بۇ سىركا لازا كۆپ خىل تاماققا ماس كەلگەچكە يوللاپ قويدۇم...ماتىريالى: قىزىلمۇچ تالقىنى250گىرام، سامساق چانالمىسى 100گىرام، كىچىك سۇڭپىياز 50 گىرام،
كۈنجۈت50گىرام،100 گرام سۇ يېغى ، خۇاسىڭ كونسىرۋاسى 40گىرام، كۈنجۈت كونسىرۋاسى 30گىرام،شورپا 300گىرام،
ئاچچىقسۇ 2بوتۇلكا، جىياڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا...
ئېتىش ئۇسۇلى:چوڭراق داستەك نەرسىگە قىزىلمۇچ تالقىنى ( قىزىلمۇچ تالقىنى ناھايىتى ئاز مىقداردىكى سۇدا نەمدىۋالىمىز ، بۇنداق قىلساق قىزىلمۇچ تالقىنى كۆيۈپ كەتمەيدۇ )، غولپىياز . سامساقنى سېلىپ ئۈستىگە قىززىق ماي قۇيۇمىز.
ئاندىن توختىماي قوچىيمىز.ئاندىن سۇڭپىياز،كۈنجۈت،ئاچچىقسۇ قۇيىمىز.ئاندىن قازانغا ئاززراق سۇ قۇيۇپ
خۇاسىڭ ،كۈنجۈت كونسىرۋاسىنى سېلىپ
ئېرىگەندىن كېيىن شورپا قۇيۇپ تۇز،تېتىقۇ،توخۇ تەملىك تېتىتقۇ سېلىپ سىركىنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز .
ئالاھىدىلىكى:چۈچۈك ئاچچىق كۆپ خىل ئىشىلتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن خۇاڭمىيەن كاۋرۇ يەنى سېرىق ئاش كاۋاپ
،گەنبىيەن تۈرلىرى،خۇڭشىاۋ تۈرلىرىنىڭ دورىسى.ئائىلىدە ئېتىپ يېيىشكە ئەپلىك سىركىغا ئامراق دوسلار قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ..
بۇ سىركا مېھمانخانىمىزنىڭ ئالاھىدە تائاملىرىغا سېلىنىدۇ.[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2009-05-15 17:52دە قايتا تەھ ]