hantagri
شەخلا

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 311
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 541
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 385(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسلىمە
بۈدرە چاچلىق ئۇماق قىز،
زەپمۇ يۇغان ھالىڭىز.
يامان كەتمەس تۆنۇشساق،
ئۇينى نەدىن سۇرايمىز.

ئالدىمغا ئايرۇپىلان شەكىلدە قاتلىنىپ ئۇچۇپ چۈشكەن قەغەزدىكى بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ،ئىتتىك ئەتراپىمغا قارىدىم ،،
سىنىپ ئىچىدە مۇئەللىمنىڭ دوسكىغا كىتىرلىتىپ خەت يازغان  ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز يوق،،،
ھەيرانلىق بىلەن ساۋاقداشلانىڭ چىرايىغا دىققەت بىلەن قاراشقا باشلىدىم ،،،
تۇيۇقسىز پارتامغا يەنە شۇنداق راكىتادىن بىرسى قوندى،
-ئابدۇللا تۇرە ،
ئۇيغۇرچىنى ئانا تىلىدەك سۆزلەيدىغان بۇخەنزۇ مۇئەللىم تۇنجى سائەتلىك دەرسىدىلا مەندە باشقىچە ھۇرمەت تۇيغىسى ئويغىتىۋاتاتتى،،،
-ھە سىنى دىدىم ،، تۇرە !
ئارقا تەرەپتىراق بىرسى ئاستا ئورنىدىن قۇپتى،
ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتى،،
-نىمە ئايرۇپىلان ھەيدەپ يۇرىيسەن ،قاچانىراق قۇناي دەيسەن ،
-ئايرىدۇرۇمنى تاپقاندا قۇناي دىگەن شۇ،
-تاپالىدىڭما ؟
-تاپتىم ،تاپالمامتىكى..
-ئەمدى يەنە ئۇچامسەن ،
-ياق ،ئۇچمايمەن ئايرىدۇرۇمنى تاپقاندەك قىلىمەن ،،
-ئەمسە ياخشى جىم ئۇلتار ھە ئەمسە.
-خوپ ،،،
ھە باياتىنقى راكىتالا ئەسلى ئابدۇللا دىگەن بالىنىڭكەندە،،
كىملىگىنى بىلمەي تۇرىتىم مۇئەللىم ئوبدانلا كۆرسۈتۈپ قويدى ،،،
ئۇنىڭ يازغان قوشىقى ماڭا قىززىق تۇيۇلغان بۇلسا كىرەك ،، قەغەزنى تۈزلەپ

نادىرەدۇر نامىمىز ،
دوڭكۆۋرۈكتە ئۈيىمىز،
شە بالىسى بولساقمۇ ،
يۇغان ئەمەس ھالىمىز ،

دەپ يىزىپ قويدۇم ، تەنەپۇستە ئۇ ئاستا يىنىمغا كەلدى،، قىنى نىمە دەيدىكىن دەپ قاراپ تۇرسام ،،
-خان بايامقى ئايرۇپىلاننى بېرىۋىتىڭە دىدى ،
-ئىلىڭە مەڭ،،
قەغەزنى ئۇنىڭغا بەردىم ،ئۇ قاتلانغان قەغەزنى ئىچىپ مەن يازغان قۇرلاغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ كۈلۈپ كەتتى ،،
- ۋا . سىزمۇ ئانچە مۇنچە قاپىيە ئۇيناپ قۇيىسىزكەن -ھە،،
- مەن كۈلۈپ قويۇپ سىرتقا ماڭدىم ،ئۇمۇ ئارقامدىن دىگىدەكلا سۇڭدىشىپ كىلىۋاتاتتى، سىنىپ ئىشىكىدىن چىقىپ ئىككى ياققا قاراپ تۇرۇپ قالدىم ، راستىنى دىسەم ئوقۇتۇش بىناسىغا بۈگۈن تۇنجى كىرىشىم ،ھەممە مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش ئىدى ، تەتىلدىن بېرى ئۇخلاپ ئۈگۈنۈپ قىلىپ ئەتىگەن تاس قالدىم كىچىككىلى، ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سائەتكە قاراپ چۆچۈپ ۋاقىرۋەتكەنتىم يەنە 10 مىنۇتتىن كىيىن دەرىس باشلىناتتى،،شۇنداق ئالدىرىدىمكى ناشتىمۇ قىلماي دادامنى ئالدىرىتىپ ماشىنىنى ئاسما مايكىسى بىلەنلا ھەيدىتىپ مەكتەپكە ئاران كىلىۋالغان ئىدىم . مانا ھازىر شۇنچىلىك ئۇسساۋاتىمەن  تۇربىخانا نەدىكىن ،،،،
- تۇرۇپ قالدىڭىزغۇ ؟بىرەر يەنى ئىزدەمسىز نادىرە ،
-سۇ ئىچەي دىگەن ،، سۇخانا قاياقتا،
-جۈرۈڭ مەنمۇ شۇ يەگە بىر باراي دىگەن ،،
سۇخانا كارىدورنىڭ ئەڭ چىتىدىكەن ، مەن كىرىپلا تۇربىنى ئېچىپ يۈزلىرىمنى يۇيۇپ مۈزدەك شاقىراپ چۇشىۋاتقان سۇغا ئاغزىمنى تۇتتۇم،
ۋاھ - ما شە بالىسىنى تازا چاڭقاپسىز ھە ،
-ھە.
مەن قولياغلىقىم بىلەن يۈزلىرىمنى سۈرتكەچ سۇسلا جاۋاپ بەدىم ،
يەنە ئىچەمسىز .
ياق بولدى ،
ئەمدى نەگە باشلاي ،
سىنىپقا ،
بالدۇر تىخى مەكتەپ ھويلىسىنى كۆرمەمسىز ؟ باشلاپ چىقاي ،
چۇشتە كۇرىۋالامەن ،
مەيلى ئىختىيار ،، تونۇشۇپ قالىلى قاراڭ ،، بەرىبىر بىر سىنىپتا نەچچە يىل ئوقىغىدەكمىز، ئىسمىم ئابدۇللا ، يۇرتۇم غۇلجا ،،
غۇلجىلىق پوچى مەن دەڭە ،
ئايييييييي ئۇنداق دىمەڭ ،
راسقۇ ،،
بىز چاقچاقچى ، ئوچۇق -يورۇق كىلىمىز ،، لىكىن مەن پوچى ئەمەس جۇمۇ ،،
چۇشەندىم مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،،
سىنىپقا قايتىپ  كىردۇق ،،
                 *                  *                 *                   *
ھەپتە ئاخىرسىدا يىڭى ئوقۇغۇچىلانى كۈتىۋىلىش يىغىنى بۇلدى ، يىغىندىن كىيىن ھەر قايسى فاكولتىتلاردىكى كونىلار يىڭىلىرىنى باشقىدىن كۈتىۋالدى،
پائالىيەت شۇنداق ياخشى كۆڭۈلۇك ئۆتتى ،، قىزىقچىلىقتا قانداق كەچ بۇلۇپ كەتكەنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن ،، قارىسام سىرت قاراڭغۇ بۇلۇپ كىتىپتۇ ،
ئۆيگە قانداق قايتارمەن بۇ كەچتە . ئۈيۈم ئۈرۈمچىدە بۇلغاچقا ئاپام ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشۇمغا قەتئىي قۇشۇلمىغانتى ، كۈندە كەچتە ئۆيگە قايتاتتىم ،،
تازىمۇ بىر ئۇيۇن قىپىلىق قىلىپ ئولتارغىچە بالدۇراق ماڭمىغىنىمغا پوشايمان قىلدىم ،، ئەمدى ماڭمىسام ئاپتۇۋۇز توختاپ قالسا ئىشىم چاتاق ،
مۇئەللىمگە خوش دەپ قويۇپ سىرتقا چىقىشىمغا ئابدۇللامۇ بىللە چىقتى ،
قايتامسىز ..
ھەئە ..
مەن بىكەتكىچە ئاپىرىپ قۇياي ،
سىرت شۇنداق قاراڭغۇ ،، يەنە كىلىپ مەكتەپتىن بىكەتكىچە خىلى ئارلىق بار ،،
ئۆزەممۇ قورقۇپ تۇراتتىم شۇڭا تۈزۈت قىلمايلا ماقۇل بولدۇم ،
مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئۈنتۈنسىز ياندىشىپ ماڭدۇق ،
ئەتىراپ شۇنچە جىمجىت ،، سىنتەبىرنىڭ ئىزغىرىن شامىلى كىشىگە ھوزۇر بىغىشلايتتى ، بىكەتكە كەلگىچە بىرەر ئىغىزمۇ گەپلەشمىدۇق ،
بىكەتكە كىلىشىمىزگە ئەڭ ئاخىرقى ئارىبوس قۇزغالدى ،، شۇنچە ۋارقىرىساقمۇ  تۇختىمىدى،
ئەمدى قانداق كىتەرمەن .. ئاپامنىڭ ئاچىقتىن يېرۇلغۇدەك بولغان ئەلپازى كۆز ئالدىمغا كىلىپ قورقۇنىچ بېسىپ كەتتى،،

ئادەتتىغۇ بىرەر ئىشلادىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيتىم لىكىن مۇشۇ ئاپامنىڭ ئاچچىقى كەلسىزە پۇت- قولۇمدا جان قالمايتتى،بۈگۈنمۇ مېڭىپ بۇلسىمۇ ئۆيگە قايتىشىم كىرەك ، بۇلمىسا ئاپام تاناۋىمنى غىر تارتىۋىتىدۇ،
- بۇلدى رەخمەت سىزگە قايتىپ كىتىڭ ، دىدىم مەن ئابدۇللاغا،
-قاتناش تۇختاپتۇ ، مىڭىپ كىتەمسىز،
-ھە ، شۇنداق قىلمىسام بولمايدۇ، ئۆيگە بارمىسام  ئاپام ئاچچىقلايدۇ ، -
-بۇ كەچتە ئۆزىڭىز يالغۇز ماڭامسىز ؟
-ھەئە ، كېتىۋىرىمەن ،
-مەن ئاپىرىپ قويىمەن ،
-ياق بولدى ئاۋارە بۇلماڭ،
-سىزنى يالغۇز يولغا سىلىپ قويۇپ خاتىرجەم بولالمايمەن ،
-ئۆز يۇرتۇم نىمىدىن قورقاتـتىم ، چوڭ يولدا ماڭسام بىردەمدە بارىمەن ئۈيگە،
- بۇلدى خېنىم تۇلا پوچىلىق قىلماڭ مەن ئاپىرىپ قوياي دىگەنكىن ماڭمامسىز !
مەيلى ئەمسە ھىرىپ كەتسىڭىز مەندىن يامانلىماڭ ھە!
-يامانلىساممۇ ئىچىمدە بىلەمەن ،
- بۇلدى ئۇزەم كىتىۋىرەي  سىزنى يامانلاتقىم يوق،
-ۋاي چاقچاق،، دەپ قويدۇم ئەمدى ، قاچان مۇشۇنداق پۇرسەت كىلەركىن دەپ ئاران تۇرغان مەنمۇ ، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ماڭايلى ، يەنە ئاپىڭىز ئۇرىۋەتمىسۇن ،،
ئۇزەممۇ ئالدىراپ تۇرغاچقا ئارتۇق ئۇيلىمايلا ماڭدىم ،

ئايدىڭ كىچە ، جىمجىت كۆچا ، نۇرلىنىپ تۇرغان يول چىراقلىرى ،،،،
ئۈرۈمچىنىڭ سىنتەبىر كېچىلىرى شۇنچە سۆيۈملىك ،ئادەمگە شۇنداق بىر يىقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ،
تۇنجى قېتىم ئوغۇللار بىلەن بىللە مېڭىشىپ بولغاچقا ،، سەل خۇدىكسىرەپ ئابدۇللادىن بىر قەدەم كەينىدە كىلىۋاتاتتىم ،
ئۇ تۇيۇقسىز كەينىگە قاراپ،
-قولتۇقلىۋىلىڭە ،، دىدى ،
سەت تۇرامىكىن ،دىدىم مەن دەرھاللا ،
سەت تۇرمايدۇ نىمىشقا سەت تۇرغىدەك،
-يوق گەپنى قىلماڭ ،-دىدىم مەن غوددىراپ  ،
-يوق گەپ ئەمەس با گەپ.سىزنىڭ مىنى قولتۇقلاپ مىڭىشىڭىزنى چۈشۈمدىمۇ كۆرىمەن ،
دەرىس باشلانغان بىر ھەپتىدىن بۇيان ئابدۇللا يىنىمدىن نىرى كەتمەيتتى ، دەرىستىنمۇ چۈشىمىز ، ئۇ يىنىمغا كىلىۋالاتتى ، قىزىق يۇمۇر گەپلەنى قىلىپ مىنى  كۈلدۈرۈپ ئۈچەيلىرىمنى ئالماشتۇرىۋىتەتتى .
سىنىپتا ھالىمنى چوڭ قىلىپ باشقا ئوغۇللارغا چىراي ئاچمىغىنىم بىلەن ئابدۇللاغائۆزەممۇ بىلمەي يول قۇياتتىم ،،، ئۇنىڭ ماڭا قارىغان كۆزلىرىدىن نىمىنىدۇ سەزگەندەك قىلاتتىم ، مانا ھازىرمۇ چۈشنىڭ گېپى يۈرىكىمنى لەرزىگە سىلىۋەتتى ،
گەپ قىلىڭە !!
نىمە دەيمەن ؟
نىمىلا بۇلسا مەيلى ،
نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىمغۇ .
ئارىنى يەنە بىردەم جىمجىتلىق باستى ،بىردەمدىن كىيىن ئۇ تەستە دۇدۇقلاپ ئىغىز ئاچتى ، -
نا نادىرە ،
ھە
سىزگە بىر گەپنى دىسەم بۇلامدۇ ،-
دەڭ
لىكىن ئاچچىقلانمايسىز ھە،
ئاچچىقلانغىدەك گەپمىتى ،
ئۇنداققۇ ئەمەس لىكىن شۇ سىزنى ئاچچىقلاپ قالامىكىن دەيمىنا ،
دەپ باقمامسىز باشتا، ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتارمەن ،
مەن مەن،،،،
ھە سىز ،،،،كىكەچلىمەي گاچ گاچ گەپ قىلمامسىز ،
ئاغزىمدا شۇنداق دىگىنىم بىلەن كۆڭلىمدە ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدۇم ،
-مەن سىزنى ياخشى كۇرىمەن ،،،،

-ھا ھا ھا ھا .،،،مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتامسىز ،
-راست داۋاتىمەن ، سىزنى كۆرگەندىن بۇيان  ئۆزەمگە ئوخشىماي قىلىۋاتىمەن ، كۆڭلىمنى رەت قىلمىسىڭىز ،
ئۇنىڭ قەتئىلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىدىن چاقچاققا بۇرىسام بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ جىم تۇرىۋالدىم ،
بىردەمدىن كىيىن ئۇ يەنە ئىغىز ئاچتى،،
گەپ قىلمايسىزغۇ ،،
يەنە گەپ قىلمىدىم راستىنى دىسەم نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتىم ،، يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ قوللىرىم مۇزلاپ كىتىۋاتاتـتى،
تۇنجى قىتىم بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىۋاتقاچقا پىكرىم چىچىلىپ تەپەككۆرۇم قالايمىقانلىشىپ كەتتى  ،،
گەپ قىلمىسىڭىز سىزنى قوشۇلدى دەپ بىلىمەن ،
ياق ياق   مەن مەن   ئو،،،،،،،،،،،،
قانداق بولغىنىنى بىلمەيلا قالدىم بىشىم قايغاندەك بۇلدى ،، ئۆزەمنى سەزگىنىمدە بۇلسا مەڭزىمگە تەككەن ئوتتەك قىزىق نەپەسلەنى ،، گۈپۈلدەپ سوقىۋاتقان يۈرەك تىۋىشىنى شۇنداق يىقىندىن ھىس قىلدىم ،،،،،،،،،،،،،،،،
ئادەمسىز ئايدىڭ كىچىدە رەت قىلغۇسىز بىر ھالەتتە ئۆمرۈمدىكى تۇنجى يات لەۋلەرنىڭ مەڭزىمگە ئىز سىلىشىغا يول قۇيدۇم ،،
ياشلىقتىكى تۇنجى مۇھەببەت ماڭا شۇنداق تۇيۇقسىز نىسىپ بۇلدى، ئۆزەمنى يۇقۇتۇپلا قويدۇم ،، يول بۇيى بىر ئىغىز گەپمۇ قىلمىدىم ،،
ئۇمۇ جىمىپلا كەتتى ،، شۇنداق زۇۋانسىز مىڭىپ ئۆيگە قانداق كەلگىنىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن ،، دەرۋازا ئالدىدە يەنە شۇنداق ئۇن تۇنسىز خۇشلاشتۇق،،
ئۆيگە كىرىپ ئاپامنىڭ غەزەپتىن چەكچەيگەن كۆزلىرى تۇختىماي ياغدۇرىۋاتقان بىر خىل تەكرار سۇئالىرىغا سۇسلا جاۋاپ بېرىپ ئۆزەمنى كارۋاتقا ئاتتىم ،، يىغلىغۇملا كىلەتتى ،،، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىۋالغىنىم بىلەن ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس،، قاچانلادىن ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ،،، چۈشلىرىم شۇنداق قالايماقان ،، ئىنىق كۇرگىنىم پەقەت قىپ قىزىل قانلا بۇلدى ،، ئەتىگەندە ئۆرنىمدىن تۇرالمىدىم ،،، سەۋەپسىزلا قىزىۋاتاتـىم ، ئاپام ئويغاتقىلى كىرىپ ھالىمنى كۆرۇپ چۆچۈپ كەتتى ،،
-  ۋاي بالام نىمە بۇلدۇڭ ، قۇقاتما ئادەمنى ،، مۇھەممەت تىز بۇلۇڭ ما بالا قىزىپ قاپتۇ،
نىمە ،، نىمە دەيدىغانسەن ،،
دادام تازلىق ئۇيىدىن ئاغزى بۇرنى مازغاپ ھالدا يۇگىرەپ چىقىپ يىنىمغا كىلىپ پىشانەمگە قولىنى قويدى ،
ۋاي راست ھەجەپ قىزىققۇ ،، قوپە بالام دوختۇرغا ئەپچىقايلى ،
بىشىمدا پەرۋانە بۇلىۋاتقان دادام ئاپامغا قاراپ ئاخشامقى مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كىلىپ خۇددى نۇمۇسلىق بىر ئىش قىلىپ قۇيغاندەك شۇنداق خىجىل بۇلدۇم ،
-ھەي بۇ بالىنى نوچىلىق قىلىپ قىلىن كەيمەي مانا ئەمدى يەنە سوغۇق ئۇتكىزىۋاپتۇ،، دەرىس ئەمدى باشلانغان تۇرسا بىسمىلا دىمەيلا دەرىستىن قالغىلى تۇرساق قانداق بۇلىدۇ ،
ئاپام يوتقان- كۆرپەمنى يىققاچ ئاغزى تىنماي سۆزلەيتـتى ،،
كىچىكىمدىن زۇكامغا يىقىن بۇلغاچقا قىزىپ قالساملا ئۆيدىكىلەر دەرھال دوختۇرغا ئەچىقاتتى ،، ئاسمىدىن بىر نەچچىنى ئۇرىۋەتسە تىزلا ساقىياتىم ، بۈگۈنمۇ كونا پەدە بۇيۇنچە تاتىنمايلا 3 كۈنلىك ئۇكۇل ئالدۇق ،، دادامنىڭ پىلانى بۇيۇنچە بۈگۈنلىك ئۇكۇلنى دوختۇرخانىدا ئۇرغۇزۇپ قالغىنىنى مەكتەپتە ئۇرغىزىدىغان بۇلدۇم ،
سىستىرا يىڭنىنى قولۇمغا سانجىپ ئاسمىنى ماڭغۇزىۋاتكەندىن كىيىن ،، دادام مەكتەپكە رۇخسەت سورىغىلى ئاپام خىزمىتىگە ماڭدى ،،
كاللامدا ئاخشامقى ئىشلار بۇلغاچقا ئاسمىنىڭ قانداق تۈگىگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن ،، سىستىرا كىلىپ ئۇكۇلنى تارتىۋەتكىچە بىر مۇنچە قىنىم چىقىپ كەتتى ،،
قانغا قاراپ چۈشۈم يادىمغا كىلىپ كۆڭلىم ئۇيغاندەك بۇلدى ،،،
دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن چىقىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،
يولنىڭ ئۇ قېتىدا ئىشتىنىنى قىرلاپ ئاق پايپاقنى كىيىپ ئايىقىنى پاقىرتىپ مايلىۋەتكەن بىرسى تۇراتتى ،،

ھە شۇنداق قىلىپ ئالدىمدا ئابدۇللا تۇراتتى ، ئاخشام شۇنچە كەچتە نەدىن نەگە مىڭىپ كىلىپ مىڭىپ كىتىپ بۇگۇن يەنە ئالدىمدا روھلۇق تۇرغىنىغا ھەيران قالدىم ،ئۇمۇ مىنى كۆرۈپ دەرھال ئالدىمغا كەلدى،
- ئۇكۇل تۈگىدىما ،، قاندىقىراق تۇرىسىز ؟
تۈگىدى ،، ئۇكۇل ئۇرغۇزۇپ چىقىنىمنى سىز قانداق بىلىسىز ؟
-ئەتىگەن دادىڭىز مۇئەلىم بىلەن سۇزلىشىۋىتىپتىكەن ، ئاڭلاپ قالدىم ،
-ھە..
-دەرىسكە قاتناشماپسىزغۇ؟بۇ ياقتا بىرەر ئىشىڭىز بامىتتى؟
ئىشىمغۇ يۇق ،شۇ سىزدىن ئەنسىرەپ ئۇيى دۇختۇرخانىنىڭ قىشىدا بولغانكىن چوقۇم بارسام تاپالايمەن دەپ كەلدىم ،
-بەك ئەقىلىقكەنسىز،
-ھى ھى ھى ...
-تاماق يەمدۇق؟
-ياق بۇلدى مەن ئۆيگە كىرىپ كىتەي ،
-تاماق يەۋىلىپ ئاندىن كىرىپ ئارام ئالمامسىز!
-ئاپام تامىقىمنى تەييارلاپ قۇيغانتى ،
-بۇلدى سوغاق تاماقنى يەيمەن دەپ يۈرمەڭ، مەن دىگەندەك بۇلسۇن ،
ئۇ گىپىنى تۇگەتمەيلا بۇرۇلۇپ ماڭدى ،،
مەنمۇ ئارقىدىن جىممىدە ئەگەشتىم ،چۈنكى مەھەللەم بولغاچقا ئارتۇقچە      تارتىشسام  مەھەللىدىكىلەنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم ،،
تاماقتىن كىيىن ئۇمۇ مەكتەپكە قايتىپ كەتتى،مەنمۇ ئۆيگە قايتىپ كىردىم ،،،
                     *                         *                          *
كۈنلەر ئارقا ئارقىدىن بىر بىرسىگە ئۇلىنىپ ئۆتمەكتە، ئالتۇن كۈز ئاياقلىشىپ
     ئۈرۈمچىنىڭ قەھرىتان سوغاق قىشى باشلاندى،
ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداق ياخشى كىتىپ باراتتى ،، كۇندە بىلىلا يۈرەتتۇق،
ئۇ ئۆرنىنى مۇئەللىمگە دەپ يۇۈرۈپ يىنىمغا يۆتكىۋالدى، بىللە دەرىس ئاڭلاپ بىللە تەكرار قىلاتتۇق ، كەچكى مۇزاكىرىدىن كىيىن ئۇ مىنى ئۈيگە ئەكىلىپ قۇياتتى ،، يول بۇيى نىمىلەنى دىيىشىپ كەلگىنىمىز نى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيتۇق ،تۇگىمەس پاراڭلار ،، ئايىقى يوق مۇڭدىشىشلا ،، قىيالمىغان ھالدا خۇشلىشىلا ،
مەن كىچىدە تاڭنىڭ ئىتىكىراق ئىتىشىنى ئۇمۇت قىلىپ بالدۇرلا يىتىۋالاتىم ، سەھەردە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈشىمگە كۆز ئالدىمدا سوغاقتىن مەڭزىلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئابدۇللا نامايەن بۇلاتتى ، قوشماق ئۆدەكلەنىڭ يەنە بىر كۈنى شۇنداق باشلىناتتى ،
مانا ھەش پەش دىگىچە مەۋسۇملىك ئىمتىھان ئاياقلىشىپ قىشلىق تەتىل باشلاندى ،،
بۇ تەتىلنى شۇنداق بىر ئىنتىزارلىق بىلەن ئاران چىشىمنى چىشلەپ تۈگىتىۋالدىم ،، كۆڭلىمدىكىنى يۇشۇرماي دىسەم ئۇنى بەكلا سىغىنغانىدىم ،،
تەتىل ئاياقلىشىپ مەكتەپكە قايتىش ۋاقتى بۇلدى، بۈگۈن ئۇنىڭ كىلىدىغان كۈنى مەن سەھەردىلا ئاپامنى ئاچامنىڭ ئۈيىگە بارىمەن دەپ ئالداپ قويۇپ نەنزىگۇ بىكەتكە كەلدىم ، سۈرۈشتۈرسەم غۇلجىنىڭ ئاپتۇبۇسى تىخى كەلمەپتۇ ، بىكەت كۈتۇش ئۈيىدە ساقلاشقا باشلىدىم ،، توۋا دۇنيادا ئادەم ساقلاشتىنمۇ تەس ئىش بۇلمىسا كېرەك ، ئىچىمدە ۋاقىتنى ھىساپلايتىم ، بىردەم بىردەم كىلىۋاتقان ئاپتۇبۇسلاغا بۇيۇنداپ قارايتىم ،لىكىن نىمىشقىدۇ ئۇ كەلمەيۋاتىتى ، تۈنۈگۈن ئۇ مىڭىش ئالدىدا ماڭا  تېلىفۇن  قىلىپ خەۋەرلەندۇرگەن ۋاقىتى بۇيۇنچە ھىساپلىغاندا ئەسلى بۇ ۋاققىچە كىلىپ بۇلىشى كىرەكتى ،،
يۈرىكىمنى بىر مۇدھىش خىيال قۇرۇتتەك يىمەكتە، ئۆزەممۇ سەزمەي يىغلاپ كىتىپتىمەن ، ياشلىرىمنى سۈرتۈپ يەنە سىرتقا چىقتىم يىراقتىن بىر ئاپتۇبۇس سۆرەلمىلىك بىلەن جىدەللەپ كىلىۋاتاتتى،، يىقىنراق كەلگەندە ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىگە   تىكلەپ قۇيۇلغان (غۇلجا-ئۈرۈمچى)
دىگىن خەتلەر يېزىلغان قەغەز تاختىنى كۇرۇپ شۇنداق خۇش بۇلدۇم ، ئاپتۇۋۇز ئاخىرى بىكەتكە كىرىپ تۇختىدى، ئىشىك ئىچىلىپ بىرىنچى بۇلۇپ سەپەر سومكىسىنى كۇتەرگەن ئابدۇللا چۇشتى ،،
ئوھـــــــــــــ، ئۇ ئاخىرى ساق سالامەت ئالدىمدا پەيدا بۇلدى ، شۇ كۇنى مەكتەپكە چىقىچە نىمىلەنى دىيىشىپ كەتكىنىمىز ئىسىمدە يۇق ، ئىش قىلىپ پاراڭلىرىمىز تۇگىمەيدىغاندەك قىلاتتى .
ئۇ نەرسە كىرەكلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن مەكتەپ يىنىدىكى بىز دائىم كىرىدىغان ئاشخانىدا تاماق يىدۇق، تاماقتىن كىيىن ئۇ مىنى ئاچامنىڭ ئۇيىگە ئاپىرىپ قۇيدى ، بىز يەنە قىيمىغان ھالدا خۇشلاشتۇق،
*                                           *                            *                          *
خۇشال كۇنلىرىمىز يەنە باشلاندى ،، تەتىلدە بىر بىرسىمىزگە ئاتاپ يازغان شېئرلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ كۇردۇق،
كەچكى مۇزاكىرىلىدە مۇشائىرە قىلىشىپ ئۇينايتۇق ، ئۇ دائىملا ماڭا ئۇتتۇرۇپ قۇياتتى ،بەزىدە كىچىكىنە بىرەر مەسىلىلەرنى تالىشىپ مۇنازىرلىشىپ قىزىرشىپمۇ قاللاتۇق، لىكىنزە ئۇ قىيدىشىشلا بىردەمدىلا ئاللا -قاياقلاغا غايىپ بۇلاتتى ،بىر كۇنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن كىيىن يۇلدا كىلىۋىتىپ ئۇ تۇيۇقسىز مەندىن ،
-ئوقۇش تۇگىسە مەن بىلەن غۇلجىغا كىتەمسىز؟
دەپ سۇراپ قالدى ، مەن ئۇيلانمايلا
- ياق كەتمەيمەن ،، ئاڭلىسام غۇلجىدىن قىز ئال ،غۇلجىغا قىز بەرمە دەيدىغان گەپ بار ئىكەن ، سىز بىلەن كەتسەم زىيان تاتمامدىم ،دەپ جاۋاپ بەدىم ،
-ھەي شە بالىسى ما گەپ راستما ؟
-ھەئە ،
- راست ھە ، شۇنداقمۇ ؟
-راست،
-ئارىنى بىردەم جىملىق باستى ، ئۇ گەپمۇ قىلماي ئالدىمدا قارنى گاچىلدىتىپ دەسسەپ كىتىۋاتاتى ، ئەلپازىدىن خاپا بۇلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ،
-ھەي نىمە بۇلدىڭىز ؟
ھچنىمە .
-گەپ قىلىڭە ئەمسە ،
ياق
ۋاي نىمىشقا ؟
شۇڭلاشقا ،
ۋاي شۇ نىمە شۇڭلاشقا ،
سىزنى بۇنداق دەر دەپ ئۇيلىمىغانتىم ،
نىمىگە،
سىز راست مەن بىلەن كەتمەمسىز ،
ئەمدى كالام سەگىدى ئۇ مەندىن تۇلىمۇ نازۇك بىر مەسىلىنى سۇراۋاتاتى ،
بۇ بىزنىڭ ئۆمۈرلىك ئىشىمىزغا بېرىپ تاقىلىدىغان سۇئال ئىدى ،دىمىسىمۇ بىز يۈرىۋاتقىلى 1 يىل بۇلۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ،بىر بىرسىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرىشىمىز ، بىردەم كۆرمىسەك چىداشمايمىز ، تەتىلدىكى ئىپادىمىزلا بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ، ناۋادا ئوقۇش تۈگىگەندىن كىيىن تەغدىر باشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلسىچۇ ؟ ئاتا -ئانام نىمە دە ، قۇشۇلماي قويسىچۇ، مەن ئۆمرىمدە غۇلجىغا بېرىپ باقمىغان ياتباش يەرلەردە قانداق تۇرمۇش شارائىتى ساقلاپ تۇرغىنى ماڭا قاراڭغۇ ،، باشلىرىم ئايلىنىپ كەتتى ،
گەپ قىلىڭە !
-نىمە دىسەم بولا ، مەن راست بۇنى ئويلاپ باقماپتىمەن ،
-مەن ئويلىغان ، سىز بىلەن يۈرگەندىن بۇيان شۇ خىيال مىنى ئازاپلايدۇ ، بىزنىڭ ئائىلە نامرات ، داداملار دىھقان ، ئۇلار شۇنچە قىينالسىمۇ مىنى ئوقىتىۋاتىدۇ ، بۇنىسى سىزگە ئايان ، سىز چوڭ شەھەردە چوڭ بولغان باشلىقنىڭ ئەركە قىزى ،توققىزىڭىز تەل ، ئىككىمىزنىڭ ئائىلە شارائىتتى ئاسمان زىمىن پەرىق قىلىدۇ،، مەن مۇشۇلانى ئويلىساملا بىر قورقىنىچ باسىدۇ ،،لىكىن سىزدىن قەتئى ئايرىلىپ قالغىم يوق ، سىزنى كۆرسەملا ئۆزەمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلىمەن ،لىكىن يىقىندىن بېرى خىياللىرىم جىقلاپ قالدى ،سىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەكلا،،
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ قالدى ، دىمىسىمۇ ئاپام بىزنىڭ ئىشىمىزنى سىزىپ قالغاندىن كىيىن ، ماڭا ئابدۇللادىن شەرتسىز ئايرىلىپ كىتىش بۇيرىقى چۈشۈرگەن ئىدى ، مەن يىغلاپ تۇرۇپ يالغاندىن ماقۇل بۇلغان ئىدىم ، لىكىن ئابدۇللادىن ئايرىلىپ ئۆتكىزىدىغان كۈنلىرىمنى تەسسەۋۇر قىلالمايتىم ،
شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تۇتىۋىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەدىم .
-ئارتۇق ئويلىماڭ ،مەن سىزدىن  چوقۇم ئايرىلمايمەن ،ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىسا غۇلجا پەدىسى ،،،،، قاچىمىز ،
ھا ھا ھا ھا ،،، راست سۆزىڭىزمۇ بۇ ،
ئىشەنمەمسىز ؟
ئىشىنىمەن ، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم ، ئاللاھ بۇيرىسا چۇقۇم مەڭگۈ ئايرىلمايمىز ،
-ئاللا ھ خالىسا ،
شۇنداق قىلىپ پاك قەلبىمىزدىن چىققان تۇنجى سۆيگۈ قەسىمى مانا شۇ ئاپپاق قار ئۇستىدە پۈتۈلدى ،
قىشمۇ ئاياقلىشىپ باھار كەلدى ، يازمۇ كەلدى ، تەتىل باشلىنىپ ، يەنە ئاياقلاشتى ، تەتىلدە كۈندە تېلفۇندا نەچچە سائەتلەپ سۆزلىشەتۇق ، ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلسىلا ، دەرھال ئۈزىۋىتىپ قايتۇرۇپ ئۇراتتىم ، ئۇنى ئارتۇق چىقىم قىلغۇزغۇم كەلمەيتتى ، تەتىلدە ئاپامنىڭ قولىنى بىكارلا قىلىۋەتتىم ، ھارماي ئۆي تازلايتىم ، تاماق ئىتىشنى ئۈگىنەتتىم ، دادام ئاپاملار مەندىكى بۇ تىرىشچانلىقلاردىن شۇنچە خوش ئىدى ، مىنى ماخـتاپ ئامراقلىقى ھەسىلەپ ئاشاتتى ، لىكىنزە نىمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغىنىمنى بىلمەيتتى ،
مىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىم پەققەت بىرلا مەقسەتتە . يەنە كىلىپ تەلىۋى يۇقىرى غۇلجا قىيىنئانىلىرىنىڭ شەرتىگە تولۇق چۈشۈش ، ئابدۇلانىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىش ئۈچۈن ئىدى ، كۈندە ھىرىپ چارچىساممۇ ئۆزەمنى شۇنداق تىتىك ھىس قىلاتتىم . بەزى كۈنلىرى بىرەر تاماقنى قاملاشتۇرۇپ ئىتەلىسەم .شۇنداق خوشال بۇلۇپ كىتەتىم .
ھەي ياشلىق  شۇ چاغلانى ئويلىسام ھازىرمۇ كۆڭلىمنى تاتلىق بىر سىزىم لەرزىگە سالىدۇ ،
                              *                    *                *

مانا ئوقۇش پۈتۈرۈشكە بىر يىل قالدى ، بۇيىللىق تەتىل ئاياقلاشسا تەتۇر ساناش باسقۇچىغا كىرىمىز، زىرىكىشلىك تەتىل ئاياقلىشىپ بىز يەنە جەم بۇلدۇق ،
مەكتەپ ئىچى شۇنداق چىرايلىق ،، ھەممە مەۋجۇدات بىزنى ئالقىشلاۋاتقاندەك،
سۆيۈملىك ساداقەت كۈيىمىزگە جۈر بولىۋاتقاندەك ،،
ھەر بىر گىياسىغا ، ھەر بىر تۈپ دەرىخىگە ، ھاتتا تاش شىغىللىرىغىچە بىزنىڭ مۇھەببەت لىرىكىمىز سىڭگەن ،،
كۈنلىرىمىز شۇنداق خۇشال شۇنداق بەخىتلىك كەلگۈسىمىزئۇچۇن نۇرغۇن پىلانلانى تۈزىمىز . ئابدۇلانىڭ ناخشىلىرى ماڭىلا ئاتاپ ئىيتىلىدۇ ،،
ھەممە بىزگە ھەۋەس قىلىدۇ ،،،

لىكىن ،،، لىكىن دەل مۇشۇ بەخىت بىزنى قۇچاقلىرىدا ئەركىلىتىۋاتقان پەيىتلەردە بىزگە كۆز تەگدى ،،، تەككەندىمۇ شۇنداق ئۇشتۇمتۇت ،، شۇندان مۇدھىش ، شۇنداق بىر پاجىئەلىك ھالدا ،،،، سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز ،،،
ئويلاپ يىتەلمەيسىز ،،،
توختاڭ مەن ئۆزەمنى سەل تۇتىۋالاي  15 يىلدىن بۇيان ئەسلىمىلىرىمنىڭ مۇشۇ بەتلىرى كۆز ئالدىمدا زاھىر بۇلغاندا يۈرەكلىرىم يىرىلىپ كىتىدۇ ،،،
شۇ كۈنى كەچ بىز ئاددەتىكىدەك قىيالماي ئايرىلدۇق ،،، خوشلىشىپ ئۆيگە كىرىپ تۇراتىم سىرتىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار ئاڭلاندى. باشتا دىققەت قىلماپتىمەن ، بىر ئازدىن كىيىن بۇ ئاۋاز تىخىمۇ كۈچۈيۈپ كەتتى ، ئىنىقكى سىرتتا جىدەل بۇلىۋاتاتى ، يۈرىكىم ئۇيغاندەك بۇلۇپ قاراپ باقىلى چىقتىم .
ئاھ خۇددا ،،، ما مەھەللىنىڭ لۈكچەكلىرى ئابدۇللانى ئارىغا ئىلىۋىلىپ ھەدەپ ۋاقىرشىۋاتاتى ،،
ھەممىسىنىڭ ئەلپازى يامان ،،، مەن بىرىپ بولغىچە كۆزىمگە سەت كۆرىنىدىغان بىر لۈكچەك ئابدۇللاغا بىر مۇش ئاتتى ، ئۇ ئۆزىنى ئەپچىللىك بىلەن قاچۇرۇپ ئۇنى بىرنى تەپتى ، شۇنىڭ بىلەن قارا قۇيۇق مۇشلىشىت باشلاندى ،،،
ھىلىقى سەتتىن باشقىلا تەڭ تىلىشىپ بەرگەن بىلەن قول سالمىدى ،، ئۇ دەل جايىغا تەككەن بىر پەشۋادىن ساراڭ بۇلدىمۇ ئەيتاۋۇر كالىدەك ھۇكىرەيتى ،، چىچاڭشىپ قالايماقان قۇل سىلكىپ جالداقشىيتى ،،
ئۇزەمنىڭ قىز باللا ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ يۈگۈرۈپ بارغىنىمچە ئابدۇللانىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ ئۇنى توسىۋالدىم ،،
-ئۆتە ماياققا ، قانجۇق ،،
كىمنى داۋاتىسەن ، لۇكچەك ،، قانجۇق دىگەن سەن ،
ئابدۇللا مىنى چەتكە ئىتەدى ،
-نادىرە سىز ئۆتۇپ تۇرۇڭ ،، بۇلدى بۈگۈن بۇنىڭ نىمە گىپى بۇلسا ئاڭلايمەن ،،
-بۇنىڭ سىزگە نىمە گىپى بۇلاتتى ، كارىڭىز بۇلمىسۇن ،
- ياق ، بۇنىڭ زادى ماڭا گىپى بار ، بۇ بىزنىڭ تۇنجى تۇتىشىمىز ئەمەس، 0
-نىمە ، نىمە دەيسىز ..
-ھەي . بۇزۇق ساڭا ئۈرۈمچىدىن ئەر چىقمىدىما ،، ما ماز بەك تىتىپ كەتكەن ،،،
قاسىدە تەككەن بىر موش  ئۇنىڭ زۇۋانىنى ئۆچەردى ،،
شۇنىڭ بىلەن بىر چەتتە قايرىلىپ قالدىم ئۇلار يەنە مۇشلىشىپ كەتتى ،، ئايرىپ بۇلالماي يىغلىغىلى تۇردۇم ..
نىمە قىلىۋاتىسىز بۇ يەردە ،
قۇلاق تۇۋۇمدە ئاكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، قارىسام ئىشتىن يانغان ئاكام تاماشا كۆرۇپ توپلىشىپ تۇرغان ئادەملەر توپى ئىچىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى ،،،
يىغام تىخىمۇ كۈچۈيۈپ ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى ،، نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ،
لىكىن يىنىمدىكى جىدەل تىخىمۇ ئۇلغۇيۇپ كىتىۋاتاتى ،
- بۇلدى قىلىڭلار ،،،
مەن ئاكامنى جاۋاپسىز قۇيۇپ ئۇلارغا ۋاقىرىدىم  ،
ئاكام بەلكىم چۇشەندى بۇلغاي ،، ئىتتىك كىلىپ ئۇلارنى ئاجىراتتى ،،
ئا لۇكچەك ئاكامنى كۇرۇپ سالپىيىپلا قالدى ، ئابدۇللامۇ ئۆزىنى تۇتىۋالغاندەك قىلاتتى ،
ماڭە. ماڭە ئىشىڭنى قىل ، بۇيەردە يوق جىدەلنى تەرمەي ، ئاكام لۇكچەككە سەت بىرنى ھۇمايغانتى ، ئۇ گەپمۇ قىلماي كىينىگە ياندى ،،
سەنمۇ مەكتىۋىڭگە چىقىپ كەت ،، ئەمدى كۆزۇمگە كۆرۈنگىچى بولما ھە ،،
ئابدۇللا قىزىرىپ تاتىرىپ ماڭا بىر قارىۋىتىپ بىكەت تەرەپكە ماڭدى ،
قارىغاندا جىدەل بىسىقاندەك قىلاتتى ،،
مەن ئاكامغا ئەگىشىپ ئىشىك ئالدىغا كىلىشىمگە ،،،
تۇيۇقسز
بىر ئايالنىڭ ۋاي پىچاق تىقىۋەتتى ،، ۋاي ئادەم ئۆلدى دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى،
ھەممىنى ئۇنتۇپ كەينىمگە بۇرۇلۇپلا يۈگەردىم بىكەت تەرەپكە ،، بايا ئابدۇللا ماڭغان تەرەپكە بار كۈچۈم بىلەن يۈگەردىم ،،
ئاھ خۇددا ،،، نىمىنى كۆرىۋاتىمەن ،، قىپ قىزىل قان ،، چۈشىمدە كۆرگەن ئابدۇللا مىنى تۇنجى سۆيگەن كۈنى چۈشۈمدە كۆرگەن قان ،،
كۆكسىدىن بۇلدۇقلاپ قان چىقىۋاتقان ئابدۇللا يەردە سۇنايلىنىپ ياتاتتى ،، تىنىقلىرى شۇنچە ئاجىز ،، شۇنچە زەئىپ ،،، سىنتەبىرنىڭ ھىلىقى كۈنى مەڭزىمگە ئوتتەك تەككەن تىنىقلىرى شۇنچە ئاجىز ..
جاھان كۆز ئالدىمدا قاراڭغۇلۇشۇپ ، نېرۋىلىرىم قېتىپ قالغاندەك بولدى ،،
ئۇنىڭ بارغانسىرى نۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتقان قاراقاتتەك كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كىتىۋاتاتتى ،، مەن ھەممىنى ھايانى ،، قىزلىق غورورىمنى .. ئارقامدىن تەڭ يۈگىرەپ كىلىۋاتقان ئاكامنى چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا ئۆزەمنى ئاتتىم ،،
نىمە بولدىڭىز ،، كۆزىڭىزنى ئىچىڭ ،،، زادى كىم ،،،،،
تۇختاۋسىز نالە قىلاتىم ،، كۆز ياشلىرىم يامغۇردەك تۆكىلەتتى ،،
يەدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىشىنى ئىتىكىمگە ئالدىم ...
ئۇ ماڭا شۇنداق تەستە قارىدى ئىغىز چورىلىرى كالپۇكلىرى كۆكىرىپ كەتكەنىتى ،، يىغلىماڭ ،،، ئۆتىنەي ،،،، خوشال ياشاڭ ،،،،، دادام  دادام ،،،،،
........................................................................................................
ئۇنىڭ ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرى ئوچۇق قالدى ، بىشى پىتىۋاتقان قوياشقا قاراپ لاسسىدە تاشلىنىپ كەتتى ،،
كىيىن نىمە بۇلدى قانداق بۇلدى بىلمەيمەن ،،، ھۇشۇمغا كەلسەم ياتاقتىكەنمەن ،، مۇشۇنداق ياتقىلى 3 كۇن بوپتۇ ،،،
ئابدۇللانى دادىسى بىلەن ئاكىسى كىلىپ يوتكەپ كىتىپتۇ ،،، كىيىن نۇرغۇن ئىشلا بۇلدى ،، لىكىن ئاڭقىرالىغىدەك ھالىم يوق . كىچىلىرى قىزىيمەن ، جۆيلىيمەن ،، قۇلاق تۈۋىمدە ئابدۇللانىڭ ئاۋازى،، كۆز ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ،،،،بىر مەزگىل ئۇتكەندىن كىيىن قاتىلنىڭ قانۇن تورىغا چۈشۈپ ئۈلۈم جازاسى ئىلان قىلىنغىنىنى ئاڭلاپ سەل ئەسلىمگە كەلگەندەك بۇلدۇم ...
ئاپامنىڭ زۇرى بىلەن مەكتەپكە باردىم ،،، لىكىن چىدىمىدىم ... قاياققا قارىسام ئەسلىمىلەنىڭ سايىسى ،،، قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەيمەن ،، كاللامغا دەرىس كىرىشى مۇمكىنمۇ ،،، ياشقا تولغان كۆزلىرىم بىلەن ھەممىگە پەرۋاسىز قاراپ ئولتاغىنىم ئولتاغان ساۋاغداشلىرىم ماڭا تەسەللى بېرىشىدۇ ،،،، لىكىن قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ ،،، سىرتقى دۇنيا بىلەن مەن خۇددى نىپىز بىر قات پەردە ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغاندەكلا ،،، ئوقىمايمەن بولدى ،، ئەمدى بۇ ئوقۇشنىڭ ماڭا نىمە كىرىكى ، ،،،
ئاپامنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى دادامنىڭ نەسىھىتى تەسىر قىلمىدى ،، نەچچە كۈن مەكتەپكە بېرىپلا بارغىلى ئۇنىمىدىم ،،، مەندە مەكتەپكە بارغىدەك جۈرئەت يوق ،،
پاجىئە بىلەن ئاياقلاشقان تۇنجى سۆيگۈم ،،، مەڭگۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ،،،  15يىلدىن بۇيان ئاشۇ ئەسلىمىلەر قوينىدا لەيلەپ يۈرىۋاتىمەن ،،، بۇ ئەسلىمىلەر بەزىدە چىھرىمگە كۈلكە ياماشتۇرسا بەزىدە ئازاپ دەشىتلىرىدە زار زار يىغلىتىدۇ ،،،،

ئاللا ھەر كىمگە بۇ كۈننى كۆرسەتمىسۇن !  


            تامام
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-28 03:13 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەخلا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

لالە
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1035
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 78
شۆھرىتى: 885 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1080 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 97 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راسىت تۇنجى سۆيگەن دىگەن ئاجايىپ بۇلىدۇ دە
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-28 09:25 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لالە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

قىران

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 496
شۆھرىتى: 5145 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6072 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 547 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پاجىئە بىلەن ئاياقلاشقان تۇنجى سۆيگۈ........
ئەتتىگەندىلا بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئەجەپ بىر خىل بۇلۇپ قالدىم .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-28 09:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خوتەن يىگىتى
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 500
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرىتى: 475 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 570 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 52 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇھاببەت دىگەن مۇشۇنداقمىدۇ؟..........................................
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-28 14:20 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خوتەن يىگىتى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 50
يازما سانى : 1043
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 789(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇھاببەت ئادەمنى شىرىن خىيال دەرياسىدا ئۇزدۇرگەن بىلەن قايناملىرىغىمۇ چوكتۇرىدۇ
dital
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-28 17:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلزىبا
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 1034
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرىتى: 35 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-08-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇھەببەت ئازاپ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ..
katip
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-28 23:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلزىبا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرئاي
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 630
شۆھرىتى: 6380 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7280 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 684 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تۇنجى مۇھاببەت تەسۋېرلىگۇسىز شىرىنھەم ئۇنتۇلغۇسىز!بەكمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-29 12:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادىي ئەسەرلىرى

ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا