بۈگۈن چايكەن قاينامدا،
جابدۇنغىن تىز بول دىدىڭ،
قانداق تولغاي بويۇن مەن ،
بۇ ئۆيدە سەن ئەر ئىدىڭ.
قېنىق قىلدىم گىرىمنى ،
قويىۋەتتىم چىچىمنى.
پىياز كۆكى كۆڭلىكىم ،
ئىچىۋەتتى ھۆسنۇمنى.
بىزنىڭ خوتۇن چىرايلىق،
ماختىۋەتتىڭ ئۆزەڭچە.
تاقىۋالغان بايلىقتىن،
پەخىرلەندىڭ ئالەمچە.
ۋاقىت قىستاپ ئالدىرىدۇق،
پۇت قۇللارغا يېتىشمەي.
مانا ئەمدى چىقماقچى،
ئىشىكلەرگە پېتىشمەي.
دەل ھالقىلىق پەيىتتە،
ئالەم توختاپ قالدىمۇ،
ياكى بىراۋ بۇيرۇق قىپ،
كەينىڭگە باق دىدىمۇ؟
توۋا مەنمۇ ئانىمۇ،
كۆڭلۈم ياكى قارىمۇ؟
يغلامسىراپ بىر جۈپۈم،
تەلمۈرۈشۈپ تۇرىدۇ.
كىچىكىنە گۆدەكلەر ،
بىزسىزقانداق قىلىدۇ.
قازاندىكى ئېشىنى ،
قانداق ئۇسۇپ ئىچىدۇ،
يالغۇز ئۆيدە بىزلەرسىز،
قوقماي قانداق ياتىدۇ،
بىزغۇئويناپ كۈلەرمىز،
رېستۇراندا ياشارمىز،
چۆچۈرىدەك باللارنى ،
قانداق تاشلاپ كېتەرمىز،
ئوماقلىرىم قوقمىسۇن،
كۆزىدىن ياش ئاقمىسۇن،
ئۈمچىيىشىپ بىزلەرسىز،
بۇيۇن قىسىپ قالمىسۇن .
قۇلاق سالغىن دادىسى،
شۇ ناتىۋان بالىلارنىڭ،
بىزدىن باشقا كىمى بار،
ماڭا چاينى كىم دەپتۇ ،
مەن بارمايمەن ئۆزۈڭ بار.
[ بۇ يازماkarmalikaتەرپىدىن2009-05-09 01:40دە قايتا ]