hantagri illikdunya.biz sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 31
يازما سانى : 2414
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 629(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  

                      مېھماندارچىلىق تۇرمۇشىمىزدا مېھماندارچىلىق دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. مېھماندارچىلىق ئادەتتە خىلمۇ- خىل تۈس ئالغان بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىشىلەر بىر- بىرىگە بولغان يېقىنچىلىقنى، مېھماندۇستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىزدە «چاقىرماقنىڭ ئېتى ئۇلۇغ»دەيدىغان گەپ بار. بىرەر مۆرىتىنى كەلتۈرۈپ مېھمان چاقىرغاندا، شۇنىڭغا يارىشا تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەييارلىق ئىشلىرى مېھماندارچىلىقنىڭ كۆلىمى، ساھىبخاننىڭ شەرت- شارائىتى ۋە مېھمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ، ئاندىن كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلىدۇ. ھەر ئېھتىمالنى كۆزدە تۇتۇپ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلمىغاندا، مېھمانلارنى رازى قىلالماي سوز- چۆچەك ئوبيېكتى بولىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ . مېھماندارچىلىقتا ئۇشتۇمتۇت كەلگەن «مېھمان» نى ئۇزىتىش نىسبەتەن ئاسان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۆيدە بارىنى داستىخانغا قويسا، مېھمانمۇ خاپا بولمايدۇ، ئۆي ئىگىسىمۇ ئانچىۋالا ئوڭايسىزلىق ھېس قىلمايدۇ. « ياخشى مېھمان ئاش ئۈستىگە كېلەر» دېگەندەك، ئۆزىمىز نېمىنى يېسەك«مېھمان» ىمىزغا شۇنى بەرسەك بولېۋېرىدۇ. لېكىن، ئاتايىن چاقىرغان مېھماننى بولسا ئۇنداق ئاسان ئۇزاتقىلى بولمايدۇ. دىمەك، بۇنىڭدا ساھىبخان ھەم مېھمان رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر يۈرۈش ئەدەپ- قائىدىلەر بولىدۇ. ساھىبخان ئۆزى خالاپ مېھمان چاقىرغان ئىكەن، تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:

1- مېھماندارچىلىقنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئەتراپلىق ھەم يېتەرلىك تەييارلىق قىلىش؛

2- سورۇن ياكى ئۆينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ سانىنى بېكىتىش؛

3- قونىدىغان مېھمانلار بولسا، ياتىدىغان يەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش؛

4- مېھمانلار كەلگەندە پاكىز، رەتلىك كىيىنگەن ھالدا ئالدىغا چىقىپ، ئىززەت- ئىكرام بىلەن خۇش چىراي قارشى ئېلىش، گەپ- سۆزدە سەمىمىي، ئېھتىياتچان بولۇش؛

5- مېھمانلار مېھمانخانىغا جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە قولىغا سۇ بېرىپ، ئاندىن داستىخان سېلىش؛

6- مېھمانلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ئۈچۈن داستىخانغا يېمەك - ئىچمەكلەرنى كەڭتاشا تىزىش، دىققەت قىلىش كېرەككى، داستىخاننى ئىككى بۆلەك قىلىپ سېلىپ، ئوتتۇردا «كۈتكۈچى»ماڭغۇدەك جاي قويۇش، بۇنىڭغا ئامال بولمىغاندا، يېمەك - ئىچمەكنى ئۆز ئارا سۇنۇشۇپ يۈرۈشتۇرۇش، داستىخاندا « يۈگۈرۈپ يۈرۈش»تىن ھەزەر ئەيلەش، چۈنكى پۇتتا پايپاق ياكى مەسە بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇ يەنىلا يەرگە دەسسەيدىغان، سېسىق تەر چىقىرىدىغان ئەزادۇر؛

7- ئېھتىياتسىزلىقتىن چاي- غىزا تۆكۈلۈپ كېتىدىغان ياكى پىيالە- تەخسىلەر سۇنىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا،ساھىبخان چىراي ئۆزگەرتمەسلىك، بەلكى«ھىچقىسى يوق»دىيىش ئارقىلىق«ۋەقە» سادىر قىلغۇچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش؛

8- چۆمۈچ قازانغا، قوشۇق تاۋاققا ئاۋازلىق تېگىدىغان، بالىلارغا ۋارقىرايدىغان، ھايۋانلارنى تىللايدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش؛

9- مېھمانلارغا ھاجەتخانا ۋە ئىستىراھەت ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش؛

10- پۇت- قولىنى چاققان قىلىپ، مېھمانلارنى كەچ قويماي ۋاقتىدا ئۇزىتىش، شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا، كېتىشتىكى قاتناش مەسىلىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ، مېھمانلارغا بولغان تېخىمۇ چوڭ ھۆرمەت ھېسابلىنىدۇ .

                  مېھمانلار تۆۋەندىكى ئەدەپ- قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

1- چاقىرغان يەرگە ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بېرىش، بارالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ساھىبخانغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش؛

2- چاقىرىلغان كىشى ئۆزى بېرىش، «قۇيرۇق»سۆرەيدىغان، بولۇپمۇ بالىلارنى ئەگەشتۈرۈۋالىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق؛

3- ساھىبخان ۋە باشقىلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈش، كۆرسىتىلگەن ئورۇندا ئولتۇرۇش، ئۆزىدىن چوڭلارنى كۆرگەندە سۈرۈلۈپ
ئورۇن بوشىتىپپ بېرىش؛

4- قولىغا سۇ بېرىلگەندە قول ئېرتىشتىن ئىلگىرىكى سۇ قالدۇقىنى چىلاپچىغا ئېقىتىش، ئالدىراپ قولنى تارتىۋېلىپ گىلەم- كۆرپىگە ئېقىتماسلىق، سىلكىمەسلىك؛

5- غىزا كەلتۈرۈلگەندە تۆردىكىلەردىن بۇرۇن قول ئۇزاتماسلىق، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى مېۋە- چېۋە ېە يىمەكلىكلەرنى ئالماسلىق؛

6- يېمەكلىكلەرنى ئاۋازلىق ۋە ئېچىرقاپ كەتكەندەك ئالدىراش كەيپىياتتا يېمەسلىك، بەلكى ئۆز ئارا «ئالسىلا- باقسىلا» دېيىشىپ ، ئىنسانلىق پەزىلىتىنى ساقلاش؛

7- داستىخاندا گەپدانلىق قىلماسلىق،«ساقال»تاشلىماسلىق، شۇنداقلا سۆز نۆۋىتى كەلگەندە جىم تۇرۇۋالماي، ئۆز لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇش؛

8- ساھىبخاننى ئالدىراتماسلىق ھەم ئىختىيارىچە كەتمەسلىك، يېمەك - ئىچمەك توغرىلىق سورۇنىدا ئېگىز- پەس گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش؛

9- ئۇزاتقاندا چىرايلىق«رەھمەت»ئېيتىپ خوشلىشىپ قايتىش ۋەھاكازالار.

                                       مەنبە: بىلىك كۇلۇبى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-26 00:53 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 576
شۆھرىتى: 5780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5779 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 585 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەجەپ تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، بىلىۋېلىشقا تېگەىشلىك پايدىلىق تىمىكەن.
مۇنبەردىكى ئاياللار كۆپرەك كۆرۈڭلار.
xukran
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-28 06:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا