مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 0ئىنكاس
  • 1451كۆرىلىشى

«ئەرقال كارخانىچىلار تەرەققىيات پروگراممىسى» نىڭ 3 - سانى ئېلىپ بېرىلدى [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10903
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 120 دوللار
تۆھپــــــــــە: 58 ھەسسە
توردىكى :26(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-08-24
ئاخىرقى: 2014-09-01
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-11-09 10:57:03

ئەرقال كاپىتالى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھە كارخانىچىلىرىغا قارىتىلغان «ئەرقال كارخانىچىلار تەرەققىيات پروگراممىسى» نىڭ 3 - سانى 11 - ئاينىڭ 2 - ۋە 3 - كۈنلىرى ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىلدى.
بۇ قېتىملىق پروگراممىغا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىدىن 3 نەپەر مۇتەخەسىس خادىم تەكلىپ قىلىنىپ، تەشكىلات قۇرۇلما لايىھەسى، خادىملار قوشۇنى قۇرۇش سەنئىتى، يىنىك ھالەتتە باشلاش(ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىچىلار ئۈچۈن بەش تەكلىپ)، سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا قارار چىقىرىش(بىلەلەيدىغان تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن پەرەز قىلىسىز)، ئەقلىيفون ئىستىراتېگىيىسى قۇرۇش( 2014 - يىللىق تەرەققىياتنى مۆلچەرلەش) قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىنىش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىرى بولغان BCG مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئاسىيادىكى لېدىرى BOB Li-SHYNG ئەپەندى كارخانىچىلار نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلىرىگە مەخسۇس نەق مەيدان مەسلىھەتى بەردى.
قاتناشقۇچىلار مۇتەخەسىسلەر بىلەن كارخانا تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ئۈستىدە كۆپ قاتلاملىق پىكىر ئالماشتۇردى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك كارخانا ئىستىراتېگىيە مەسلىھەتلىرىگە ئېرىشتى.
كارخانىچىلار پروگرامما جەريانىدا ئۆز ئارا تونۇشۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇردى.
پروگرامما ئاخىرىدا ئۇدۇن سود چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، باش دېرىكتورى شىرئەلى ھاجىم ئۆزىنىڭ كارخانىچىلىق ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرىنى پروگراممىغا قاتناشقان كارخانىچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.



شىنجاڭ ئەرقال كاپىتالىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى تۇرسۇن ئەلى ھەر ساھە كارخانىچىلىرىغا «تەشكىلات قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەش» توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە بەردى.



Opera Solutions شىركىتىنىڭ ئىستىراتېگىيە مەسلىھەتچىلىك مۇتەخەسىسى Raymond Palmer «مۇۋەپپىقىيەت قازانغان خادىملار قوشۇنى قۇرۇش سەنئىتى» توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە بەردى.




دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىرى بولغان BCG مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئاسىيادىكى لېدىرى BOB Li-SHYNG ئەپەندى كارخانىچىلار نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلىرىگە مەخسۇس نەق مەيدان مەسلىھەتى بەردى.




Splitforce شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، مۇدىرىيەت باشلىقى، جۇڭگو ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ماركېتىڭ دېرىكتورى Zac Aghion “ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىچىلار ئۈچۈن بەش تەكلىپ” توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە بەردى.




ئۇدۇن سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، باش دېرىكتورى شىرئەلى ھاجىم ئۆزىنىڭ كارخانىچىلىق ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرىنى پروگراممىغا قاتناشقان كارخانىچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.



پروگرامما قاتناشقۇچىلىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، مەسىلە ھەل قىلىش مەزمۇنىدا تەقلىدىي مەشىق ئېلىپ بارماقتا.




تېما تەستىقلىغۇچى: مۇتتەقې
تەستىق ۋاقتى: 2013-11-15, 13:50

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى