇ، تاتمىڭىزنى ئونبىر ئاي قاماق قىلىپ،مۇھەرىر. «چىقىپ كېتىپ ئەلگەككە ئەرگە تەككەن»شۇ بولسا، بېرىۋېتىڭ خېتىنى تالاق قىلىپ،مۇھەرىر. سۈرۈشتۈرسەم،سۈرۈكتىن بەش ئاي ئېشىپ كېتىپتۇ، ئېچىتامسىز يا ئۇنى ھاراق قىلىپ، مۇھەرىر، ئايلىنامدۇ ئاشلىققا تۇرىۋەرسە،بىلمىدۇق، تاپشۇرامسىز دۆلەتكە پاراق قىلىپ،مۇھەرىر. ئۇقۇشماستىن خورازغا تۇخۇم باسقان ئوخشايمەن، شۇڭا بەلكىم قويغانسىز پالاق قىلىپ مۇھەرىر. ئېسىت مېنىڭ ئەمگىكىم،ئەۋەتكىنىم جىجىلاپ، ھەر قېتىمدا ئون-ئونبەش ۋاراق قىلىپ،مۇھەرىر. بىرىڭلارنى لىلا دەپ، بىرىڭلارنى تىللا دەپ، بىز يۈرىمىز خىزىردەك تاۋاپ قىلىپ،مۇھەرىر. يۈردى دەيدۇ سىلەرنى بىراق،يات بىر كوچىدا، يۇرتۋازلىقنى بەزىدە راۋاق قىلىپ،مۇھەرىر. بارغانلاردىن سورىسام،دەيدۇ:ئىچىپ قايتىشتۇق، ئىشخانىنى بەئەينى قاۋاق قىلىپ،مۇھەرىر. پىششىۋېلىپ ئۆزىڭىز،پىششىقلاپسىز جىق ئەسەر، بەزىسىنىڭ بۇرنى يوق،پاناق قىلىپ،مۇھەرىر. تۈزەشتىنمۇ كۈزەش كۆپ،ياسىلىپتۇ بىرلىرى، ئۆزۈمدىنمۇ ئون ھەسسە ئاۋاق قىلىپ،مۇھەرىر. ئۆڭگەن چاپان مىڭ ياخشى بىرلىرىنىڭ بويىدىن، چىقىرىپسىز تامامەن ياماق قىلىپ،مۇھەرىر. چۇۋۇق چاچتەك ئەسەرنى تارامدىكىن ،دەپتىمەن، دوستلىرىڭىز قەلەمنى تارغاق قىلىپ،مۇھەرىر. قەلەمكەشلىك شۇ بولسا چوققا چېچىم تۆكۈلۈپ، نىمە جاپا بېشىمنى ياغاق قىلىپ،مۇھەرىر؟! خۇدا سالغان ئىشىقكەن بۇمۇ ئەمما،نە ئېتەي، قىينىماڭچۇ باغرىمنى كاۋاپ قىلىپ،مۇھەرىر. قانداق قىلاي مۇھەررىر،ئازايمۇ يا ،يازايمۇ، ئەسىرىمنىڭ شەكلىنى باغاق قىلىپ،مۇھەرىر.
|
|