ماتىريالى:پەمىدۇر ئىككى دانە،تۇخۇم بەش دانە،كوكمۇچ بىر دانە ،سۇماي

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،غولپىياز،سامساق
تەييارلاش:پەمىدۇرنى قىيپاچ شەكىلدە توغرايمىز،كۆكمۇچنى ئۇچبۇرجەك شەكىلدە
غولپىياز.سامساق لارنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز(رەسىمدىكىدەك)
تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز(ئازراق تۇز سېلۋەتسەكمۇ بۇلىدۇ)

قازانغا بىر چۇمۇچ ماي قۇيۇپ ماي قىزىغاندا تەيارلانغان تۇخۇمنى مايغا سېلىپ


سارغايغاندا،يەنە بىر تەرەپىنى ئورۇپ تەكشى پۇشۇرۇپ ئېلىۋالىمىز .
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ئازراق ماي قويۇپ غۆلپىياز،سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ
تەييارلانغان پەمىدۇر ،كۆكمۇچلارنى سېلىپ قورۇپ تۇخۇمنى سېلىپ ئازراق سۇ
قويۇپ تۇز سېلىپ تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:ئىشتەي ئاچىدۇ،قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ.ھەزىمگە ياردەم بىرىدۇ.
بەدەنگە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپ قۇۋۋەت بۇلىدۇ.مىڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ
يېقىنقى تەتقىقات نەتىنجىسىدىن قارىغاندا ئەرلەر پەمىدۇرنى كوپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە
مەزى بېزى ياللۇغى بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
قىزلار ئىستىمال قىلسا .......بۇنى مۇنبەردىكى شىرىن ،بەرنا ،كۇلقىز،شەخلا،نۇزۇگۇم
ئوزھال0908،سۇمرۇغ، ئۇيقىدىكى نازىن ،ئاينارى ،ئىنتىزار،قار مەلىكىلەردىن سوراپ بىلۋېلىڭلار