پىششىق  قوي  گۆشى   بىلەن  تەرخەمەكنى   ئۇششاق  توغرىۋالىسىز  !

ئىككىسىنى  ئارىلاشتۇرۇپ  ، مۇۋاپىق  تۇز  ، قارمۇچ  قېتىپ  تەمىنى  تەڭشەيسىز  !

3  دانە  تۇخۇمغا  مۇۋاپىق  تۇز ، ئۇن  قوشۇپ  تەمىنى  تەڭشەپ  ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ  ، مايلانغان  قىززىق  قازانغا  يېيىتىپ .  ئىككى  دانە  چەلپەك  چىقىرىۋالىسىز  !

گۆشنى  چەلپەكنىڭ  يۈزىگە   رەسىمدىكىدەك  يېيىتىپ ئەتراپىنى قاتلايسىز   ، ھەر بىر  قاتلاق  تۇتاشقان يەرنى  ئۇنغا  سۇ قۇيۇپ  ئارلاشتۇرۇپ  تەييارلىۋالغان  ئوماچنى  سۈركەپ  چىڭ  يېپىشتۇرىسىز !

بۇ  ھالەت  تەييار قىلىنغاندىن  كېيىن   ، يۈزىگە  ئۇماچ  سۈركەپ ،  كۈنجۈت  چېچىپ  ، تۆۋەندىكىدەك  راسلايسىز !


تەييارلانغان  ياسالمىنى  كۆپ مىقداردىكى   قىززىق  ياغقا  سېلىپ  داغلاپ  ساغارتىپ  سۈزىۋالىسىز  !

ياسالمىنى  ئىككىلىك   قەلەمچە  شەكلىدە  توغراپ  ، تەخسىگە  ئېلىپ  ،  ئەتىراپىنى  ئاشكۆكى  يوپۇرمىقى  ، گۈل   قاتارلىقلار  بىلەن  زىننەتلەيسىز !

ئەمدى  ھېچكىمگە   بەرمەي  يەيسىز  !!
مەنبە  :    مەن  
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2009-05-19 20:59دە قايتا تەھ ]