بۇيىمەكلىكلەر قېرىشنى كىچىكتۇرۇشكە پايدىلىق
بۇيىمەكلىكلەر قېرىشنى كىچىكتۇرۇشكە پايدىلىق
تەتقىقات ۋە ئۇزاق يىللىق ئەمەلىيەت سىنىقىدىن ئۆتكەن قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە << ياردەم بېرىدىغان >> يېمەكلىكلەر مۇنۇلار : ئوزۇقلۇق نەزىريىسىدە E ، C ، A لار ھۈجەيرىنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ ، قېرىشقا قارشى تۇرغۇچى << تۆمۈر ئۈچ پۇت >> دېيىلىدۇ . تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە رولى ئىنتايىن چوڭ .بۆلجۈرگەن : بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە E بولۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە تېرىنى ئاقارتىشقا پايدىلىق . مانگو : مانگو تەركىبىيدە بىتا كاروتىن مول بولۇپ ، ئۇنىڭ تېرىنى ئاقارتىش رولى بار . كۇلى بىھىسى : كۇلى بىھىسى تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ ، تېرىنىڭ بوشۇشۇپ ، ساڭگىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قاراپىگىمىنتنىڭ توپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىپ تېرىنى يۇمراق قىلىدۇ . تەرخەمەك : تەرخەمەكنىڭ سۇ تولۇقلاشتىكى رولى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، تېرىنىڭ سۇسىزلىقتىن قارىداپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .شوخلا ۋە ئالما : ئالما ۋە شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىنلار ، بولۇپمۇ ۋىتامىن C مول بولۇپ ، ھەر كۈنى ئالما ياكى شوخلا ئىستېمال قىلىنسا ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياج تولۇقلىنىدۇ . قېتىق : قېتىق تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ئىنتايىن مول . شۇڭا ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىشكە ئادەتلىنىش زۆرۈر . چاي : چاينىڭ ئورۇقلىتىشتا رولى ئىنتايىن چوڭ ( يېشىل چاي بولسا تېخى ياخشى ) قايناقسۇ : قايناقسۇنىڭمۇ ئورۇقلىتىش ياكى سۇ تولۇقلاشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ . ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، تېرىنى ئاقارتىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە رولى ئىنتايىن مۇھىم . كەرەپشە؛ كەرەپشە قىرىشنى كىچىكتۇرۇپ قاننى ساپلاشتۇرىدۇ ياشانغانلار كوپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۇنۇمى كۇرىنەرلىك
مەنبە ؛ ئاشپەز |