تەم-مەلۇم ماددىلارنىڭ تلدىكى تەم سەزگۈ ئەزالارنى غىدىقلىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان سىزىم.
تەم ئىككى خىل بولۇپ ئاساسلىق تەم ۋە مۇرەككەپ تەمدىن ئىبارەت.
ئاساسلىق تەم -ماتىرىيالنىڭ ئەسلى ئۆزىدە بولغان يەككە بىرخىللا تەمدىن ئىبارەت.
كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردائاساسىي تەم تۇرى ئوخشاش ئەمەس ئاساسلىق ئىقىۋاتقان تۇرى(تۇزلۇق ،تاتلىق،چۇچۇك،لازا تەم،ئاچىق تەم ،خۇشپۇراق تەم،مىزىلىك تەمدىن ئىبارەت)
مۇرەككەپ تەم-ئىككى ياكى ئۇچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەملەرنىڭ بىركىشىدىن ھاسىل بولغان تەم..مەسلەن(تۇزلۇق لازا تەم،چۇچۇك لازاتەم ،چۇچۇك تاتلىق تەم،خۇشپۇراق لازاتەم،كاۋاۋىچىن لازا تەم،
ۋە باشقا ......غەلىتە تەم.....)
ئەمدى بۇتەملەرنى تەڭشەشنى ئۆگۈنەيلى!
1.كاۋاۋىچىنلىق لازا تەم.
تەم تەڭشى گۇچلەر-تۇز.ئاق چەشكە(زەنجىۋىل )، قىزىلمۇچ يىغى، كاۋاۋىچىن ئۇنى، ئاق شىكەر،تىتىتقۇ،كۇنجۇت مىيى.
تەييارلاش--ئازراق قايناق سۇدا تۇز ،ئاق چەشكە،ئاق شىكەر،تىتىتقۇنى تولۇق ئىرىتىپ.ئاندىن لازا يىغى ،كۇنجۇت يىغىنى ،كاۋاۋىچىن ئۇنىنى ئارلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت :كاۋاۋىچىن ئۇنى قىزىلمۇچ يىغى باشقا ماتىرىيالدىن سەل كوپرەك،شىكەر بەك ئاز بولۇشى كىرەك..
2.سامساق ئارلاشما تەم.
تەم تەڭشىگۇچلەر-سامساق،ئاق چەشكە،تىتىتقۇ،تۇز،قىزىلمۇچ مىيى،كۇنجۇت يىغى.
تەييارلاش--سامساق لايغا ئوخشاش ئۇششاق چانىلىدۇ(دانىچىلىرى قالماسلىقى ئۇچۈن قىڭراقنىڭ كەينى بىلەن يۇمشىتلسىمۇ بولىدۇ)بىر چىنىگە قايناق سۇ قۇيۇپ تىتىتقۇ،تۇز،تولۇق ئىرىتىلىپ
سامساق چانالمىسى،قىزىلمۇچ يىغى،كۇنجۇت يىغى قاتار لىقلار سىلىنىپ ئۇستىگە ئاق چەشكە تىمتىلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇلڭدۇ..
دىققەت؛سامساق چوقۇم ئىزىلىشى كىرەك،ئاقچەشكە جىق بولۇپ كەتمىسۇن.
بۇگۇن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن داۋامىنى داۋاملىق يوللاشقا ئاللا نىسىپ قىلسا چوقۇم يوللايمەن...
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2009-05-15 00:57دە قايتا تەھ ]