
ماتېريالى : گۈرۈچ چۆپى ( مى فېن ) 200 گرام ، يېسىۋېلەك 50 گرام ، قىزىلمۇچ چانالمىسى ئازراق ، سامساق ، زەنجىۋىل چانالمىسى ، تۇز ، جاڭيۇ مۇۋاپىق توخۇ تالقىنى ( بۇنى سېلىش - سالماسلىق ئىقتىيارىڭىز ، بازاردىكىدە توخۇ تالقىنى جى جىڭ بار )
تەييارلاش ئۇسۇلى :
1. گۈرۈچ چۆپىنى بىراز قاتتىق ھالەتتە پىشۇرۋالىسىز ئاندىن سوغ سۇغا سېلىپ شالايسىز !
2. يېسىۋېلەكنى كىچىكرەك پارچە - پارچە توغرايسىز .
3. قازانغا 50 گرام ماي قۇيۇپ سامساق ، زەنجىۋىل ، قىزىلمۇچ چانالمىسىنى سېلىپ سەل قورۇپ پۇرىقى چىققاندا يېسىۋېلەك توغرالمىسىنى سېلىپ ، چالا پىشقىچە قورۇيسىز ، ئاندىن گۈرۈچ چۆپىنى سېلىپ ، چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، جاڭيۇ قۇيۇپ رەڭگى ساغارغاندا ، تۇز سېلىپ ، توخۇ تالقىنى سېلىپ قازاندىن ئالىسىز !
ئالاھىدىلىكى : رەڭگى سارغۇچ ياكى قىزىل ، گۈرۈچ چۆپى گىرت- گىرت ، تامى مەززىلىك ئاچچىق بولىدۇ !
ئەگەر توخۇ تالقىنى ياكى تېتىتقۇ سېلىشنى خالىمايدىغانلار گۈرۈچ چۆپىنى شورپىغا سېلىپ قاينىتىۋەتسە ئوخشاشلا مەززىلىك تەم پەيدا قىلغىلى بولىدۇ .