ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ،  سۈيۈملۈك  مۇنبەرداشلار  !
        «ئاشپەز »  مۇنبىرىنىڭ  يىڭى  ئەزاسى شاتۇت507   دىن  سىلەرگە  ئىگىلىپ  تۇرۇپ  ئوتلۇق  سالام!
ھەممىڭلارنىڭ  تىنىگە سالامەت ،  ئىشلىرىغا  ئۇتۇق ، ئۆتكەن  ھەربىر  كۈنۈڭلارغا  خوشاللىق  تىلەيمەن،
     مەقسەتكە  كەلسەك ، سۈتنى  مىنىڭچە  كۆپ  ئادەملەر  ياخشى  كۆرىشى  مۇمكىن ، شۇنداقلا  تۇرمىشى-
مىزنىڭ  ئايرىلماس  بىر ئوزۇقلۇق  تۈرى ،  جۈملىدىن  مەن  كىچىكىمدە  ئاپامغا  بەك  قانمىغان  دەڭلا  شۇڭا 
سۈت  قاتارىدىكى  يىمەكلىكلەرنى  قەۋەتلا  ياخشى  كۆرىمەن،شۇ  سەۋەپ بۈگۈن دوسلارغا  سۈتتىن  ياسالغان 
بىرقانچە  خىل  يىمەكلىكلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ..............
                                                         (  بىلىدىغانلار  جىم  تۇرۇپ  تۇرۇڭلار ھە! مەن  دەۋالاي)

1.ئىرىس
خۇرۇچ  :   سۈت  ،  شىكەر 
ئۇسۇلى   :  سۈت  5  پىيالە  ، شىكەر  1  پىيالە (ئۆلچەم  ھىساپلىنىدۇ)    ئىككىسىنى  قوشۇپ  ،رەڭگى  ناۋات رەڭ
قۇييۇق  بولغىچە  قاينىتىمز ،   تەخمىنەن  4  سائەت  ئەتىراپىدا  قايناتساق  بۇلىدۇ .
2.سەنىك 
خۇرۇچ  :  گۈرۈچ1پىيالە  ،  تۇخۇم 4تال ،  شىكەر يېرىم پىيالە  (ئېھتىياجغا  قاراپ  تەڭشىسەك  بۇلىدۇ)
ئۇسۇلى :  گۈرۈچنى  سۇدا  چالا  پۇشۇرۋالىمىز، ئاندىن  لىسقا  ئېلىپ تەكشى  يېيىتىمىز ،  تۇخۇم  بىلەن  شىكەرنى ،
 يەنە  ئىككى  قوشىق  سۇ ئارلاشتۇرۇپ  تازا  ئارلاشتۇرۇپ ، يېيىتىلغان  گۈرۈچنىڭ  ئۈستىگە  تەكشى  يېيىتىمىز ، ئاندىن 
لىسنى دوخوپكىغا  سېلىپ 25  مىنۇت  ئەتىراپىدا  پىشۇرساق  بۇلىدۇ.
3.قايماق  يوتازا
خۇرۇچ  :   ئۇن  2پىيالە  ، تۇز  ، پىششىق قايماق  .  تۇخۇم 1 تال 
ئۇسۇلى  :  ئۇنغا   تۇخۇمنى  چىكىپ ،  تۇزدىن  ئاز  سىلىپ ، لەغمەن  خىمىرىدەك  يۇغۇرىمىز  ، خېمىر  تىنغاندىن  كىيىن 
 يۇمىلاق  قىلىپ  يايىمىز  ،  ئاندىن  يايغان  خېمىرنىڭ  ئۈستىگە  قايماقنى  تەكشى  قىلىپ يېيىتىپ  ئازىرىق  تۇز  سىپىۋىتىپ 
 يۆگەيمىز ،  ئاندىن  قاسقانغا   سېلىپ  دۈملەيمىز .
4. سۈت  ئاش 
خۇرۇچ  :  سۈت   ،  گۈرۈچ  
ئۇسۇلى  :  ئالدى  بىلەن  گۈرۈچنى  پاكىز  يۇيۇپ  ئاندىن  ئۈستىگە  سۈتنى  قۇيۇپ  قاينىتىمىز  ،  شويلىغا  ئوخشاش  بۇلىدۇ ،
پىشقاندىن  كىيىن تۇز  ياكى  شىكەر  سىلىپ  ئىستىمال  قىلسا  بۇلىدۇ .
5.  ئىرىمچىك  
خۇرۇچ  :  سۈت  
 ئۇسۇلى  :  سۈتنى  ھىچنىمە  قوشماي  قاينىتىۋىرىمىز  ،  تاكى   مۇنەك  مۇنەك  بۇلۇپ  سۈيى  تۈگىگىچە  ،   ئاندىن  سۈزىۋىلىپ 
ئۈستىگە  ئازىراق  شىكەر  يىيىتىۋەتسەك   بۇلىدۇ  ، (تاتلىق  قىلىش  ئۈچۈن )
            بۈگۈنچە مۇشىنى  يوللاپ  تۇراي  ،  ئەتىگىچە  يەنە  يوللارمەن .    
مۇنبەرداشلار  بۇلار  پەقەت  مىنىڭ  ئىتىش  ئۇسۇلۇم ، ئارتۇق  ياكى  كەم  قالغان  يەرلىرى  بولسا  تۇلۇقلاپ  قۇيارسىلەر ....
مۇنبەر  پىكىر  ئالماشتۇرۇش  سورونى  بولغاندىن  كىيىن .......................