hantagri illikdunya.biz sohpat
لاچىن
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 214
شۆھرىتى: 2170 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2399 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 285 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە
بارچە ماختاش ۋە مەدھىبەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. دۇرۇد، دۇئا ۋە سالاملار ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.
ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتىدۇر. رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس، بەلكى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىشنى ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىنىش، چىدام ۋە ئىرادىنى تىكلەشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىنى ئىخچاملاپ:« روزا يېمەك ۋە ئىچمەكنى تەرك ئېتىشلا ئەمەس، بەلكى روزا تۇتقانلىق دېگەن پايدىسىز ئىشلاردىن ۋە گۇناھ قىلىشتىن توسۇلۇشتۇر. بېراۋ سېنى تىللىسا،”مەن روزىدارمەن“دېگىن»دەپ كۆرسەتكەن.
رامىزان ئېيى بىر ئايلىق تەربىيىلىنىش كۇرسى بولۇپ، بۇ كۇرسىغا كىرگەنلەرنىڭ قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشى ياكى كىرگەن پېتى چىقىپ كېتىشى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:«ھەقىقىي بەختسىز ئاللاھنىڭ بۇ مۇبارەك ئايدىكى رەھمەت ۋە مەغپىرىتىدىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر»دەپ كۆرسەتكەن.
رامىزان كۇرسىدا ئادەتلەر ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش يامان ئادەتلەرنىڭ ياخشىلىققا، ناچار ئەخلاقنىڭ ئېسىللىككە، پاسسىپلىقنىڭ ئاكتىپلىققا، بېپەرۋالىقنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىققا، بېخىللىقنىڭ ياردەمسۆيەرلىككە، ھورۇنلۇقنىڭ تىرىشچانلىققا ئۆزگىرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
تاشلىغىلى بولمايدۇ دېگەن يامان ئادەتلەرنى تاشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى رامىزان ئېيىدۇر. چۈنكى كۆنۈپ قالغان ئادەتنى تاشلاش نەپسكە ھەقىقەتەن ئېغىر تۇيۇلىدىغان قىيىن بىر ئىش. ئەمما رامىزاندا يېمەك – ئىچمەك ۋە نەپسنىڭ پۈتۈن ئىستەكلىرىنى تاشلاش جەريانى بۇ يامان ئادەتلەرنىمۇ تاشلاش ئۈچۈن چوقۇم شەرت شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
تەۋسىيە:
قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم! رامىزان كۇرسىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە پۈتۈن سەلبىي ئادەتلەرنى ئىجابىيلىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنى سىز ئوزىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىقىڭ. يالغۇز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىڭىزنى بىر- بىرىلەپ تىزىملاپ چىقىڭ ئاندىن ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشى ئادەتلەرگە ئۆزگەرتىشنىڭ يولىنى ئىزدەڭ.
مەن ئۆزۈم ۋە سىز ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1- تېز ئاچچىقلىنىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، رامىزاننىڭ ھۆرمىتى يۈزىسىدىن ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىشقا ئادەتلىنىڭ. بۇ، غەزەپلەنگەندە ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش ۋە ئۆزىڭىزنىڭ رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى خاتىرلەش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى غەزەب شەيتاندىن كېلىدىغان بىر سەلبىي ئادەت. بۇ يامان ئادەت سەۋەبى بىلەن كۆپلىگەن سەلبىي نەتىجىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما رامىزاندا شەيتانلارنىڭ باغلىنىدىغانلىقى(يەنى كۈچسىز قالىدىغانلىقى)توغرۇلۇق ھەدىسلار بار. بۇ پۇرسەت بىزنىڭ ئاچچىقلانغاندا ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىشنى ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن ئايرىم بىر پۇرسەت.
2- ئەگەر سىزنىڭ تاماكا چېكىدىغان يامان ئادىتىڭىز بولسا، رامىزان ئېيى سىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت. رامىزاندا تاشلىغىلى بولمىغان يامان ئادەتلەرنى باشقا ۋاقىتلاردا تاشلاش تېخىمۇ قىيىن، بەلكى مۇمكىن ئەمەس. رامىزاندا يېمەك – ئىچمەك ۋە نەپسنىڭ بارلىق ئىستەكلىرىنى كۈندۈزى تاشلاش پۇرسىتى بىلەن ئىپتاردىن كېيىنمۇ، سەبىر قىلىپ، چىن ئىرادە باغلاپ تاماكىغا يېقىنلاشماسلىق كېرەك. تاماكا خومارى ئەگەر ئىنسان چىداملىق بولسا، بىر قانچە مىنۇت داۋام قىلىپ ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان بىر خومار. تاماكا ئىستىكى كەلگەن چاغلاردا دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋاقىتلىق قىينىشىدىن قۇتۇلالايسىز. خومار تۇتقان ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل قىلىش ئەڭ ياخشى چارىدۇر. مۇندىن باشقا تاماكىنى قەتئىي ئويلىماسلىق، ئېسىگە كېلىپ قالغان ھامان پىكىرنى باشقا ياققا قارىتىش، ئولتۇرغان بولسا ئۆرە تۇرۇش ياكى ئەكسىنى قىلىش قاتارلىقلارمۇ سىزگە ياردەمچى بولىدۇ.
3- ئەگەر سىزنىڭ يالغان ئېيتىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، رامىزاندا يالغان ئېيتىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلىرىنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاڭ. رامىزاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۆمرىڭىز ئىچىدە قەتئىي يالغان سۆزلىمەسلىك نىيىتى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشقا بەل باغلاڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ساھابىلار «يارەسۇلەللاھ! مۆمىن ئادەم ئوغۇرلۇق قىلامدۇ؟»دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:«ھەئە»دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ئۇلار«مۆمىن ئادەم ھاراق ئىچەمدۇ؟»دەڭ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھەئە»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن ئۇلار « مۆمىن ئادەم يالغان سۆزلەمدۇ؟»دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ياق! مۆمىن ئادەم يالغان سۆزلىمەيدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن. يالغان ئېيتىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىس يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن.
4- ئەگەر سىزدە كىشىلەرنى ئالدايدىغان يامان ئادەت بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»دېگەن سۆزىنى، ئۆزىڭىزنىڭ شاراپەتلىك رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى، رامىزاندا كىشىلەرنى ئالداشنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئالدىغاننىڭ گۇناھىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلاڭ. چۈنكى رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى قۇرئان كەرىم ۋەپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەت بولغىنىدەك، پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە، رامىزاندا ئىشلەنگەن يامانلىقلارنىڭ گۇناھىنىڭ باشقا ئايلاردىكىدىن ئەلۋەتتە ئېغىر بولىدىغانلىقىغا بىردەك ئىتتىپاقتۇر.
رامىزان ئېيى گۇناھ ئىشلەش ئېيى ئەمەس، بەلكى تائەت – ئىبادەت ئېيىدۇر. مۇنداق بىر ئايدا گۇناھ ئىشلىگەنلەر بۇ ئاينىڭ قانۇنىيىتىگە ۋە تەقەززاسىغا خىلاپ بىر ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەبلىكمۇ ئېغىر گۇناھكار بولۇشقا لايىقتۇر.
5- ئەگەر سىزدە، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سەلبىي ئادەت بولسا، ئۇنى تاشلاپ، ياخشى ئادەتلەرگە ئۆزىڭىزنى كۆندۈرۈشكە بەل باغلاڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ« سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئەھلىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر» ۋە « بىراۋنىڭ پەرزەنتلىرىنى زايا قىلىۋېتىشى ئۇنىڭ گۇناھكار بولىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر» دېگەن ھەدىسلىرىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ شەپقىتى، رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى ياغىدىغان ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى، بۇ ئاينىڭ ياخشىلىق قىلىش ئېيى ئىكەنلىكىنى قايتا ئەسكە ئېلىڭ.
6- ئەگەر سىزدە، قۇرئاننى ئاز ئوقۇيدىغان ئادەت بولسا ياكى ئوقۇشنى بىلمىسىڭىز، رامىزان ئېيى سىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت. چۈنكى رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈشكە باشلىغان ئاي، شۇڭا بۇ ئاي ئىسلام ئەھلىنىڭ نەزەرىدە«قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئېيى»دەپ ئاتىلىدۇ. رامىزان ئېيىدىغان قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، كۆپ دۇئا قىلىش كېلىدۇ. بۇ ئۈچىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قۇرئان ئوقۇش ياكى ئۆگىنىشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن رامىزان ئېيىدەك ياخشى پۇرسەت بولمايدۇ. قۇرئاننى كۆپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق. رامىزان ئېيىدا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش ھەقىقەتەن چوڭ بىر غەلىبە ۋە رامىزاندىن ئالغان ئەڭ قىممەتلىك مول ھوسۇلدۇر.
7- ئەگەر سىزدە، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان، مەسجىدلەرگە ئاز چىقىدىغان سەلبىي ئادەت بولسا، رامىزان ئېيى سىزنى يىلنىڭ پۈتۈن ئايلىرىدا بەش ۋاخ نامازنى مەسجىدلەردە ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، رتمىزاننىڭ سىزنى ياخشى ئادەتلەرگە كۆندۈرىشى ئۈچۈن سىزدە شۇنداق قەتئىي نىيەت ۋە بوشاشماس ئىرادە بولىشى شەرت. ئۆزىڭىزنى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن رامىزاندا بەش ۋاخ ناماز ۋە تاراۋىھ نامازلىرى ئۈچۈن مەسجىدكە ھەر كۈنى ھازىر بولۇشنى ئالدىنقى شەرت دەپ بىلىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشەتلىك ئىسسىقىدا ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىداش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغان بەتتە خىل كىشىنىڭ ئىچىدە« قەلبى مەسجىدكە تەئەللۇق بولغان(يەنى جامائەت نامىزىدىن قېپ قالمايدىغان) كىشى»دەپ سانىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭ.
8- ئەگەر سىزدە، بېخىللىق، خەير – ساخاۋەت قىلمايدىغان ياكى ئاز قىلىدىغان سەلبى ئادەت بولسا، رامىزان ئېيىنىڭ بەرەكەت ئېيى ئىكەنلىكىنى، « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئېدى. بولۇپمۇ رامىزاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەير – ساخاۋەت قىلىشقا ئالدىراشتا ئەۋەتىلگەن شامالدىنمۇ بەك تېز ئىدى»دېگەن ھەدىسنى ئەسكە ئېلىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشىلىققا باشقا ئايلاردىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب ۋە بەرىكەت بېرىدىغانلىقىنى خاتىرلەڭ. ئۆلىمالار قۇرئان كەرىمدىكى« قەدىر كېچىسى ساۋاب ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر»دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ، رامىزان ئېيىدا قىلىنغان بىر ياخشىلىققا مىڭ ھەسسە ئارتۇق ساۋاب يېزىلىدىغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشقان. بۇ نېمىدېگەن كارامەت – ھە. بۇنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن بىر ئاي رامىزان ئازلىق قىلىدۇ.
9- ئەگەر سىزدە، ئۇرۇغ – توغقانلار ئارا سىلە – رەھىم قىلىشماسلىق، خوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتمەسلىك، ئومۇمىي مۇسۇلمانلار بىلەن سۆيگۈ – مۇھەببەت ئىچىدە بولماسلىقتەك سەلبىي ئادەتلەر بولسا، رامىزاندىن ئىبارەت بۇ تەربىيىلىنىش كۇرسىنىڭ سايىسىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىدا« سىلە – رەھىم مېنىڭ رەھىم سۈپىتىمدىن كەلگەن. كىمكى ئۇنى داۋام قىلدۇرىدىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭغا شەپقىتىمنى داۋام قىلدۇرىمەن. كىمكى ئۇنى ئۈزۈپ قويىدىكەن، مەنمۇ شەپقىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويىمەن» دېگەن سۆزىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « خاپىلىقلىرى تۈپەيلى خوشنىلىرىغا ئارام بەرمەيدىغان ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ» ۋە « مۆمىن دىگەن؛ كىشىلەرگە تىلى ۋە قولى بىلەن زىيان يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر»دېگەن ھەدىسلىرىنى ئەسكە ئېلىڭ. رامىزان ئېيىنىڭ بىرلىشىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى، ئىناقلىقىنى ئىزھار قىلىش ئېيى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايدىكى سان – ساناقسىز نېمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىڭ.
10- ئەگەر سىزنىڭ بىراۋغا ئاداۋىتىڭىز بولسا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايدىكى چەكسىز كەچۈرۈمچانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىراۋغا ئۈچ كۈندىن كۆپ ئاداۋەت تۇتۇشى ھارامدۇر»دېگەن سۆزىنى، رامىزان ئېيىدا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كەچۈرۈمچانلىقنى، كەڭ قورساق بولۇشنى ۋە ئىناقلىقنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ ھەممە بىرلىكتە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى، رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىنى تىلەش يولىدا ئىلگىرلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى دۇئالارنى ئورتاق قىلىش بىلەن ھەممىگە ياخشىلىق سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈڭ. ئاندىن سىزمۇ شۇ مۇسۇبمانلاردىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزگە يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرىۋېتىڭ. سىزنى سۆيمىگەنلەردىن سۆيگۈ – مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ. سىزگە بەرمىگەنلەرگە بېرىڭ. سىزگە سالام قىلمىغانلارغا ئاۋۋال سالام قىلىڭ. سىزگە يامانلىق تىلىگەنلەرگە سىز ياخشىلىق تىلەڭ. بۇ نەپسكە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلار. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ئەجرى، ساۋابى ۋە دەرىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرىدۇر. سىز بۇ ئەسنادا، پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، قەۋملىرىنىڭ ئازارلىرىغا، مەسخىرىلىرىگە ۋە ئازابلىرىغا قارشى ئۇلارغا ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت تىلىگەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە فەتھى بولغان كۈنىدە، بۇرۇن ئۆزىنىڭ بېشىغا تۆگىنىڭ ئىچى قېرىنلىرىنى ئارتىپ قويغان، ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇرۇپ قورسىقىدىكى بالىسىنى چۈشۈرىۋەتكەن ۋە ساھابىلارنى قىيناپ ئۆلتۈرگەن ۋەھشىي جىنايەتچىلەرنى ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇپ كەچۈرىۋەتكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىڭ. بىز ئەنە ئەشۇ ئالىيجاناپ پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىتىمىز. ئەگەر راستىنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى بولىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشىمىز لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلشىمىز تەسكە توختايدۇ.
قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم! يۇقىرىقى 10 تەۋسىيە مېنىڭ ئاللاھ تائالا رازىلىق ئۈچۈن ئىسلام مىللىتىگە خىزمەت قىلىش يولىدا سىزگە سۇنغان تەكلىپلىرىم. بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم. پايدىلىنىشىڭىزغا ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىت بىلەن يازدىم. سەۋەنلىكلىرىم بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن قىلغاي ئامىين. قەلىمىمنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇد، دۇئا ۋە سالاملار يوللاش بىلەن توختاتتىم
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-11, 17:54

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( لاچىن )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-11 21:59 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لاچىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلقاينار
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2578
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 393
شۆھرىتى: 4070 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4220 دوللار
تۆھپە: 6 ھەسسە
ياخشى باھا: 474 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۆپ جاپا تارتىپسىز ئۇلۇغ ئاللاھ  مۇبارەك قوللىرىڭىزغا مەڭگۈ دەت بەرمىسۇن ،
xukran
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 08:38 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلقاينار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

uylove
سەۋسەبىن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1059
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 314
شۆھرىتى: 3265 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4170 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 321 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ  سۆزلەرگە  چېن  دىلىمدىن  ،  خۇشاللىق  بىلەن  تەستىق  سالىمەن  .    ئاللاھ   ھەممىمىزنى  ھىدايەت  يولىدىن  ئايرىمىسۇن !
رەھمەت  سىزگە  !  
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 11:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 576
شۆھرىتى: 5780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5779 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 585 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سىزگە كۆپ رەھمەت. شۇنداق جاپا چېكىۋاتىسىز،ئاللاھ ئىككىلا دۇنيالىقىڭىزنى ئەزىز قىلسۇن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 16:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

uylove
كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 849
شۆھرىتى: 8595 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8650 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 871 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 322(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى تەۋىسىيلەركەن.  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 19:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 801
شۆھرىتى: 8080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8190 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 844 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

   كوپ رەخمەت . جاپا تارتتىڭىز
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 23:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

تەتۈرى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1586
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 139
شۆھرىتى: 1450 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1450 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 170 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

لاچىن  ئەپەندى  بەكلا  ياخشى  تىمىلارنى  يوللايسىكەنسىز   ئاللا  رەھمەت  قىلسۇن  
مىنىڭ  چچ رىم  غا  خەت  يىزىڭ  مەن  سىز  نى  بەك  ساقلاپ  كەتتىم
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 00:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تەتۈرى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 828
شۆھرىتى: 8335 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8430 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 843 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 329(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ساھابىلار «يارەسۇلەللاھ! مۆمىن ئادەم ئوغۇرلۇق قىلامدۇ؟»دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:«ھەئە»دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ئۇلار«مۆمىن ئادەم ھاراق ئىچەمدۇ؟»دەڭ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھەئە»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن ئۇلار « مۆمىن ئادەم يالغان سۆزلەمدۇ؟»دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ياق! مۆمىن ئادەم يالغان سۆزلىمەيدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن


ھەمشىرەم ماڭا بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 16:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا