oznur.cn vip
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 175
شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 356 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئىلگىرلەتتى .(2010-11-10)

باقالى ئېتىشنى بىلەمسىز؟


باقالىي _ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقى ياقتۇرۇپ يەيدىغان، ئوزقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر خىل يېمەكلىك.

لازىملىق خۇرۇچلار: 190گرام (بىر كىچىك چېنە) ماي(قوي مېيى، سېرىق ماي، قوي مېيى بىلەن ئۆسۈملۈك مېيىدىن تەييارلانغان ئەبجەش ماي)، تۆت دانە تۇخۇم، 300گرام (بىر كىچىك چىنە)ھەسەل، 200گرام (بىر كىچىك چىنە)قۇمشېكەر، 200گرام (بىر چوڭ چىنە)توغرالغان ياكى چانالغان ياڭاق مېغىزى، 150گرام (كەمرەك بىر كىچىك چىنە)سۈت، مۇۋاپىق مىقداردا (ئادەتتە بىر، بىر يېرىم چىنە) ئۇن، ئۈچ گرامدەك (كەم بىر تال قوشۇق) سودا، ئۈچ _تۆت گرام (ئىككى بال قوشۇقىدەك) كاكاۋا پاراشوكى، ئىككى _ ئۈچ دانە يانجىلغان قەلەمبۇر (ئىشلىتىلىسىمۇ، ئىشلىتىلمىسىمۇ بولىدۇ) قاتارلىقلار.

باقالىي خېمىرىنى تەييارلاشتا ئالدى بىلەن ئۆلچەم بويىچە ئېلىنغان ماي داسقا سېلىنىپ تازا ئوبدان كۆپتۈرۈلىدۇ (قول، قوشۇق، كۆپتۈرگۈچ قاتارلىقلار بىلەن ئاپئاق قايماق شەكىلگە كەلتۈرىدۇ)، ئاندىن تۇخۇم، ھەسەل، شېكەر، سودا پاراشوكى، ياڭاق مېغىزى، كاكاۋا پاراشوكى قاتارلىقلارمۇ ئۆلچەم بويىچە سېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل تازا ئىلەشتۈرۈلىدۇ (تۇخۇم قانچە ئوبدان كۆپسە شۇنچە ياخشى بولىدۇ)، ئاخىرىدا سۈتنى قويۇپ، ئۇننى سېلىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرغاندا باقالىي خېمىرى تەييار بولغان بولىدۇ. خېمىرنىڭ قويۇقلۇقى قوشۇق سانجىش ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، ئەگەر خېمىرغا سانجىلغان قوشۇق ئاستا يانتۇ بولىدۇ، ياقالىيغا قۇرۇق ئۈرۈم سېلىنسىمۇ بولىدۇ.

باقالىينى پىشۇررۇشتا، پاكىز تازىلانغان لېسنى ئوبدان مايلاپ، ئىچىگە پاكىز نېپىز قەغەز سېلىپ (قەغەز مايلىنىشى كېرەك) تەييارلىغاندىن كېيىن، خېمىرنى ئىلەشتۈرۈپ تۇرۇپ (ئازراقلا تۇرۇپ قالسا چۆكمە ھاسىل قىلىپ تىنىپ قالىدۇ) لېسقا قۇيۇپ تەكشىلەپ يېيىتىلىدۇ. خېمىر لېس دىۋارىنىڭ (قىرىنىڭ) يېرىمىغىچە قۇيۇلۇشى كېرەك. ئەگەر لېسنىڭ قىرى بەك پاكار بولۇپ قالسا، خېمىر كۆپكەندە سرتقا تېشىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، لېسنىڭ گىرۋەكلىرىدىن ئاشۇرۇپ قاتتىقراق قەغەز قويۇلۇشى كېرەك. خېمىر قۇيۇلۇپ تەييارلىغان لېس تۇرغۇزۇپ قويۇلماستىنلا قىزىپ تاۋلانغان دوخوپكىغا سېلىنىدۇ. دوخوپكىنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتمەسلىكى، ئەھۋالغا قاراپ دوخوپكىنىڭ توكىنى بىردەم ياندۇرۇپ، بىردەم ئۆچۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر باقالىينىڭ يۈزى بەك قىزىرىپ كەتسە ئۈستىگە پاكىز قەغەز يېيىپ قويۇلۇشى ياكى لېسنىڭ ئۈستىدىكى بىر بالداققا بوش لىس دۈم قىلىپ قويۇلۇشى كېرەك. ئادەتتە باقالىي يېرىم سائەتتەك ۋاقىتتا ئاستا پىشىپ چىقسا ئوبدان كۆپۈپ ۋە سىڭىشىپ پىشىدۇ. باقالىينىڭ پىشقان _ پىشمىغانلىقىنى ئىنچىكە ياغاچ ياكى چوكىلارنى سانجىپ كۆرۈش (بولۇپمۇ تۆت ئەتراپىغا) ئارقىلىق بايقاش مۇمكىن، سانجىلغان ياغاچ ياكى چوكىغا خېمىر يېپىشمىسا پىشقان، يېپىشسا پىشمىغان بولىدۇ. باقالىي پىشىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىز قەغەز يېيىپ، نېپىز تاختا ياكى بوش لېسنى دۈم قىلىپ تۇرۇپ ئاستا ئۆرۈپ، قىزىق لېستىن چۈشۈرۈۋېلىنىدۇ. باقالىينىڭ تېگىگە سېلىنغان قەغەزنى ئاستا سويۇپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، دەرھال يەنە قەغەز يېيىپ تۇرۇپ ئۆرۈپ ئوڭ قىلىۋېلىنىدۇ،. بۇ چاغدا باقالىينىڭ تېگىگە قەغەز سېلىنماي قويۇپ قويۇلسا، ھورلىشىپ، مىچىلداپ قېلىشى مۇمكىن. باقالىي بىر ئاز شامالدىتىلغاندىن كېيىن لېسقا ياكى يالتراق خالتىلارغا (يېمەكلىك خالتىلىرى بولۇشى كېرەك) سېلىپ سالقىن ياكى توڭلايدىغان جايغا قويۇپ قويۇلسا قېتىشماي ئوبدان تۇرىدۇ.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-18 19:41 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ۋەفا
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 295
شۆھرىتى: 3005 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2990 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 305 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 156(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن تاتلىق يىمەكلىك بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ئىدى، بۇنى كۆرۈپ ئىتىپ يىگۈم كىلىۋاتىدۇ. سناپ باقسام بولغىدەك   
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-07-17 13:37 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ۋەفا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە پىچىنە-پىرەنىك تەييارلاش
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/