ماتىريالى:قوينىڭ سۆڭەكلىك گۆشىدىن 1.2كىلوگىرام،ئاق نان بىر تال،پىياز ،سۇماي يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،
(پەمىدۇ قىيامى) غوزەك قاقمۇچ 5تال
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،شاكال بەدىيان ،زەنجىۋىل،زىرە،يۇمغاقسۇت،
تەييارلاش :سوڭەكلىك گۆشنى ياڭاق چوڭلىقىدا پارچىلاپ.يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 13مىنۇت،ئادەتتىكى
قازاندا 1سائەت پىشۇرۇپ سۇزىۋالىمىز

.زەنجىۋىل ،پىيازنى نىپىز يالپاق توغرايمىز،يۇمغاڭسۇتنى كالتا-كالتا توغرايمىز .ناننى سەككىز پارچە قىلىپ
تەخسىگە قۇيۇپ ئازراق زىرە سىپىپ تەييارلاپ قۇيىمىز .

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ئازراق كەم بىر چۇمۇچ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا پىياز،زەنجىۋىل،شاكال بەدىيان
يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ ،غوزەك قاقمۇچ،سېلىپ قورۇپ گوشنى سېلىپ تۇز ئاقمۇچ سېلىپ گوش چىلاشقۇدەك
شورپا (سۇ) قۇيۇپ 3مىنۇت بوش ئوتتا دۇملەپ گوشى يۇمشاق پىشقاندا تۇز تەمىنى تېتىپ تەييارلانغان
تەخسىگە ئۇسۇپ ،(ئۇستىگە يۇمغاقسۇت سىپىپ) ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.


ئالاھىدىلىكى:تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق ،شەكلى كوركەم ،گۆشى يۇمشاق ،مەزلىك،نان بىلەن بىرگە
ئىستىمال قىلىنسا يىيىشلىك بۇلىدۇ. مىھمان كۇتۇش ۋە ئائىلىلەردە تەييارلاشقا قولايلىق .