青椒肉丝
خام ئەشيا
قوينىڭ دۈمبە گۆشى250 g، كۆكمۇچ 2 دانە
تۇخۇم ئېقى بىر تال، شورپا g 50
سۇيۇق كراخمال 20 g، تۇز 3 g ،
ئۇششاق غولپىياز بۆلىكى 10 g، تېتىتقۇ3 g،
جياڭيۇ 15 g
خاسىڭ ياكى سالات يېغى 1كىلوگرام( 60 g خورايدۇ)،
تەييارلاش جەريانى

1- گۆشنى ئۈگرە توغراپ، جياڭيۇ ،يۇز ھۆل كراخمال سېلىپ شىرىلىنىدۇ .كۆكمۇچ، غولپىياز ، زەنجىۋىلنى ئۈگرە توغرىلىدۇ .
2- بىر پىيالىگە شورپا ، جياڭيۇ، ، تۇز ، تېتىتقۇ قۇيۇپ تەڭشەلگەن شورپا راسلىنىدۇ .
3- قازاننى ئورتا ئوتقا قويۇپ ، ماي قۇيۇپ ، 6 ئۈلۈش قىززىغاندا گۆش سېلىنىپ تېز ئارىلاشتۇرۇلۇپ رەڭگى سارغايغاندا سۈزىۋېلىنىدۇ
4- قازاندا ئاز ماي قالدۇرۇپ ، غولپىياز ، زەنجىۋىل سېلىپ قورۇپ پۇرىقى چىققاندا ، كۆكمۇچنى سېلىپ ، ئارقىدىن گۆشنى سېلىپ ، تەڭشەلگەن شورپىنى قۇيۇپ ، پاقىرىتىش مېيى بېرىپ تەخسىگە ئۇسۇلىدۇ.


ئالاھىدىلىكى : رەڭگى قىزغۇچ ، يېشىل –سېرىق ، گۆشى يۇمشاق سىلىق ، كۆكمۇچ چۈرۈك ، تەمى تۇزلۇق ، ئاچچىق ، مەززىلىك
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار !
1- گۆش ، كۆكمۇچ توغرالمىلىرىنىڭ توم – ئىنچىكىلىگى ، ئۇزۇن – قىسقىلىقى تەكشى بولىشى لازىم .
2- ئەگەر رەڭگى ئاق قورۇما تەييارلاشقا توغرا كەلسە ، گۆش توغرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، سوغ سۇغا چىلاپ قېنىنى قاچۇرۇش كېرەك .
[ بۇ يازماناۋاتتەرپىدىن2010-08-04 21:10دە قايتا تەھر ]