illikdunya.biz abduheni
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2822
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 817(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================




مۇھەممەتجان راشىدىن

ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك،
تالاي تەنقىد - تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يەپ ئۆگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى،
يېقىنلىرى «يېمە ! » دەپ يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك.

ئالىدىكەن يالغاندىن قوبۇل قىلىپ پىكىرنى،
ئالىدىكەن ئۆزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى،
ئۆگىنىپتۇ قوشۇپ يەپ قانائەتنى،«شۈكۈر ! »نى،
ھېسابىدا ئارتۇق، كەم كۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك.

شېرىنكانە بىرىدىن، تامغا ھەققى بىرىدىن،
جايلايدىكەن قورقماستىن ئېپى كەلگەن يېرىدىن،
ئۇنداقلارنىڭ خۇش ئىكەن خوتۇنلىرى ئېرىدىن،
خوتۇنلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.

يىلدا خوتۇن يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
بايلىق ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەدە تاۋكا؟! شۇ يەردە ئۈنگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەچچە ئۆلۈپ تاۋكادا، تىرىلسىمۇ يەپتۇدەك.

نەچچە يەردە ئۆيى بار، نەچچە يەردە داچىسى،
بىر ئاشنىسى «سىڭلىسى»، بىرى يالغان ئاچىسى،
خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ يۈز كويلۇقتۇر پارچىسى،
تۇغقانلىرى تەشۋىشتە «بەس ! » دېسىمۇ يەپتۇدەك.

ۋىجدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەڭ تېگىنى،
يېگەنلەرنىڭ يالغاندۇر «خۇدا بەردى !» دېگىنى،
يەتمىگەندەك ۋاي تېخى، ياشلىقىدا يېگىنى،
بەزىلىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك.

بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر رەسۋا بولغاندەك،
كۈندە سۇنماي كوزىمۇ ئاخىر بىر كۈن سۇنغاندەك؛
گاھى چاغدا كۆڭلى غەش خۇددى پوق يەپ قويغاندەك،
تاغدەك تەشۋىش ئۆزىنى قىينىسىمۇ يەپتۇدەك.

ئۆلەمدىكىن ئۇنداقلار زادى پارا يېمىسە،
قىلامدىكىن خىيانەت ئۇلار يولدىن تېنىسە؟
يا بەختلىك بولمامدۇ بىر ئۆزىنى دېمىسە؟
ئۇ ۋە لېكىن، باشقىلار يېمىسىمۇ يەپتۇدەك.

شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى بىزدە تۈزۈم، ئەخلاقنى؟
ئېچىپ بەردى شەيتانغا ئىشىك بىلەن قاپقاقنى،
باشلاپ بېرىپ ئاشۇلار باغدىن غورا قاقماقنى ...
ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك.

ئىچ ئاغرىتماڭ ئۇلارغا، قانۇن سوتقا تارتقانغا،
تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا،
ھەيران بولماڭ ھەر قېتىم بىر، ئىككىنى ئاتقانغا،
چۈنكى، چىتقا چاۋىسى يېيىلسىمۇ يەپتۇدەك.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(karmalika) تەربىيىۋى ئە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-08 23:53 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    nuzugum

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 2102
    شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
    تۆھپە: 123 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2485 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    يارايسىز
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-09 00:12 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    karmalika
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 217
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 134
    شۆھرىتى: 1425 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6535 دوللار
    تۆھپە: 13 ھەسسە
    ياخشى باھا: 150 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    خىيانەتنى  تولا  يەپ  قوساقلىرى  تومپىيىپ ،
    ئايىقىنىڭ  بوغقۇچىنى  چېگىشنىمۇ   قىلالماي.
    نەچچە  قەدەم  ماڭمايلا  نەپەسلىرى  قىسىلىپ،
    سېمىزلىكتىن  ھەممىسى  كېسەل  كۆرپىسى  بوپتۇدەك.....
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-09 00:20 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( karmalika ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    noruz
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 76
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 182
    شۆھرىتى: 1950 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2301 دوللار
    تۆھپە: 113 ھەسسە
    ياخشى باھا: 260 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    تېمىغا رەھمەت!
    udum
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-09 01:50 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( noruz ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شۇڭقار
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 61
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 195
    شۆھرىتى: 2353 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2730 دوللار
    تۆھپە: 123 ھەسسە
    ياخشى باھا: 299 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    سېمىز لىكنىڭ  دەستىدىن شىم تاپالماي  بازادىن  .
    كۆينەك  كىيىپ  ماتادىن  دەرۋىشلەردەك  يۈرگۈدەك،
    چارە  قىلماي  گېلىغا  ،  كىسەل  يامراپ  تېنىگە.
    توۋا  قىپتۇ  يېگەندىن  ئىزا  تارتىپ  ئۆلگۈدەك.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-09 03:11 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شۇڭقار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    140
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 458 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    كانىيىدىن ئۆتىدىغانلا ئىش بولسا كۆمۈر بىلەن تۆمۈرنىمۇ يەيدۇ ئۇلار
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-09 16:55 | 新疆

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 140 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    نەسىن
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 496
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    شۆھرىتى: 615 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 820 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 109 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    <<باسما قۇدۇق>> دەپتىكەن پارىخۇرنى بىر دانىش ،
    سۇ قۇيمىساڭ بىر چۆمۈچ ، ئۇندىن زۇۋان چىقمايمىش .
    يېغى بولسا توپىنى يالماپ - يۆمەپ يۇتارمىش ،
    كېكىرتىكى تۆت يەردىن تېشىلسىمۇ  يەپتۇدەك .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-09 22:05 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نەسىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا