hantagri
مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 124
شۆھرىتى: 1415 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1730 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 231 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن كىتاپقا تولىمۇ ئامراق، شۇڭلاشقا بىكار بولساملا كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ تۇرىمەن. يېقىندا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە يېڭى نەشىردىن چىققان مەلۇم بىر كىتاپنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ناھىيە  مەركىزىدىكى xxx كىتاپخانىسىغا كىرىپ قالدىم. شۇنچە چوڭ،ئازادە كىتاپخانىدا كىتاپ ساتقۇچىنى قوشقاندا ئاران 5 ئادەم باربولۇپ، تولىمۇ جىمجىت ئىدى. يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز نى ئېسىل ، بىباھا كىتاپلار ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى،ئىختىيارسىز ئەگەر پۇلۇم جىق بولغان بولسا ھەممىنى ئۆزەم سېتىۋالاركەنمەن دەپ كەتتىم. شۇ
ھامان كۆز ئالدىمغا قايسى  كۈندىكى بىر ئىش كەلدى؛
 ئۇ كۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن جىددى كۆرۈشمەكچى بولۇپ تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇن ئۇلانمىدى. سۈرۈشتۈرسەم مەلۇم  قاۋاقخانىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاۋاقخانىغا بېرىشقا توغرا كەلدى، ئىشىك ئالدىغا كەلسەم بۇسۇغا تۈۋىدىلا بىرسى ئاغزىغا قولىنى تىقىپ ياندۇرغىلى تۇرۇپتۇ،قۇلۇم بىلەن بۇرنۇمنى تۇتۇپ ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدىم ، تېخى كۈندۈز بولۇشىغا قارىماي شۇنچە كۆپ ئايرىمخانىلار ئادەم بىلەن لىق تۇشۇپتۇ، قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ بۇلارنىڭ دەپ ئويلاپ قالدىم . قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئاچچىق تاماكا ئىسلىرى بىلەن قاڭسىق ھاراق بۇسى ئارلاشقان بىر بەتبۇي پۇراق كىشىنىڭ دىمىغىنى ئېچىشتۇراتتى. تېخى بىر ئايرىمخانىدىن دۇتتار،تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ، ئاھاڭىنى بۇزۇپ ئالا-تاغىل ئۆچكىدەك مەرىشىپ  ئېيتىۋاتقان ‹‹دىككا-دىككاڭ زورىخان››دېگەن ناخشا ئاڭلىنىۋاتاتتى.  ھېلىقى ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشۈپ،ئىشىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن،سورۇندا ئولتۇرۇشقا قىلغان تەكلىپلىرىگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، ئاران سىرىتقا چىقىۋالدىم ۋە ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم... ... ...
شۇ كۈنى كىتاپخانىدىن چىقىپ  ئۆيگە قايىتقۇچە، كوچا دوقمۇشىدىكى قاچانلا قارىسا توپلىشىپ قارت ئوينايدىغان بىكار تەلەپلەر ،ھەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) لارغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ-چىقىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئويلاپ قالدىم، مۇشۇلار بېھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتى، پۇللىرىدىن ئازراق سەرىپ قىلىپ ،كىتاپخانىلارغا كىرىىپ قويسا، بىرەر كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويسا ئوشۇق كېتەمدىغاندۇ دەيمەن؟! ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ ،پەرزەنىتلىرىنىمۇ بولسا ئويلاپ قويسىچۇ؟!... ... ... ...
 مەن خەلقىمىزنى كىتاپ ئوقۇمايدۇ دېمەكچى ئەمەس ، خەلقىمىز كىتاپ ئوقۇيدۇ ،خەلقىمىز ئىلىمخۇمار ، كىتاپخۇمار ،تىرىشچان خەلىق .جاھانغا مەشھۇر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان .بىراق،  ھازىر ھەقىقەتەن خىلى كۆپ قىسىم كىشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ،قاۋاقخانىلاردا مەس-ئەلەس، بىھۇدە ئۆتكۈزمەكتە ، مىڭبىر جاپالاردا قىينىلىپ تاپقان ،بىر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا كۆزى قىيمايدىغان پۇللىرىنى بىھۇدە بۇزۇپ چاچماقتا ...مۇشۇنداق كۆز يۇمغۇسىز بىر ھەقىقەت ئازراقلا ۋىجدانى بار ھەر بىر ئەقىل ئېگىسىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە؟!!!... ... ... ...
ھەممىمىزگە مەلۇم، تارىختا ئۆچمەس شان-شۆھرەتلەرنى قالدۇرغان ئىجتىھاتلىق ، پەم - پاراسەتلىك ،ئىشچان ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە ئەزەلدىن ئىلىم - مەرىپەت ، يېڭى بىلىملەرنى  ئۆگىنىشنى ،   ھورۇنلۇق ،قاششاقلىق ، ئىسراپخورلۇق،مەيخورلۇق ،بۇزۇقچىلىقتىن نېرى قېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .ئۇلار بىزگە نۇرغۇن ئېسېل ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرغان ؛ مەسلەن ،‹ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ›،‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ›، ‹جاھاندا بىلىمدىن قىممەتلىك بايلىق يوق ›،‹بىر كىتاپ ئوقۇساڭ بىر سەر ئەقلىڭ قوشۇلار›...دېگەندەك . دوسىتلار ،ئۇنداق قىلمايلى، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەيلى، قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋە پۇل - بايلىقىمىزنى ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى .بىكار بولساق ،ئۆزىمىز ، مۇمكىن بۇلسا باللىرىمىزنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويايلى .ئېسىل ، تەۋەررۈك ، دۇردانە كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ قالمىسۇن .كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، قەلبى جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە قالمىسۇن !
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-04 10:45 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 705
شۆھرىتى: 7195 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 16258 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 715 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلەر بوپتۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 13:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇقام
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 552
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 393
شۆھرىتى: 3975 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4100 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 414 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 147(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىمىسىمۇ جەمىيەت ھازىر...........................ھەي......
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 13:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇقام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سەۋسەبىن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1059
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرىتى: 1045 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1650 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 108 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ كۆڭلىگە ئىنسىاپ بەرسۇن !  ئۆزىنىڭ ھىدايەت يولىغا باشلىغىلى نېسىپ  قىلسۇن ئاشۇنداق يولىدىن ئازغانلارنىڭ.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 13:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

قىران

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 496
شۆھرىتى: 5145 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6072 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 547 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ سۇئالنى كىمدىنلا سورىماڭ ھەممەيلەن ئورتاق بىرلا جاۋابنى بىرىدۇ .ھاراقتىن كىتاپ مۇھىم دەپ.ئەپسۇسلىنارلىقى پۇلغا كىتاپ سېتىۋېلىپ ساقلايدىغانلار ياكى كۈتۈپخانىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىغانلار بەكمۇ ئاز.سەۋەبىنى سورىسىڭىز سەۋەب بەك جىق .
مەن ئاڭلىغان سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ باقتىم ،ھەممىسى باھانە .
بىر تالنى ئاز ئىچىپ بىرەر پارچە كىتاپ سېتىۋېلىشنى ،بىر قۇر كىيىمنى ئاز كىيىپ كىتاپ سېتىۋېلىشنى ئويلايدىغانلار بەك ئاز.
بەزىلەر سائەتلەپ ھاراق سورۇندا ئولتۇرۇشقا ،كەچكىچە غەيۋەت قىلىشقا ،بازار ئايلىنىشقا ،چ چ دا مۇڭدۇشۇشقا ۋاقتى يىتەرلىك بار كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقتى يوق.
1. باھانە ۋاقتىم يوق.
بەزىلەرنىڭ ئەتىگەندىن كەچكۈچە تىلۋۇزۇر كۈرۈشكە كۈرۈش قۇۋۋىتى يىتەرلىق بار.كىتاپ كۆرسە كۈزى بۇلالمايدۇ.
2.باھانە كۈزۈم ياخشى ئەمەس.
بەزىلەر كىچىلەپ ئۈن-سىن لىنىتىسىنى كۆرسە ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ ،دوسىتلار ئولتۇرۇشلىرىدا ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ ،كىتاپنى قولىغا ئالسىلا ئۇيقۇسى كىلىپ كىتىدۇ.
3.باھانە كىتاپ ئوقۇساملا ئۇيقۇم كىلىپ كىتىدىكەن.
كىتاپنىڭ باھاسى بەك قىممەت بىلىنىدۇ مال باھاسى قىممەت شۇنداقلىقىغا باقماي كىيىملەرنى قەرىز قىلىپ كىيىدىغانلار ،بىر كۈندە نەچچە ئون يۇەنلىك تاماكۇ چىكىدىغانغا ،ھاراق ئىچىدىغانغا چىدايدۇ  . كىتاپ ئېلىشقا كۈزى قىيىمايدۇ .
4.باھانە كىتاپنىڭ باھاسى بەك قىممەت.
بەلكىم بۇ باھانىلەر باھانە ئىگىسى ئۈچۈن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بۇلۇشى مومكىن .
ھەر قېتىم ئۈيۈمدىكى كىتاپ جازىلارغا تىزىلغان كىتاپلىرىمنى كۆرسەم ئۈزەمنى بەكمۇ باي مىليونىردەك ھىس قىلىمەن.
مۇئاشنى ئالغان كۈنۈمدە كىتاپخانىغا كىرىپ بىر نەچچە پارچە كىتاپ سېتىۋالغان ۋاقتىمدا كىتاپخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھۆرمەت نەزىرىدە بېقىپ كىتاپنى ئوراپ بەرگەن ۋاقىتتا ئۈزەمنى ھەقىقى خۇجايىندەك ھىس قىلىمەن.
باللىرىم شەھەرگە كىرگەنلىرىدە كىتاپخانىغا كىرمەستىن قايتىشقا ئۇنىمايدۇ ،يىققان پۇللىرىغا كىتاپ سېتىۋالغاندىكى خۇشاللىقلىرنى كۆرگىنىمدە بولسا ئۈزەمنى تىككەن كۈچىتى مىۋە بەرگەن ھەقىقى بىر باغۋەندەك ھىس قىلىمەن .
ھەر قېتىم بايرام-خاتىرە كۈنلەردە سوۋغات ئۈچۈن كىتاپ تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا ئۈزەمنى بەكمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىمەن.
ئائىلەمنىڭ كىتاپ كۈرۈش ،كىتاپ سېتىۋېلىش ،ساقلاش ئەنئەنىسىنى مەڭگۈ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باللىرىمغا ئۈگۈتۈش ،ئۆلگە بۇلۇش مىنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇيۇم .
dital
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 14:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

قىران

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 496
شۆھرىتى: 5145 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6072 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 547 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىنى ئۇنۇتماڭ!!!!
katip
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 14:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۈلقىز

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 573
شۆھرىتى: 5815 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5970 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 593 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىقىراننىڭ2010-09-04 14:06دە يوللىغان يازمىسى  :
بۇ سۇئالنى كىمدىنلا سورىماڭ ھەممەيلەن ئورتاق بىرلا جاۋابنى بىرىدۇ .ھاراقتىن كىتاپ مۇھىم دەپ.ئەپسۇسلىنارلىقى پۇلغا كىتاپ سېتىۋېلىپ ساقلايدىغانلار ياكى كۈتۈپخانىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىغانلار بەكمۇ ئاز.سەۋەبىنى سورىسىڭىز سەۋەب بەك جىق .
مەن ئاڭلىغان سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ باقتىم ،ھەممىسى باھانە .
بىر تالنى ئاز ئىچىپ بىرەر پارچە كىتاپ سېتىۋېلىشنى ،بىر قۇر كىيىمنى ئاز كىيىپ كىتاپ سېتىۋېلىشنى ئويلايدىغانلار بەك ئاز.
بەزىلەر سائەتلەپ ھاراق سورۇندا ئولتۇرۇشقا ،كەچكىچە غەيۋەت قىلىشقا ،بازار ئايلىنىشقا ،چ چ دا مۇڭدۇشۇشقا ۋاقتى يىتەرلىك بار كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقتى يوق.
1. باھانە ۋاقتىم يوق.
.......

ھەي ئاۋۇ سۆزلىرىڭزدىن مۇنبەردە ئىسمىڭىزنى خاتا يېزىپ كىرىپ قالدىڭىزمۇ دىگۈم كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ قىرانجان؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 17:42 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

قىران

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 496
شۆھرىتى: 5145 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6072 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 547 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەي ئاۋۇ سۆزلىرىڭزدىن مۇنبەردە ئىسمىڭىزنى خاتا يېزىپ كىرىپ قالدىڭىزمۇ دىگۈم كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ قىرانجان؟


سىزچە ئىسىم ماڭا ماس كەلمەپتىمۇ قانداق؟
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 18:35 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يارايمەن
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 1078
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرىتى: 495 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 671 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 53 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىراننىڭ مۇلاھىزىسى كىشىنى  ئويغا سالدىكەن ھەم قايىل قىلىدىكەن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-05 18:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يارايمەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 306
شۆھرىتى: 3085 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3310 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 320 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 119(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا ھازىر كىتاپ ئۇقۇي دىغانلار  بەك ئاز
بېيجىڭدىكى پايتاخىت كىتاپخانىسىغا باردىغان بۇلسىڭىز ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن بېشىڭىز قېيىپ كىتىدۇ
بۇ 5قەۋەتلىك بىنانىڭ كۇتىپ خانىسىدىلام ئەمەس  كىتاپ خانىسىدىمۇ ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن جۈمە كۈندىكى كونىشە بازىرىدىكى مىغ مىغ ئادەملەرنى ئىسىمگە سالىدۇ
چۈنكى بۇيەدە رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، ساپاسى يۇقلار ،بىلىىمى  يۇقلار ،بۇجەمىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ،ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەن چۇقۇم  قۇساقتا ئۇمۇچى بۇلىشى كېرەك ،
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-10-18 18:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادىي ئەسەرلىرى

ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا