ئۆتكەندە  ئائىلىدە ساماۋەرنىڭ ئاچچىق شورپىسىنى تەييارلاشنى سۆزلەپ ئۆتكەن ، بۈگۈن ھاۋا قاتتىق سوغاق  باشقا تاماق ئىتىشكە  ئىرىنىپ قالدىم شۇنىڭ بىلەن  ساماۋەر شورپىسى تەييارلايچۇ  دەپ  ،ئەزەناراق سەي كۆكتاتلاردىن  ئىككى ئادەمگە يەتكىدەك  ئاز ئازدىن ئېلىپ  ساماۋەر شورپىسى قىلغان  ، بەزىلەر ئەلۋەتتە قانداق قىلىشنى ئۇقىدۇ  ئۇقمايدىغانلار ئۈچۈن پايدىلانسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم  .
بىرىنچى قىلدىغان ئىشىمىز  ئەكىرگەن توخا گۈشىنى ئىككى ئۈچ قېتىم چاقىۋېتىپ سماۋەر قازىنىغا  سۇقۇيۇپ  تۇخۇ گۈشىنى قاينىتىۋالىمىز  ،تۇخۇ گۈشى قاينىغاندا  ئۈستىدىكى كۈپۈكلىرىنى ئېلىۋېتىپ  ،ئادەمگىياھ ، زەنجخۋىل يالپاغچىسى  ،ئىككىتال چىلان ۋە  ئالقانىتنى سېلىپ  شورپا قاينىتىمىز  شورپىغا مىزلىك پۇراق كىرگىچە  ، ياڭيونى ئاقلاپ  يالپاقداب توغرايمىز  سەي كۆتاتلارنى يۇيۇپ تەييارلايمىز  ، سامساقنى ئىزىپ  كۈنجىت مېيى ،جاڭيۇ، ئاچچىق سۇلار بىلەن تېتىتقۇ تەييارلىۋالىمىز   ، شورپا تەييار بولغاندىن كىيىن  غول پىيازنى  بەش سانتىمىتىر چوڭلىقتا توغراپ  سېلىپ  جوزىغا ئەكىلىپ  گازنى ئېچىپ يىيىشنى باشلىسىڭىز بۇلىدۇ  . ئاساسلىق  يەيدىغان سەيلىرىمىز  ، يېسىۋېلەك ،مايلىق يېسىۋېلەك ،ياڭيو ، دۇفۇ ،چوڭ راك ، موگو ، تۇڭخاۋ ، نىپىز توغرالغان  گۆش   
ئاچچىق يىمەكچى بولسىڭىز ئۆتكەندە مەن سۆزلەپ ئۆتكەن ئاچىق ساماۋەر يېغىنى سېلىپ   تەڭشىۋالغان تەم كىرگۈزگۈچكە  چىلاپ يىسىڭىز بۇلىدۇ  ، قانداق  سىلەېگە يارىغان چىرايمۇ يە   
ماۋۇسى گۈلقەنىتنىڭ