
بىر موتسىكلىت ھەۋەسكارى موتسىكلىتنى دالانغا ئەكىرىپ، لاتىنى بېنزىنغا چىلىغىنىچە، بەخىرامان ھالدا موتسىكىلىتنى سۈرتۈشكە باشلىدى. ئۇ موتسىىكىلىتنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، موتسىكىلىتقا مىنىپ، ئۇنى ئوت ئالدۇرماقچى بولدى. شۇغىنىسى، موتسىكلىتنىڭ خوتى سېلىقلىق بولغاچقا، ئۇ ماتورنى قوزغىتىشى بىلەنلا موتسىكلىت دالان ئۆينىڭ ئەينەك ئىشىكىدىن ئۇچۇپ چىققىنىچە ھويلىدا توختىدى. ئۇ يەنىلا موتسىكلىتنىڭ رولىنى چىڭ تۇتىۋالغانىدى. ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتقان خوتۇنى قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ، ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، پۈتۈن بەدىنى ئەينەك پارچىلىرى بىلەن تىلما - تىلما بولۇپ كەتكەن ئېرىنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇ زامان 911 نۇمۇرلۇق جىدىي قۇتقۇزۇش ئورنىغا تېلېفۇن بەردى. جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنىنىڭ ئىككى خادىمى بۇ نەس باسقان ئەرنى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنىغا ئېلىپ ماڭدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ يارىلىرىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۆيگە قايتىپ كەلدى. خوتۇنى ئېرىنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن دالاننى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ موتسىكىلىتنى سۈرتۈپ ئېشىپ قالغان ئازغىنە بېنزىننى تەرەت قاچىسى ئىچىگە تۆكتى. بىر ئازدىن كېيىن ئېرى ئويغىنىپ، تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغىنىچە تازلىق ئۆيىگە ھاجەتكە كىردى.
ئۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، تاماكا قالدۇقىنى تەرەت قاچىسىغا تاشلىدى. كەينىدىنلا ئاڭلانغان قورقۇنۇچلۇق پارتىلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۇمۇ تازلىق ئۆيىدىن ئۇچۇپ چىقتى. ئەسلىدە خوتۇنى بېنزىننى تەرەت قاچىسىغا تۆككەندىن كېيىن ئۈستىدىن سۇ ماڭغۇزىۋەتمىگەنىكەن. خوتۇنى پارتىلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ ئېرىنىڭ دات-پەريادىنى ئاڭلاپ، ئۇچقاندەك مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ شىمى ئوشۇقىغا چۈشۈپ قالغان، ئۈستىۋېشى بۇلغانغان ھالەتتە ياتقان ئېرىنى كۆردى. ئۇ جىدىىي قۇققۇزۇش ئورنىغا يەنە تېلفۇن بەردى. بۇ قېتىممۇ يەنە بايىقى ئىككى تىببى خادىم كەلدى. ئۇلار نەس باسقان ھېلىقى ئەرنى نوسۇلكىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ بىرى ھېلىقى ئەرنىڭ خوتۇنىدىن ئېرىنىڭ قانداق يارىلانغانلىقىنى سورىدى. خوتۇنى بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، ئۇلار تېلىقىپ كۈلگىنىچە نوسۇلكىنىڭ قولىدىن قانداق چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى.
ئاقىۋەت يەرگە جاققىدە چۈشكەن ھېلىقى نەس باسقۇر ئەرنىڭ ئوقۇرەك سۆڭىكى سۇندى.
مەنزىل: تەرمىلەر ژۇرنىلى