ماتىريال:قوي گۆشى( قوۋۇرغا) ،قىزىل سەۋزە،ياڭيۇ،باش پىياز،پەمىدۇر،ئاق ئۇن،قىچا ماي.
ئىشلەش ئۇسۇلى:1-500گىرام ئۇن،پىتىر لىق،تەييارلىۋالغان ئۇنغا بىرتال تۇخۇمنى چىقىپ ،مۇۋاپىق مىقتاردا تۇز سىلىپ ئىلىشتۇرۇپ،مۇۋاپىق مىقتاردا سۇقۇيۇپ ئىلەشتۈرپ بوش يۇغۇرىمىز.
2-تەييارلىۋىلىنغان قوي گۆشىنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا چاناپ تەييارلاپ قويمىز،ھەم تەييارلانغان،قىزىل سەۋزە،ياڭيۇ،باش،پەمىدۇر، باش پىياز لارنى توغراپ،تەييارلىۋالمىز.
3-قازانغا مۇۋاپىق مىقتاردا سوغۇق سۇقۇيۇپ تەييارلانغان قوي گۆشىنى تەييارلانغان باش پىيازنى، سىلىپ قاينىتىپ سۈزۈپ تۇرۇپ پۇشۇرىمىز،80% پىشقان چاغدا شورپا ئۈستىدە لەيلەپ چىققان نەرسىلەرنى ئېلۋىتىپ،مۇۋاپىق مىقتاردا شورپا قالدۇرۇپ قۇيۇپ باشتا،تەييارلانغان ،قىزىل سەۋزە نى سىلىپ 5 مىنۇتتىن كىيىن،توغرالغان ياڭيۇ، پەمىدۇر قاتارلىق ماتىرياللارنى سىلىپ دۈملەپ قويمىز.
4-تەييارلانغان پىتىر خىمىرنى 100گىرامدىن زۇۋۇل قىلىپ ، بىردىن بىر دىن قۇرۇق ئۇن سىپىپ يۇپقا قىلىپ يىيىتىپ قىپا مېيىنى ئۆستىنگە تەكشى سۈركەپ ،دۈملەنگەن گۆشنىڭ ھەم ماتىرياللنىڭ ئۆستىنگە يىيىتىپ سىلىپ قويمىز،ئارقىدىكى يىيىتىلغان خىمىرنىمۇ ئوخشاشلا قىچا مېيى سۈركەپ ،ئۆستىنگە يىيىتىپ قويساق بولدۇ ، ئاندىن چۆكە بىلەن چىشىپ چىشىپ يىيىتساقمۇ بولدۇ ھورنىڭ چىقىشىغا ئاسان بولشى ئۈچۈن،ئاندىن ھەممە ئۇن يىيىتىلىپ بولغان دىن كىيىن 10 مىنۇت دۈملەنسىلا ،ئىستىمال قىلالاي سىز .
مانا بۇ قۇمۇلنىڭ ھەقىقى ئەركەك قويلىرىدىن قىلغان داڭلىق يەرلىك ياپمىسى.
[attachment=844]
[attachment=845]
'قومۇل ياپمىسى
ئاپتورى: ئەركىم
چاقماقتىن ئوت سوراپ ئالغان جەريان بار،
تاشلاردىن تۆمۈرنى تاۋلىغان تارىخ.
يا ئوقى،تاش پىچاق،تاش پالتا بىلەن،
قورام تاش-تاغلارغا پۈتۈكلۈك يازىق.
پايانسىز يايلاقنىڭ پاك ھىدى ھەردەم،
ئانا دەريا ئۆركىشى،شاۋقۇنى بۇندا.
بۇغداينىڭ چۈشىنى بۇزۇپ تاش تۈگمەن،
يارغۇنچاق مەدەنىيەت قىلماقتا پەيدا.
ئۆتمۈشنىڭ ئاتلىرى دۈپپۈرلەپ كېلەر،
ئىقلىملار سەلتەنتى شۇ بۈيۈك كارۋان.
ئېرا ھەم توتىمنىڭ سىماسى مەڭگۈ،
ئەجداتتىن-ئەۋلادقا ئۇدۇم بۇ تائام.
قۇۋەتتە ئوغۇزغا تەڭداش يېگەنلەر،
تۆرىدە ئولتۇرغان ھەركىشى خاقان.
مۇقەددەس جەم بولۇش پەيتىدۇر شۇچاغ،
ھۆرمەتتە مېھمان خان، قۇتيار ساھىپخان.
ياشارغاي ياپمىنى يېگەن بوۋىلار،
قېرىپمۇ چېھرىدىن قالماس مومىلار.
قىز-ئوغلان ماداردا مات قىلىپ ياۋنى،
ئاقىل،شوق چوڭلىسۇن ئىزچى بالىلار.
2007-يىلى9-ئاينىڭ22-27-كۈنىلىرى......قومۇل
مەنبە:سەمەرجان