قۇمۇل دىيارى ئۇزگىچە بىر يۇرت،مەن شۇقۇمۇلدا غەمسىز باللىلىقىمنى ئۇتكۇزگەن، تۇۋەندە مەن ئۇچۇن قىممەتلىك بۇلغان ئەسلىمىلەر قاتارىدا تەمى تىلىمدىن كەتمىگەن <<نەزىر ئىشى>>نى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن، چالىسى بۇلسا مۇنبەردىكى ئەھلى ئاشپەزلەر ياردەمدە بۇلارسىزلەر،
بۇ تائام ئادەتتە يىڭى سۇيۇلغان پاقلان گۇشىنىڭ شۇرپىسىغا سىلىنىدۇ،ئەسلىمەمدە قىلىشىچە ،مەھەلىدە بىرەر ئۇيدە نەزىر ئۇتكۇزۇلمەكچى بۇلسا ،نەزىرنىڭ ئالدىنقى كۇنى مەھەلىدىكى بىرنەچچە ئايال مەزكۇر ئۇيگە يىغىلىدۇ، ئاندىن ئارىدىن ياش كۇچلۇك بىرسى قاتتىق خىمىر يۇغۇرىدۇ، خىمىر شۇنچىلىك چىڭكىن تاشقا مىسال بۇللايدۇ، ئاندىن ئۇنى بىر نەچچە يىيىم قىلىپ خۇددى قەغەزدەك يىيىشىدۇ، خىمىرنىڭ نىپىزلىكىدىن بۇ چەتىن ئۇچەت كۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، بۇ دىمەككە ئاسان بۇلغان بىلەن قىلماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئاندىن بۇ خىمىر پاكىز جايدا بىر ئاخشام قۇيۇلۇپ قۇرۇتىلىدۇ، ئەتىسى جامائەت كىرىشتىن بۇرۇن يۇغان قازاندىكى قايناۋاتقان شۇرپىغا ئۇۋۇتۇپ سىلىنىپ بۇش ئۇتتا ئۇزاق قاينىتىلىپ تەييارلىنىدۇ، قۇيۇق شۇرپا تەمى تىتىپ تۇرغان سىڭىشلىك بۇ ئاش بامداتىن يانغان جامائەتكە شۇنچىلىك تىتىپ كىتىدۇ،مەن بۇۋامنىڭ نەزىرىدە بىر نەچچە ياشانغان كىشىنىڭ ئەتىگەندە سەپىراغا تىگىدىغان پۇلۇدىن بۇ ئىزىلدۇرۇپ ئاش مىڭ ياخشى دىگىنىنى ئاڭلىغانمەن ، كىيىن ئۇزەممۇ ئۇيدە بىرەر قازان گۇش شۇرپىسى قىلىپ ئىتىپ باقتىم لىكىن قەيەرىدۇر كام ، بەلكىم مەن ئۇچۇن مىڭ ئۇلۇپ بىر تىرىلگەن قەدىردانلىرىمنى سېغىنىش بۇلسا كىرەك،